版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34580926.html

    جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلىشىدىكى سىر


    كورىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا ئىلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دىيىلدى:  مۇشۇ كۈنلەردە جۇڭگۇلۇقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت- بايراملار مەسىلىسىدە بەس- مۇنازىرىگە چۈشتى. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى بايراملاردىن پەقەت چاغانلا قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام قاتارىغا كىرەلىگەن.
    ئەمما ھازىر چوكانتال، تاۋۇز چاغىنى ۋە تاڭزۇڭزا بايراملىرىنى قانۇنىي بايراملار قاتارىغا كىرگۈزۈش ساداسى كۆتۈرۈلدى. مۇنداق ئەھۋال ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگۇ مەركىزىي تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق كوڭزىنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈش جەريانىنى تەشۋىق قىلدى. مەدەنىي مىراسلار كۈنىنى بېكىتتى.  ماۋزىدۇڭ دەۋرىدە سوتسىيالىزىمنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەقەززالىق جۇڭگۇ خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋىتىلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە خەلقنى زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مەقسىتى روياپقا چىقتى. ھازىر ئەنئەنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ساداسى كۈچەيدى.
    ئەگەر جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ كارخانىچىلارنىڭ پارتىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئىقتىسادىي قاتلامدىكى بۇرۇلۇش دىيىشكە بولسا، ئۇنداقتا جۇڭگۇدا كۈچەيگەن ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە جۇڭگۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى ئورتاق تونۇش تۇيغۇسىنى مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى بۇرۇلۇش دىيىشكە بولىدۇ.
    چەتئەللىكلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى چىقىش قىلغاندا، جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ بۇنچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلىشىنى ھىچكىم ئەقلىگە سىغدۇرالمايدۇ. ئەمما جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىرىنىڭ  كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان دەۋر ئېقىمىنى توغرا تۇتۇۋىلىشتا ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە ھەم ئۇنىڭ تولىمۇ جانلىق ھالدا ئۈزلۈكسىز بۇرۇلۇش ياساپ، ئۆزىنى دەۋرگە ماسلاشتۇرالايدىغانلىقىنى، جۇڭگۇ خەلقىگە توغرا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغىنىمىزدا، جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنىڭ خىسلىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز. مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىك جۇڭگۇ كومپارتىيەسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتە دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۆمۈرى ئۇزۇن پارتىيەگە ئايلاندۇرغان.

    *************************************************************
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 6- بەت. 2007- يىل 25- دىكابىر سانى.
    تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ

    *************************************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: