版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34600774.html

    ئۈچ سۇئالغا بىر جاۋاب


          بىر كىشى بىر دەرۋىشتىن ئۈچ سۇئال سورىدى.
          بىرىنچى سۇئال: سەن نىمە ئۈچۈن ھەممە جايدا خۇدا ھازىر دەيسەن؟ مەن ھىچ يەردە كۆرمىدىم، كۆرسەتكىن.
          ئىككىنچى سۇئال: گۇناھ ئۈچۈن نىمە دەپ سىياسەت قىلىشىدۇ؟ نىمە قىلسا خۇدا قىلىدىغۇ، ئىنساندا نىمە قۇدرەت بولسۇن؟ خۇدانىڭ ئىرادىسىسىز بەندە ھەر قانداق ئىشتا قۇدرەتسىزدۇر.ئەگەر ئىنساندا قۇدرەت بولسا ئىدى، ئۆزى ئۈچۈن ھەممە ئىشلارنى ياخشىراق قىلغان بولاتتى.
          ئۈچىنچى سۇئال: خۇدايىتائالا شەيتاننى قانداقمۇ دوزاخ ئوتىدا ئازاپلىيالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ ئوتتىن يارىتىلغان تۇرسا. ئوتقا ئوت قانداقمۇ تەسىر قىلالىسۇن؟
          دەرۋىش بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بولۇپ، چوڭ بىر كېسەك بىلەن ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى. ئۇ كىشى يىغلىغان پېتى قازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
           پالانى دەرۋىشتىن ئۈچ سۇئال سورىغان ئىدىم، ئۇ سۇئالىمغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا كېسەك بىلەن بېشىمغا ئۇردى. كېسەك بېشىمغا شۇنداق تەگدىكى، ھازىرمۇ ئاغرىۋاتىدۇ.  دەپ ئەرز قىلدى.
          قازى دەرۋىشنى چاقىرتىپ سورىدى:
           نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا كېسەك بىلەن ئۇردۇڭ؟ ھەم سۇئالىغا جاۋاب بەرمىدىڭ؟
           جاۋاب بەردىم ،  دىدى دەرۋىش.  ئاشۇ كېسەك ئۇنىڭ سۇئاللىرىنىڭ جاۋابىدۇر.
          بىرىنچى، ئۇ بېشىم ئاغرىيدۇ دەيدۇ. ئۇ ئاشۇ دەرتنى كۆرسەتسۇن، قەيەردىكىن؟ ئاندىن مەن خۇدانى كۆرسەتكەيمەن.
          ئىككىنچى، ئۇ ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىدا نىمە ئۈچۈن نالە قىلىدۇ؟ ھەر نىمە قىلسا خۇدا قىلدى ئەمەسمۇ؟ خۇدانىڭ ئىرادىسىسىز ئۇرغىنىم يوققۇ؟ مەندە ئۇنى ئۇرماققا نەدىمۇ قۇدرەت بولسۇن؟
          ئۈچىنچى، ئۇ تۇپراقتىن يارىتىلغان تۇرسا، تۇپراقتىن ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئەلەم يەتسۇن؟
         ئۇ كىشى شەرمەندە بولدى. قازى دەرۋىشنىڭ جاۋابىنى ماقۇللىدى.

    ****************************************
    مەنبە: «قىياپەتنامە ۋە سائەتنامە» 92-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل 1-ئاي نەشرى
    تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا توربەتكە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ

    ****************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: