版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/231598718.html

    سۈزۈك سەپەر
     

    ‹داستان›


    ئادىل تۇنىياز


    (1)

    مەنمۇ، چۈشمۇ ئاپتوبۇستىكى؟
    بىر دەۋرمۇ ئايلىنىۋاتقان
    بىر غېرىبلىق قۇياشى ياكى؟
    ئايلانماقتا ماشىنا چاقى
    سېھىرگەرگە، قۇيۇنغا، نۇرغا،
    قارا رەڭدىن دۈگىلەك قوڭۇرغا،
    قارا يولدىن كەڭ ئىدىيىگە.
    قۇرۇقدالغان كاللام بىر لەھزە
    توختاپ قالغان روھۇم بىر دەۋر،
    يىل بىلەن يىل تەكرار پارىلداپ
    بېسىپ كىرگەن سانسىز ئاي -كۈنلەر
    قەتلى قىلىپ، قورقۇتۇپ، ئالداپ،
    مىنۇتلارنىڭ قىزىل ئىزلىرى
    ئىزدۇر گويا ۋۇجۇدۇمدىكى.
    خوش ئۈرۈمچى
    شەھەرلەر سىرتىدىكى تەنھا شەھەر
    تەنھالىقى تىل، ۋاقىت، مەرمەر.
    ئۇچۇۋاتقان تىلى دەل-دەرەخلەر،
    كۆچۈۋاتقان قۇم ۋاقىت چۆلى.
    تەشۋىشلەرنىڭ باش ئايىغى يوق
    ماڭار دېڭىز قالدۇرماي ئىز.
    پەقەتلا بىز،
    پەقەتلا بىز قۇرۇق قول، سەرسان
    يوقتۇر باشقا بارار جايىمىز.
    ئاياللار قىرغاق تەنھالىق دېڭىز
    يوقتۇر باشقا بارار جايىمىز...

    بۇ غېرىب ئاي
    سەپەر قىلدىم،
    ئەينەك ئالدىدا
    شۇنچە لېۋەن يېشىنمەكتە كۈز،
    كۆز ئالدىمدا نازلىنىپ ياتار
    بەدەن ئۆڭى سارغۇچ تالا - تۈز.
    تاغلار ئۇزۇن قوشۇن تارتقان،
    سۇ ئۆتىدۇ ناگان-ناگان.
    ئۈزۈك-ئۈزۈك يېشىل يېزىلار
    تېرەكلەر يۈگۈرەر سۆڭەكتەك ئاق.
    شامال شورلۇق يەرلەرنى يالار
    تېرەك غىدىقلىنار يۇپيۇمىلاق.
    ھەسرەتمۇ يا شەھۋەت؟
    ئىچىڭدە قاينايدۇ بۇلاق.
    جىگدىلەر قاغىجىرىغان،
    مۇڭلۇق، مىسكىن، جىغان، يانتاق.
    سايلار ئىچىڭدىكى سايلار
    تاشلار قاتقان يارا ئىز.
    ھاۋا ئاچ قالغان ئوت ھايۋىنى
    كۈننىڭ مەجبۇرلىشى چىدىغۇسىز.
    ئاسمان كۆپكۆك مەست
    بىراق بىزگە قالغىنى ئاسمان ئەمەس،
    كىچىككىنە كۈل رەڭ بوشلۇق ۋە
    قىستاۋاتقان تۆت تامنىڭ ئىچى.
    ئەي، كۆك تەڭرى
    بىز ئاسماندىن ئايرىلدۇق،
    بىز يوقاتقان بارچە نەرسىنى
    يوشۇرۇنچە ئاسمان دەپ بىلدۇق.
    ئاسمان تىترەر كارىۋىتىمىزدا
    ئاسمان چاقنار تارىخىمىزدا
    ئاسمان قالدى ئايىغىمىزدا
    ئاسمان يوقالدى قاراڭغۇلۇقتا...

    قاراڭغۇ چۈشتى
    تورۇك-تورۇك،
    پىلدىر-پىلدىر،
    شىلدىر-شىلدىر.

    قاراڭغۇ چۈشتى
    يۇمشاق،
    قارا،
    يۇمىلاق.

    قاراڭغۇ چۈشتى
    خۇشپۇراق،
    سوغۇق،
    پاتقاق.
    قاپقارا بۇلاقلار
    ئوقچۇپ چىقماقتا،
    دېرىزە سىرتىدا.
    قاپقارا ئۇ ئۇخلاپ قېلىشتەك،
    زىبادۇر ئۇ يالىڭاچلىنىشتەك،
    يالتىراق ئۇ شەمشەر-قىلىچتەك.
    قاپقاراڭغۇلۇق
    تونۇمايدۇ ھېچكىمنى ھېچكىم،
    ئىسىم ھەتتا ئەمەس ئۆزىنىڭ،
    تىرىكلىكى ئۆلۈشتەك غۇۋا.
    سۈكۈت خۇددى باشقا بىر ھەرىكەت،
    قول بىروۋنىڭ قولىدۇر گويا،
    قان قان ئەمەس ئوخشايدۇ سۇغا،
    بارچە شەيئى چىڭ ساقلانغان سىر
    قاتمۇ قات تور تارتىلغان نۇرغا.
    كېچە ئەمەس بۇ،
    كېتىۋاتقان ئاسماندا غۇۋا
    مۈڭگۈزلىرى شاخلىغان بۇغا.
    قاراڭغۇلۇق پەرىسى
    ئۇخلار قارا پەرەنجىنىڭ ئىچىدە،
    ئاپئاق سۈتى جىرتىلداپ تېشىپ
    دومىلايدۇ ئەمچەكلىرى ئۈستىدە
    تامچە-تامچە يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ.
    بىز يۇلتۇزلار ئازغان بېلىقلار
    كىرىپ قالدۇق تورنىڭ قات-قېتىغا.
    بىز يۇلتۇزلار ئەما قەبىلە
    پارقىرىغان ئېگىزلىكلەردىن
    مىنىپ قالدۇق ئۆلۈم ئېتىغا.
    ئاتلار چاپقۇلدىغان قارا ئاتلار،
    ئاتلار توختاپ قالغان ئاق تېرەكلەر،
    ئاتلار ئاپئاق ئاتلار سۈكۈتتىكى،
    ئاتلار پۇشقۇرماقتا قاپقارا رەڭ.
    ئاتلار تۇيىقىدىن يۇلتۇز چېچىپ
    ئۈستىمىزدە جەڭ ئېلان قىلىدۇ تون بىلەن
    ئاتلار، مەڭگۈلۈكنىڭ ئۆلمەس ئېتى.

    ئېگىزلىكتە كېچە ئۆز پېتى،
    بەسلەشمەكتە يۇلتۇزلار بىلەن
    ئاپتوبۇسنىڭ مېڭىش سۈرئىتى.

    چۆل سەلتەنەتلىك ئىمپېرىيە،
    بويسۇندۇرغان يەرلىرى ياتار
    كۈن چىقىشتىن، كۈن پېتىشقىچە.
    يولۋاس تېرىسىدە ياۋايى خاقان،
    شامال يارلىقلارنى ئېلىپ ماڭغان.
    يۇلغۇن چېچەكلىرى تاۋار-دۇردۇن
    گىياھلار خوتۇن-قىز ئولجا ئالغان.
    سەھەردۇر سەھەر
    سەھەر كىتابنىڭ يەنە بىر بېتى.
    قۇياش لەشكەرلىرى سان-ساناقسىز
    چۆل قىزىللىقتا، ئاقىدۇ قان،
    ئۇ گويا ئىمپېرىيە خارابلاشقان.
    ئۇ گويا تاش شەھەر،
    قۇشلار سايرايدۇ تاش ئاۋازدا
    تاش دەرەخلەر سىلىق، يۇمىلاق.
    جىلۋە قىلار تاش چېچەكلىرى
    سۈزۈك تاشلار سۈپسۈزۈك بۇلاق.
    تاشقا ئايلانغان ھال رەڭ، يەتتە رەڭ
    تاشقا ئايلانغان خۇشپۇراق.
    تاشلار جىمجىت ئۇسسۇلغا چۈشكەن،
    تاش ئۈستىدە تاشلارنىڭ روھى
    مۇڭغا پېتىپ ئۇزۇن ئۇزاق
    تاش مەرسىيىگە سالىدۇ قۇلاق.
    تاشلارنىڭ قاتتىق كوچىسىدا
    ئەرلەر ئازابتىن قېتىپ كەتكەن.
    ئايال تاشلار سىلىق، ئوماق،
    ئۇنتۇپ ئۆزۈڭنى نەچچە ئەسىر
    تۇتۇپ تۇرغۇڭ كېلىدۇ سىيلاپ.
    ئالدىمىزدا يېيىلغان بىر تاش كىتاب
    ئېقىۋاتقان ۋاقىت ئۇنىڭ مەزمۇنى
    ئەمالاردەك ۋاراقلايمىز بىز ئۇنى.

    ۋاقىت
    ئوينىماقتا
    يالىڭاچ ئۇسسۇل
    ھەۋەسلەرنى ئۇرغۇتۇپ
    قارا يول بىلەن
    شىددەتلىك چاق ئارىسىدا،
    قۇياش بىلەن جىگدىلەر ئارىسىدا.
    قۇياش بىلەن تەن ئارىسىدا
    ئىزى، ئىزى، ئىزى
    چەكسىز چۆل-جەزىرەنىڭ.
    ۋاقىت ئۆتمەكتە دېرىزىدىن
    سۈزۈكلۈك ئىچرە يېغىلىق،
    ياشىيالماي، ئۆلەلمەي بېلىق
    پىلتىڭلار، ماكىلدار رىتىملىق.
    سۈركەلمەكتە تەنلەرگە كۆزنەك،
    لاپ ئېچىپ يۇمۇلغان كۆزدەك
    ئەسىرلەپ ئېيتالمىغان سۆزدەك.
    قولۇم شامالنى سىيلىماقتا،
    قولۇم شامالنى بويسۇندۇرماقتا،
    ئاۋاز بىر پەسىيىپ بىر ئۆرلەپ
    ئاۋاز بىر ئۆچۈپ بىر ئاڭلىنىپ
    شامال مۈرەمدىن سىيرىلماقتا...
    تۇيغۇمدىكى پارتلاش.
    سۆڭەكلىرىمدىكى دۇمباق ئاۋازى.
    ياۋايى قەبىلىنىڭ مۇراسىمى.
    جىنسىيەت، دىن ھەمدە دەۋرىيلىك.
    ۋاقىت - دىنىي ئاڭ،
    ۋاقىت بېسىلغان شەھۋەت ،
    قويۇۋەتتى ئۆزىنى ئەر-ئاياللار
    ئەمدى ۋاقىتتا قالمىدى بەرىكەت.
    قۇرىماقتا بۇندا شەھەرلەر
    غېرىبلىققا باشلىدۇق سەپەر.

    ئاپتوبۇس يۈرمەكتە
    ئالتۇن شولىلىق زېمىن ئۈستىدە
    قۇم دۆڭلىرى ماڭار بىز بىلەن
    قىزىل تۆگىلەرنىڭ يۈرۈشىدە.
    كۆيمەكتە توغراقلار
    قۇملار ئۆزىنى سىيلىماقتا،
    چەكسىز قۇملۇق ئىچ -ئىچىدىن
    زەرداب نېفىتنى يىغلىماقتا.
    يىغلىما دوستۇم
    توغراقلارنىڭ يېشىل تۇغلىرى
    ئۈستىمىزدە تۇرسا لەپىلدەپ.
    بىز ياشايمىزتەبىئەت بىلەن
    بىز توغراقتەك تۇرىمىز كۆكلەپ.

    تۈگىمەس يول
    تەنھالىق يولى،
    يول بىر جۈملە خەت زېمىندىكى ،
    ئاي كۈمۈش پەش، كۈن ئالتۇن چېكىت.
    ئۇيغۇر تىلى ئورماندۇر جىمجىت،
    بىر-بىرىدىن شېرىن مېۋىلەر
    قول تەگمىگەن ياۋا چېچەكلەر
    جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ ئۇندا.
    ئۇ تەنھا قۇش ئانا زېمىندا
    قانات كېرىپ ئايلىنىپ يۈرگەن،
    يات تۇيۇلۇپ ئۆزىگە بەزەن
    ئىزدەۋاتقان ئۆزپەرۋازىنى.
    ئېقىن سۇلار دورىماق بولار،
    ئۇنىڭ گۈزەل، پاك ئاۋازىنى،
    مۇڭلۇق ھەمدە شوخ ھالىتىنى.
    شەھەرلەردە يات-يوچۇن ئادەت
    مۇزدەك چاقناپ تۇرغان سانائەت،
    ھەم ناتونۇش كىشىلەر توپى،
    ئۇ كوچىدا يۈرەر تەمتىرەپ.
    ئۇيغۇر تىلى
    ئاغزىمىزدا ئاق كەپتەرلەردەك
    جۇلالىنىپ تۇرغان گۆھەردەك
    يىپەكتەك ،شارقىراتمىدەك
    يېتىپ بارار يىراق-يىراققا.
    ساقلار بىزنىڭ غۇرۇرىمىزنى
    سالار دەردكە، ئىشقى-پىراققا.
    ئىپادىلەيدۇ ئۇ سۈكۈناتنى،
    غايىب دۇنيانى ،سىر تىلسىماتنى؛
    «ئاۋىستا»نى، (مانى دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى)
    مانىنىڭ دۇئالىرىنى ،
    تەپسىرلەنگەن نوم يىلتىزىنى،
    ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرغان
    بۇددىستلارنىڭ يوقىلىشىنى،
    نېرۋاناغا يېتىپ مەڭگۈلۈك.
    ئىرۇسالىم پۇقرالىرىغا
    سۆزلەۋاتقان ئەيسانى كۈلۈپ.
    قۇلىقىغا رەسۇلىللاھنىڭ
    جىبرائىلنىڭ شىۋىرلىشىنى،
    ئوپۇقىمىزدا جىمىرلىشىنى
    ئىسلام نۇرىنىڭ،
    ئىپادىلىمەكتە-
    ئۇيغۇر تىلى.

    ھاۋادا ھېچكىم يوق.
    ماڭماقتا ئاپتوبۇس،
    ھاۋادا ھېچكىم يوق.
    قۇياش كۆيدۇرمەكتە،
    نۇتۇق سۆزلىمەكتە-
    قۇياش،
    بەزىدە خاتا ئاڭلايمىز،
    سۆزلەپ ئۆز سۆزىمىزنى.
    ‹قۇرئان› ئوقۇۋېتىپمۇ
    يۇمۇۋالغاندەك كۆزىمىزنى.
    نەگە ماڭدۇق ، بىز قەيەردە
    يېنىمدىكىلەر ئۇيقۇغا كەتكەن.
    ھاۋادا ھېچكىم يوق
    مۆجىزە يۈز بەرمەكتە
    يېنىمدىكىلەرئۇيقۇغا كەتكەن.
    ئۇيقۇ دەرەخلەردە
    مېۋىلىرى سۈتلۈك ،غۇۋا.
    ئۇيقۇ تارقىلىۋاتقان سېھىر
    ئاستا-ئاستا قالىمىز قېتىپ.
    ئۇيقۇ ئۆلۈم شەھىرى
    دەرۋازىسىدىن بىلمەستىن كىرىپ
    چىقىمىز ئەرۋاھلارغا ئايلىنىپ.
    شەھەرلەر سالدۇق ئۇيقۇ ئىچىدە،
    ئايرىلىپ قالدۇق ئۇيقۇ ئىچىدە،
    ئالدۇق ،تونۇلدۇق ئۇيقۇ ئىچىدە،
    كەتتۇق ، ھالاك بولدۇق ئۇيقۇ ئىچىدە.
    يېدۇق،
    ئىچتۇق،
    ياشىدۇق،
    ئۇيقۇ ئىچىدە.
    كەتتى،
    ئۇچتى،
    تۈگىدى،
    بىز نېمە قىلدۇق؟

    ئالماشماقتا
    مەشرىق مەغرىبكە،
    شامال قۇياشقا،
    سۇ تاشقا،
    بۇ شەھەر ئۇ شەھەرگە،
    بۇ ئېرىق ئۇ ئېرىققا،
    بۇ ئادەم ئۇ ئادەمگە،
    ئادەم تۇپراققا،
    تۇپراق ئاسمانغا،
    ئاسمان يوقلۇققا.

    ئەي قوڭۇر تۇپراق
    سەندىن كەلدۇق
    سۆيىمىز سېنى!


    (2)

    بۇ سەپەرنىڭ ئىسمى:
    سېنى ئاشىقلاردەك ئۇزاتتىم
    مېنى پەيغەمبەردەك كۈت.

    تېنىم سەپەردە
    تېنىڭ سۈكۈت.

    خېتىڭ تەگدى،
    چەكسىز قەغەزدە
    ئەرەب دېڭىزى ئاپئاق چايقىلار،
    ھاياجان كۆك رەڭدە ۋە قارا رەڭدە
    ھەرپلەردۇر ئۇچۇپ يۈرگەن چايكىلار.
    قوللىرىم قىرغاق،
    قۇچاقلىرىڭ دولقۇنلايدۇ.
    قۇچاقلىدىم يىراق -يىراق،
    ئارىمىزدا چوڭقۇر پىراق،
    ئارىمىزدا دېڭىز تەشنالىق.
    ئاخشام پايانسىز چايقىلىپ ياتار
    قىزلىقىڭ جىمىرلىغان دېڭىز سۈكۈتى،
    دولقۇنلاردىن ۋۇجۇدۇم ھۆل،
    كارىۋېتىمدا دېڭىزنىڭ چۈشى.
    كېچىلەردە غېرىبلىق چەكسىز
    يۇتۇۋېتەر يالماپ ئۆي مېنى.
    يېنىم مۇزدەك ،يۈرىكىم مۇزدەك
    «ياستۇقۇمنىڭ ئارتۇق يېرىمى».
    ئويغىنىمەن تەكلىماكان قۇملۇقىدەك
    قىزىپ، ئېچىرقاپ ،ئۆز -ئۆزۈمنى يەپ.
    قارايمەن ھەر يانغا ئورنۇڭ بوش تۇرغان
    تۇرمۇشۇمنى ۋاقىت قۇمغا توشقۇزغان ...

    تەن سەپىرى
    ئوقۇش سەپىرى،
    خۇددى ئەمالار يول مېڭىشىدەك،
    خۇددى بەدەنلەر قول مېڭىشىدەك.

    سۆزلەشكەندە بوران بىلەن ئوت،
    كۈن بىلەن دېڭىز،
    روھ بىلەن تەن،
    بىر قولىدا ئۈرۈمچى
    بىرقولىدا ئەل ئەيىن
    ئاۋاز تىڭشاش پەرىشتىسىنىڭ.
    جۈپلەشكەندە تېلېفوندا لېۋىمىز
    توختاپ قالار ئەتراپ چىپپىدە،
    لېۋىڭ غايىب بولار گىلاستەك،
    قولۇم غايىب بولار تېنىڭدە.
    ئاندىن ئۇچۇپ كېتەر پۇررىدە
    ئاۋاز تىڭشىغۇچى مالائىكە ۋە
    بەخىرامان دانلاۋاتقان
    ئاۋازلارنىڭ ئوماق كەپتىرى...

    ئىسمىڭ بۇلاق -
    بۇلدۇقلاپ چىققان،
    ھەرنەرسىدىن قولۇم تەگكەن
    ۋە ھەر يەردىن قەدىمىم يەتكەن.
    ئىسمىڭ ئۈزۈم -
    ساڭگىلاپ تۇرغان تىل بېغىمدا.
    ئىسمىڭ -پەرىشتىدۇر
    ئەخلاقىمنى قوغدىغۇچى،
    كوچا-كويغا چىققان چېغىمدا.
    ئىسمىڭ گۈزەل ھەسەل ھەرىسى
    شىرنە يىغار ۋاقىت بېغىمدا.
    ئىسمىڭ چىقار چىقسام مۇنچىدىن،
    ئىسمىڭ كىرەر كىرسەم ياتاققا.
    ئۇخلاپ قالار ئىسمىڭ تۈنلەردە
    مەندىن بۇرۇن چىقىپ كارىۋاتقا.
    تاڭ ئاتقاندا
    ئويغىنار ئىسمىڭ
    سان-ساناقسىز مامكاپلاردەك.


    (3)

    بىر كوزا قىزىل يۇلتۇزنى
    چوقۇماقتا ھەيۋەتلىك خوراز.

    بورانلىق تەن،
    تەن ئۈستىدە پۇرۇقلىغان ماگما ئېغىزى،
    مەجنۇنتال چىشلەر سايراپ ئۆز چېچىنى.
    كرىستال: پۇت قوللارنىڭ سۆز يىلتىزى.
    ۋارقىرا! قومۇرۇلسۇن سۆز يىلتىزى.
    ساراڭ بول، ھۇررا ساراڭ! ياشا ساراڭ!
    ئاتلارنى بوشىتىڭلار توسۇن -توسۇن.
    تىقىڭلار نەيزىلەرنى چىڭ پاتۇرۇپ
    بېسىپ كىر ئەي قۇدرەتلىك بۈيۈك قوشۇن!

    تەن سەپىرى - ھەربىي يۈرۈشتۇر
    تېرىلەرنىڭ ئاستىدا ۋە ئۈستىدە.

    ئاياللار دۆلىتى
    ئاتلانماقتا
    پىللارغا مىنىپ.
    ھەر ئىككى تەرەپ يېڭىلگەن،
    ھەر ئىككى تەرەپ يەڭگەن.
    شىددەتلىك قانلىق جەڭ،
    بىر جەڭ، توققۇزى رەڭ.
    رەڭلەر قۇيۇنى يېنىمىزدا،
    مورلايدۇ، چىشلەيدۇ، چىچاڭلايدۇ
    ئۆلۈم چاقماق چاقار قېنىمىزدا
    يېقىملىق بۇ ئاۋازنى كىم ئاڭلايدۇ؟
    تىڭشىماڭلار بىلجىرلىسا بىلجىرلىسۇن،
    توسىماڭلار نېمە قىلسا شۇنى قىلسۇن،
    توشقانلار ئاپئاق-ئاپئاق، تۈكى يۇمشاق
    پۇتى ئوماق،
    ئېچىلىش ئوماق،
    تېمىۋاتقان تەر چېچەكلىرى
    ھەمدە بىر جۈپ قوڭغۇراق
    بوغۇزىدا يالقۇن لەھەڭنىڭ ...

    ئەي، خانىش
    بۇ شەھەرگە كەل،
    كۈچتۈڭگۈر بىر قالپاقلىق پالۋان
    سېنىڭ تەنتەنىلىك تەبرىكنامەڭنى
    غالجىرلارچە ئوقۇشقا تەييارلانغان.
    قوللىرىم - يۈگرۇپ يۈرگەن جاكارچى،
    تېرىلىرىم كۈلۈمسىرەپ تۇرغان
    گاچا ئۇسسۇلچى،
    نېرۋىلىرىم-ئېتىلىۋاتقان ھۆرمەت توپى.
    ئىدىيەم ياتلارنىڭ تارمار بولغان قوشۇنىدەك
    ئەييۇھانناس، ئۆلمەكتە بىر-بىرلەپ...
    كېچە ئۆزىنىڭ ھەشەمىتىنى، ھەسرىتىنى، تارىخىنى
    تېرەڭنىڭ ئاستىدىكى قۇمغا يوشۇرۇنغان.
    قۇملۇق ئېچىلماقتا مەخپىيىتىڭدەك
    بايلىقىڭ، كۈچ-قۇدرىتىڭ، غېرىبلىقىڭدەك
    تەن ئۆزىنى ئىزدەۋاتقان،
    تەن ئۆزىنى ئويلىنىۋاتقان،
    تەن روھىدا سۈكۈتكە پاتقان.
    بۈيۈك ھەمدە خارلانغان تەن،
    ئىگىلەنگەن بىراق تىنىچلانماس تەن،
    تەن-تارىلىرى تەڭشەلگەن دۇتار،
    ھەۋەسلەر چەكمەكتە ، چالماقتا
    تارقالغىنى جان ئالغۇر ناۋا.
    تەن قەبىلە ئاقساقىلىنى تىزلاندۇرماقتا،
    تەن ئايال پېرىخۇننى پىر ئويناتماقتا.
    تەن شاراب ئىلاھىنىڭ ۋالىلدىغان قانىتىنى
    ئېگىز، سۈزۈك ئاپقۇرلارغا ئېرىتىۋەتتى.
    توشتى، لېكىن خۇماردىن چىقمىدۇق،
    تۈگىدى، بىراق يەنە قانمىدۇق.

    تەن كۆكىدە ساقىماقتا يۇلتۇزلار،
    ئاياللارغۇ كېچىنى ئاۋاتلاشتۇرغان؟
    ئاياللارغۇ كارىۋاتلاردا سۇ شەھەرلەرنى
    قۇرغان، ۋەيران قىلغان، قايتا قۇرغان.
    تەن زۇمرەتتەك پاكىز كېچىنى
    گۈللۈك چىتقا ئايلاندۇرۇۋەتتى
    ئاستىمىزغا كىرلىك قىلىپ سېلىنغان،
    تەر چىپىلداپ مەينەت قىلىنغان.
    بىراق بىز ئەبەدىي بۇلغانمايمىز
    گويا ئىبادەتخانىلاردەك
    پاكىز بىز مۇقەددەس بىز.

    ئەي ئەخمەقلەر، ھېچنېمە يوق ئۇ يەردە،
    ئەي ئىچى قۇرۇقلار، ئۆلۈۋاتقانلار، ئىزدەۋاتقانلار
    بىز ئۇ يەردە،
    كېلىپ بىزنى سۆيۈڭلار!
    ئەي ئادەملەر قېنى كۆزۈڭلار؟
    تۆگە ئىزدەپ ماڭدىڭلارمۇ تۆگىلىك،
    ئاستىڭلاردا تۆگىلەرنىڭ ئۆركىشى
    ئۆركىشىدىن ئۇنى كۆرۈڭلار!
    ئۆركەشلىگەن ئەمچەكلەرنىڭ ئۈستىدە
    ئۇرۇپ-چېقىپ ئۇ قەدىمى قەپەسنى
    سۈزۈك پەرۋاز قىلىۋاتقان تېنىمىز.
    كۆتۈرۈلگەن ئەمچەكلەرنىڭ ئۈستىدە
    ئەل ئېھرامنى سىيلاۋاتقان قولىمىز.
    تىكلەنمەكتە قايتا بابىل مۇنارى.
    قىيا تاشتا يالىڭاچ رەسىملەر
    جىلغىلاردا ئىڭراۋاتقان ئاۋازى،
    سۇ ئۇلارنىڭ ئۈزۈلمەس شۇ ئاۋازى.
    دەقىقىدە، مەڭگۈلۈكتە ئېقىۋاتقان قېنىمىز،
    دەقىقىدە، مەڭگۈلۈكتە چاقناپ ئۆچكەن جېنىمىز،
    مۆجىزىلەر غايىب بولدى، غايىب بولدۇق قېنى بىز؟
    ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت جىنس بىلەن ئىپادىلەنگەن.
    ئەڭ يۇقىرى جىنسىي پەللە ئۆلۈم بىلەن خاتىمىلەنگەن.
    بۇنداق ئاخىرلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن،
    ئەي، بابىل دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى.
    بۇنداق كۆمۈلۈشنىڭ جەريانىنى بىلمەيمەن،
    ئەي تەكلىماكان شەھەر خارابىلىرى.
    مەن گويا باشقا بىر زاماندىكى باشقا بىر تۇيغۇدىكى باشقا ئادەم
    شۇنىڭ ئۈچۈن چۆچۈمەكتىمەن، ئەي، يالىڭاچ تام رەسىملىرى.
    ئايال، تېنىڭ قۇياشتەك تەبەسسۇم قىلماقتا،
    تېنىم كىيىم ئىچىدە دولقۇنلىماقتا،
    كىم ئۇ بىزنى ئۆيلەردە ۋە كوچىلاردا كېچىلەرگە مەجبۇلاۋاتقان؟
    كىم ئۇ يوشۇرۇن ئېڭىمىزغا ھۆكۈمران بولۇپ،
    بىز سەۋەبسىز، ئۈن-تىنسىز گۇناھقا پاتقان؟
    بولدى بەس، چۈشەندۈرمەڭلار،
    پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ئەخلاقنى ھەممە
    ئاقلاش، ئىزاھلاش، سۆكۈش ھەمدە.
    چۈنكى بىز ھالاك بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى،
    چۈنكى بىز شەھۋەت توپانىدىن قۇتۇلغانلار،
    چۈنكى بىز تارىخنى يۇتۇۋالغانلار...

    ئاڭنىڭ چوڭقۇر ئەينىكىدە
    ئەكس ئەتكەن ۋەھىمىلىك ئىز.
    ئەينەكلەرنىڭ ئارقىسىدا بىز
    ئۆلمەكتىمىز، تۇغۇلماقتىمىز.

    پۇتلىرىڭ ئارىسىدا
    قىزىل قارلىغاچ،
    نەم يالقۇن،
    پاك نېلۇپەر.
    سۈپسۈزۈك مەستلىك
    نېرۋىلىرىمدا يۈگۈرۈپ يۈرەر،
    غالجىرلاشقان مەرمەر تاشتەك
    نەيزىسىنى پۇلاڭلىتىپ قۇياشتەك.
    ۋاقىت ئىللىپىسسىمان،
    قاغىلار ئۇچار
    تۈن قاغىلىرى
    ئىسسىق چوقۇپ
    مەخمەل پەردەڭنى.
    ۋاقىت كېرىلمەكتە،
    قۇدۇقتا ئاي
    ئاي ئىتلىرى
    غاجار توختىماي.
    تەن ئىشىكى ئېچىلغان
    ۋاقىت كىرمەكتە، چىقماقتا.
    چاچلىرىڭدا كېچە
    ئاۋازىڭدا يۇلتۇزلار،
    تاپىنىڭدىن چوققاڭغىچە
    ۋىلىقلىغان بۇلاقلار
    سۇغارماقتا تېرەمنى.
    ۋاقىت ئۆتمەكتە
    كارىۋات يېنىدا.

    ساڭا ئاشىقمەن ئۆلۈم ئىگىسى،
    شۇنىڭ ئۈچۈن ناتىۋانلىقىم
    شۇنىڭ ئۈچۈن مىننەتدارلىقىم.
    بۈيۈكلۈكۈم ، سىرىم ، بارلىقىم
    قەپەستىكى سۇدەك ئاقماقتا،
    ساڭا.
    لەۋلەر لەۋلەرگە ھىم چاپلاشقان،
    سۆڭەكلەر سۆڭەكلەرنى چاقناتقان.
    ئېقىۋاتىمەن ،كۆيۈۋاتىمەن ،ياڭراۋاتىمەن
    تەن ئاخىرلاشقان ئاشۇ يەردە سەن.
    ئەي، ئۆلۈم ئىگىسى سەن ئاشۇ يەردە،
    يۈزۈڭدىن كۆتۈرۈلۈپ نۇرلۇق پەردە،
    كۆرۈنەر رۇخسارىڭ، قىلىمەن سەجدە.
    سەن - ۋاقىتىنىڭ ھۆكۈمرانى،
    سەن - ئالەمنىڭ سۇلتانى،
    سەن - مېنىڭ ئىگەم،
    سېنى كۆرمەككە پېقىر يوق بولدى،
    تەن ئەينىكىدە مەن ئۆزۈم يوق.
    مەستخۇشلۇق ئىلىكىدە كۆزۈم يۇمۇلدى
    سېنى كۆرەلىگۈدەك مېنىڭ كۆزۈم يوق.
    سېنى ئىپادىلەشتە تىلسىزمەن ھامان،
    سۆزلەر يوقىلىپ تاۋۇشلار قالغان
    مەنە يوقىلىپ جىمجىتلىق قالغان.
    تەن ئۈستىدە يوقالماقتىمەن،
    باشلانماقتا تارىخ قايتىدىن.
    ۋەھىي بىلەن تۇغۇلماقتا دىن،
    ئىبادەتخانىدا سۈكۈتتىمەن
    پېقىر سىرلىق، ئۇلۇغۋار ۋاسىتە
    تىڭشاڭلار كېلىپ مېنى ئادەملەر!

    ئاشۇ يەردە
    بەرمەكتىمەن بېشارەت
    تۇغۇلۇشتىن ،ئۆلۈشتىن.
    دەم تارتماقتا دېڭىزىڭ
    سۇ ئاستىغا چۆكمەكتە تېنىم،
    ھاياتلىق توپان ئىچىدە.
    ئاشۇ يەردە ئاچقۇزدى شەيتان
    ئەۋرەتلىرىنى،
    ئېزىپ كەتتى ئەر -ئايال بىللە،
    جىنسىيەت دەرىخىدە شېرىن مېۋە.
    ئاشۇ يەردە باشلانغان جەننەت
    ئاشۇ يەردىن قوغلاندى ئىنسان
    ئاشۇ يەردە دوزاق ھالاكەت.
    بەرمەكتىمەن بېشارەت،
    ۋاقىت ئەمدى باشقا بىر ھالەت
    يىللار بىزگە خۇددى دەقىقە
    زامان يوقتۇر ئەمدى بۇ يەردە.
    بەرمەكتىمەن بېشارەت،
    جان ئالغۇچى بىر قارا ئۆڭكۈر
    دەم تارتماقتا يېقىندىن بىزنى،
    يىراقلاردىن يەرشارىمىزنى.
    بەرمەكتىمەن بېشارەت
    ئەي ئىنسانىيەت!

    تەن سەپىرى يوقلۇققا سەپەر
    ئالەم بىلەن تەن ئارىسىدا.

    شەھۋېتىم ئايلانماقتا تېنىڭنى
    تېنىڭ ئايلانماقتا قۇياشنى
    قۇياش ئايلانماقتا سامان يولىنى،
    سامان يولى يېقىنلاپ قالغان
    ئالەمدىكى قارا ئۆڭكۈرگە.
    شەھۋېتىم ئۆرلىمەكتە ئۈستۈنگە
    ئارىدا ۋاسىتە يوق بىۋاستەمەن.
    شەھۋېتىم تارقالماقتا لەھزىلەرگە
    ھەر لەھزەم شۇنچە بۈيۈك، شۇنچە تېرەن،
    ئۇ تۇتاشقان مەڭگۈلۈك بىلەن.
    چۆكۈپ ھەرلەھزىگە پارلىماقتىمەن
    ئىبادەتخانىدا، كەڭ ئالەمدە مەن،
    ئىستىقامەتتە بۇ راھەتلىك تەن،
    بىھەۋەس، تىپتىنچ، يوپيورۇق.
    قۇتۇلدۇم شەكىللەردىن ئەي ئىگەم،
    كۆڭلۈم ئادالاندى ساڭا تولۇق،
    سېنىڭ كەلمىكىڭ كەتمەككە ئوخشاش،
    سېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇڭ بەجايىكى يوق.
    ئەزەلدىن بارسەن،
    ھەم يورۇقسەن ،ھەم قاراڭغۇلۇق.
    بولغاندا مەن قەدەھتەك قۇرۇق
    مەيسەن ئۆزۈڭ كېلىپ تولغۇچى.
    تۇرمۇشتىكى بۇ كىچىك كاللام
    پارقىراپ تۇرغان بىر تامچە سۇ،
    ئەي، ئوكيان سېنى سىغدۇرالماس ئۇ
    جىنچىراغ مەن لىپىلداپ تۇرغان،
    سەن چېكى يوق زور قاراڭغۇلۇق،
    مەن تەلتۆكۈس ئۆچمەستىن تۇرۇپ
    كۆرەي سېنى قانداقمۇ تولۇق؟
    ئادەملەر ئارىسىدا مەن تەنھا ئادەم،
    لېكىن بىللە دائىم سەن بىلەن.
    سەن بىلەن ماڭىمەن، كۆرمەس ھېچ كىشى.
    سەن بىلەن ياشايمەن، سەزمەس ھېچ كىشى.
    يوقىلىمەن ئەگىشىپ ساڭا.
    سۆزلەيسەن ياتاقتا، ئىشخانىدا ماڭا
    يېنىمدا كىشىلەر ،ئىشتمەس ھېچ كىشى.
    تەنھالىق ساڭا قىلغان ئىبادىتىمدۇر،
    تەنھالىق ئىككىمىزنىڭ نەپەس ئېلىشى.
    بۇ يەردە، بۇ كارىۋاتتا، بۇ مىنۇتتا
    يالغۇزمەن تېنىڭ يوق،
    كۆزۈڭ يوق،قۇلىقىڭ يوق، ئاغزىڭ يوق،
    كۆرىسەن، ئاڭلايسەن، سۆزلەيسەن تولۇق.
    مېنىڭ ئەمەس بۇ قول،
    بۇ كۆز،
    بۇ قۇلاق،
    ئەسلىدە يوق ئىدىم ئەمدى مەن يوق.

    تەن سەپىرى
    مۇقەددەس سەپەر
    رەببىڭنى كۆر تىڭشا ۋەھىينى!

    تېنىم كېچە مەھكەم تاقالغان،
    كۆكرىكىڭدىن بىرجۈپ نۇر ئوقى
    تېشىپ ئۆتتى چەكسىز كېچىنى.

    ئەي، ئۇلۇغ سۇ باش-ئاخىرى يوق
    ساڭا چۆمۈلدۇق سېنى بىلمەيمىز.
    بىز ئاق كەپتەر جان تېنىمىزسەن
    بويۇن سوزۇپ سېنى ئىزدەيمىز.
    قەسىر سېنىڭ كاللىمىزدىكى
    كىرىۋالدۇق ئۆزىمىز بىراق.
    توشۇپ كەتتۇق قاراڭغۇلۇققا
    تېنىمىزدە تۇرسا بىر چىراغ.
    سۆزگە سىغماس سەندىكى مەنە
    دەپ بولغان سۆز ئۆلۈككە ھېساب.
    ئەمدى قانداق مەنە بىرەرمىز
    ئەي، تەپسىرى ئېيتىلغان كىتاب؟
    سەن تىرىكسەن، مەڭگۈ تىرىكسەن
    ھەر زامانغا سۆزلەيسەن يېڭى.
    سېنىڭ سىرىڭ مەڭگۈلۈك پاك سىر،
    بىز تۇيغۇدا ،تۇيغۇمىز قېنى؟
    ئىچ-ئىچىمدىن خۇشاللىق ئەنە،
    مىننەتدارلىق ،شۈكرى ،تەنتەنە.
    تۇيغۇم يېڭى ھەر دەقىقىدە
    ھەر شەيئىدە يېپيېڭى مەنە.
    بۇ كۈنلەر بۇ كۈنلەر ئەمەس،
    بۇ كۈنلەردە مەن مېنىڭ ئەمەس،
    تۇتقانلىرىم ساز، نەرسە ئەمەس.
    بارماقلىرىمدا يېنىك مۇزىكا،
    مېنى چالماقتا، چېلىۋاتقان كىم؟
    ئېقىپ كىرمەكتە شىلدىرلاپ ئاستا
    مېنى غەرق قىلىۋاتقان كىم؟
    ئەي ساقى، مەن كۆتۈرەلمىدىم،
    تېشىپ كەتتى تېنىم پىيالەم.
    كۆزۈمنى يۇمدۇم ،يۇمۇلدى دۇنيا،
    كۆزۈمنى ئاچتىم، ئاچتى يوق ئادەم.
    كىرىپ كەتتىم چەكسىز لەززەتكە،
    بالىياتقۇغا ئايلاندى ئالەم ...
    پەيغەمبەر مىڭ يىلغا تەڭ بىر لەھزىدە
    كۆتۈرۈلدى روھى ئالەمگە.

    پەيغەمبەر
    چىپ-چىپ تەرلىمەكتە،
    ۋەھىي كەلمەكتە.

    «... ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ
    يۇقىرى ئۇپۇقتا تۇردى.
    ئاندىن ئۇ ئاستا -ئاستا يېقىنلىشىپ
    تۆۋەنگە ساڭگىلىدى.
    ئۇ ئىككى پاچاق مىقدارى
    ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى...»

    پەيغەمبەر
    كۆردى،
    ئاخىرلاشتى.

    ★★★★★
    (ئادىل تۇنىيازنىڭ «چۈمبەلدىكى كۆز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن تەۋھىدە «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»گە تەييارلىغان)
    ★★★★★
    مەنبە: http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/suzuk-asman.html
    ★★★★★
    (داۋامى بار)


    历史上的今天:

    سۈزۈك سەپەر (2) 2013年04月18日
    سىمۋول ئىزدەش 2009年04月18日
    يامغۇر... قان 2009年04月18日
    تەلپۈنۈش 2009年04月18日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: