ئىمام ئەزەم ئەبۇھەنىفەنىڭ ۋەسىيىتى - [ئېتىقاد ۋە پەلسەپە]

    _べ Tag:ئىسلامىيەت   2013年04月16日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/231564591.html

    ئىمام ئەزەم ئەبۇھەنىفەنىڭ ۋەسىيىتى


    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
    ئىمان--تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، قەلب بىلەن تەستىق قىلىشتۇر.
    پەقەت تىل بىلەن ئىقرار قىلىپ قويسىلا ئىمان بولمايدۇ. ئەگەر پەقەت تىل بىلەن ئىقرار قىلسىلا ئىمان بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن مۇناپىقلار مۆئمىن بولار ئىدى. پەقەت قەلب بىلەن تەستىق قىلسىلا ئىمان بولمايدۇ. ئەگەر پەقەت قەلب بىلەن ئىقرار قىلىشلا كۇپايە بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن ئەھلى كىتاپنىڭ ھەممىسى مۆئمىن ھىسابلىناتتى. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « اﷲ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر» (سۈرە مۇنافىقۇن، 1-ئايەت)، «بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالار) ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ» (سۈرە بەقەرە، 146-ئايەت).
    ئىمان كۆپەيمەيدۇ، ئازايمايدۇ. چۈنكى، ئىمان كۆپەيسە، ئۇنداقتا كۇپۇر ئازىيىپ كىتەتتى. ئەكسىچە بولغاندا كۇپۇر كۆپەيسە قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بىلگىلى بولىدۇ.
    بىر شەخسنىڭ ھەقىقىي مۆئمىن ياكى كاپىر بولماسلىقى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مۆئمىن ھەقىقەتكە ئىشەنگەن كىشىدۇر. كاپىر بولسا ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان كىشىدۇر. ئىماندا شۈبھە بولمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ: «ئۇلار ھەقىقەتەن مۆئمىندۇر» (سۈرە ئەنفال، 4-ئايەت)، ھەم: «ئۇلار ھەقىقەتەن كاپىردۇر» (سۈرە نىسا ،151-ئايەت)، دەپ بايان قىلدى. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى بولۇشقا ئاسىي بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، كافىر بولغانلاردۇر.
    ئىمان بىلەن ئەمەل بىر بىرىدىن ئايرىلغان. بەزى چاغلاردا بەزى ئەمەللەرنىڭ مۆئمىنگە ۋاقىتلىق پەرز بولماسلىقى بۇنىڭ دەلىلى. بۇ ھالەتتە «مۆئمىننىڭ ئىمانىمۇ يوقاپ كەتتى» دىمەيمىز. ھەيز كۆرگەن ئايالدىن ناماز كەچۈرۈم قىلىندى. «ئۇ ئەمەلنى تەرك قىلدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىمانى ھەم ئەمەل بىلەن تەڭ تەرك قىلىندى» دىيىش جائىز ئەمەستۇر. شەرىئەتتە «ھەيزدار ئايال روزا تۇتمايدۇ، كىيىن قازاسىنى قىلىدۇ» دېيىلدى. لىكىن، «ئىمانىڭنى تەرك ئەت، كىيىن قازاسىنى قىل» دېيىش جائىز ئەمەس. فەقىر كىشى زاكات بەرمىسە ھىچقىسى يوق، دىمەك جايىزدۇر. لېكىن «فەقىر كىشى ئىمان ئېيىتمىسا كىرەك ئەمەس» دىيىش جائىز ئەمەستۇر.
    ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھ تەرەپىدىندۇر. ئەگەر بىر كىشى ياخشىلىق ۋە يامانلىق تەقدىرىنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىدىن بولىدىغانلىقىنى سۆزلىسە (نەئۇزىبىللاھ)، ئۇ كىشى ئاللاھنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ.

    ئەمەللەر: فەرىز ئەمەل، فەزىلەت (پەرىزبولمىغان ئەمەللەر) ۋە گۇناھ-مەئسىيەت قىلشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.
    پەرىز ئەمەللەر--ئاللاھنىڭ ئەمرى، تەلەپ قىلغىنى، مۇھەببىتى، رازىلىقى، قازاسى، قۇدرىتى، ئىلمى، مۇۋەپپەق قىلىشى، يارىتىشى ۋە لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلىگەنلىرىدۇر.
    فەزىلەت(پەرىز بولمىغان ئەمەللەر)--ئاللاھنىڭ ئەمرى نەتجىسدە بولغان ئەمەل ئەمەستۇر. ئەگەرشۇنداق بولسا (ئاللاھنىڭ ئەمىرى نەتىجىسىدە بولغان بولسا) پەرىز بولىدۇ. لېكىن، فەزىلەت (پەرىزبولمىغان ئەمەللەر) ئاللاھنىڭ تەلەپ قىلغىنى، مۇھەببىتى، رازىلىقى، قازاسى، ھۆكمى، ئىلمى، ئىرىشتۈرىدىغىنى، يارىتىدىغانلىقى ۋە لەۋھۇلمەھپۇزدا يازغانلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
    گۇناھ-مەئسىيەت بولغان ئەمەللەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنىڭ نەتىجىسى ئەمەستۇر. لېكىن، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى، رىزاسى ھەم ئاللاھنىڭ ئىرىشتۈرىدىغانلىقى، تەلەپ قىلىدىغىنى، قازاسى، تەقدىرى، خىزلانى، ئىلمى ھەم لەۋھۇلمەھپۇزدا يازغىنى بىلەندۇر.
    ئاللاھ ھىچنىمىگە مۇھتاج بولماستىن ئەرش ئۈزرە مۇستەۋىي بولدى. ئاللاھ ھىچ نەرسىگە مۇھتاج بولماستىن ئەرش ھەم باشقا شەيئىلەرنىمۇ مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ بىرەر نەرسىگە مۇھتاج بولغان بولسا، مەخلۇقاتلىرى كەبى ئالەمنى يارىتالمىغان ۋە ئىدارە قىلالمىغان بولاتتى. ئولتۇرۇشقا ۋە ئىستىقەرەرگە (قارار ئېلىشقا) مۇھتاج بولسىدى، «ئەرشنىڭ يارىتىلىشىدىن ئاۋال ئاللاھ قەيەردە ئولتۇرغان ۋە قارار ئالغان؟» دىگەن سۇئال پەيدا بولاتتى. ئۇلۇغ ئاللاھ بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.
    قۇرئان مەخلۇق بولماستىن، ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالانىڭ كالامىدۇر، ۋەھىيسىدۇر، نازىل قىلغىنىدۇر. ئۇ مۇسھەپلەرگە يېزىلىپ، تىل بىلەن ئوقۇلىدۇ. سىياھ، قەغەز ۋە قەلەملەر مەخلۇقتۇر. چۈنكى، بۇلار قوللار ھەركىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. لىكىن، ئاللاھنىڭ كالامى مەخلۇق ئەمەستۇر. خەتلەر، ھەرىپلەر، كەلىمەلەر، ئىشارەتلەر قۇللارنىڭ چۈشۈنۈش ئىھتىياجى تۈپەيلى مەناغا دالالەت قىلغان شەيئىيلەردۇر. ئاللاھنىڭ كالامىنى «مەخلۇق» دىگەن كىشى كاپىر بولۇر. ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالا باشتىن ئاخىر ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشنى بۇيرىغان. كالام بولسا ئۆزدىن ئايرىلماستىن ئوقۇلغان، ئەۋەتىلگەن.
    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيىھى ۋەسسەللەمدىن كىيىن بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئەبزىلى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كىيىنكىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كىيىنكىسى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كىيىنكىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر(ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن). بۇ، مانا ئايەتتە ئىپادەلىنىپ تۇرىدۇ: «ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر، ئۇلار نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەردە اﷲ قا يېقىن بولغۇچىلاردۇر...» (ۋاقىئە 10-ئايەت). ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچى بۇلار تولىمۇ پەزىلەتلىك ئىدى. ھەربىر مۆئمىن تەقۋادار ئۇلارنى سۆيىدۇ. ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار مۇناپىق، ناچار كىشىلەردۇر. بەندەلەر ئەمەللىرى، ئىقرارلىرى ۋە مەرىفەتلىرى بىلەن مەخلۇقتۇر. فائىل (بىر ئىشنى قىلغۇچى) مەخلۇق بولۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ فەللىرى (ئىش ھەركەتلىرى) مەخلۇق بولۇشى كىرەك.
    ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالا مەخلۇقاتلىرىنى ئاجىز ۋە زەئىف، ئۇلارنىڭ ھىچقانداق كۈچ قوشۇشى بولمىغان ھالدا ياراتتى. يارىتىپلا تاشلاپ قويماستىن رىزىقلاندۇردى. ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە رىزىقلاندۇرغۇچىسىنىڭ ئاللاھتائالا ئىكەنلىكى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنماقتا: «اﷲ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەردى...» (سۈرە رۇم). ھالال پايدا ئېلىش ۋە ھالالدىن مال سېتىۋىلىش ھالالدۇر. ھارامدىن مال ئارىلاشسا ئۇ چاغدا ھارام بولۇر.
    ئىنسانلار ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ئىمانىدا راستچىل بولغان مۆئمىن، كۇفۇرىدا چىڭ تۇرغان كافىر ۋە نىفاقى سەۋەبىدىن ئىككى يۈزلىمىچى بولغان مۇناپىق. ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا مۆئمىنگە ئەمەلنى، كاپىرغا ئىماننى، مۇناپىققا ئىخلاسنى پەرز قىلغاندۇر. «ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار...» (سۈرە ھەج 1-ئايەت)، «ئې مۆئمىنلەر، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار...»، «ئې كافىرلار، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار...»، «ئې مۇناپىقلار، ئىخلاسمەن ۋە سەمىمىي بولۇڭلار...» دىگەن ئايەتلەر بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
    ئىستىتائەت (بەندىلەرنىڭ ھەركىتى ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان كۈچ) فىئىلنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە ئەمەس، بەلكى ھەركەت بىلەن باراۋەر مۇناسىۋەتتەدۇر. ئەگەر ئىستىتائەت فىئىلدىن (ھەركەتتىن) ئاۋال بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا بەندەنىڭ ئىھتىياجى شۇ ھالەتتە ئاللاھتىن مۇستەسنا بولغان بولىدۇ. بۇ: «اﷲ بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (اﷲ قا) موھتاجسىلەر...» (سۈرە مۇھەممەد،38 -ئايەت) دىگەن ئايەتكە مۇخالىپ بولىدۇ. ئەگەر ئىستىتائەت فىئىلدىن (ھەركەتتىن) كىيىن بولىدۇ دىيىلسە، فىئىلنىڭ تاقىتىغا ۋە ئىستىتاسىز مەيدانغا كەلمەيدىغانلىقىغا مۇخالىپ بولىدۇ.
    مەيسە ئۈستىگە مەسىھ قىلىش مۇتىۋاتىر ھەدىسكە كۆرە جايىز بولۇپ، مۇقۇم كىشى ئۈچۈن بىر كىچە-كۈندۈر، مۇساپىر ئۈچۈن ئۈچ كىچە-كۈندۈز بولىدۇ. ھەدىس، مۇتىۋاتىرلىق دەرىجىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ كۇفۇر بولۇپ كېتىشىدىن قورقىمىز. سەپەردە نامازنى قەسىر قىلسا ۋە روزىنى تۇتمىسا بولىدۇ. «سەپەرگە چىققاندا نامازنى قەسىر قىلسا ھىچ ئەيىپ يوق...» (سۈرە نىسا،101-ئايەت)، «سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن...» (سۈرە بەقەرە، 184-ئايەت). بۇھەقتە ئايەتلەردە ئېنىق دىيلگەن.
    ئاللاھ سۇبھانەۋەتائالا «قەلەم»گە يېزىشنى بۇيرىدى. قەلەم: «نىمىنى يازىمەن يا رەببىم؟» دىدى. ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا ئۇنىڭغا: «قىيامەتكە قەدەر بولىدىغان ئشىنىڭ ھەممىسىنى ياز» دەپ بۇيرىدى (سۈنەنى ئەبۇ داۋۇت 16، ئەت-تىرمىزى ئەل-قەدەر 17، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلى ئەل-مۇسنەد). «ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى ۋە يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە-ئەماللىرىدا مەۋجۇتتۇر. كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى (لەۋھۇلمەھپۇزدا) خاتىرىلەنگەندۇر» (سۈرەقەمەر 52، 53-ئايەت). يۇقارقى ئايەتلەردىن بۇنى بىلەلەيمىز.
    شۈبھىسىزكى، قەبرە ئازابى ھەقتۇر. مۇنكەر-نەكىرلەرنىڭ سۇئال سورىشى ھەقتۇر. بۇ توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەندۇر. جەننەت ۋە جەھەننەم ھەقتۇر، ئۆز ئەھلىلىرى ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئاللاھ مۆئمىنلەر ئۈچۈن جەننەتنى، «تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلىدۇق» (سۈرە ئالئىمران. 116-ئايەت)، كاپىرلار ئۈچۈن جەھەننەمنى، «كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلىدۇق»(سۈرە بەقەرە،24-ئايەت) ياراتقانلىقىنى ئايەتلەر ئارقىلىق بىلدۈردى. ئاللاھ جەننەت ھەم جەھەننەمنى ساۋاپ ۋە جازا ئۈچۈن ياراتتى. مىزان ھەقتۇر. «قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندەلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز...»(سۈرە ئەنبىيا، 47-ئايەت). مىزاننىڭ ھەقلىقى مانا بۇ ئايەتتىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
    ئىنساننىڭ كىتابىنى (ئەمەل دەپتىرىنى) ئوقۇشى ھەقتۇر. «(ئۇنىڭغا): ‹نامە-ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كېرەك› دېيىلىدۇ» (سۈرە ئىسرا، 14-ئايەت) دىگەن ئايەتلەر بۇنىڭ دەلىلى.
    ئاللاھ بۇ نەفسىلەرنى ئۆلۈپ بولغىنىدىن يەنە 50 مىڭ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، جازا، ساۋاپ ۋە ھەقلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىلدۈرىدۇ ( ئەت-تىرمىزى ئەل-قەدەر 17). «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قەبرەدىكىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ...» دىگەن ئايەتمۇ بۇنىڭ دەلىلى.
    جەننەت ئەھلىنىڭ ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئەلا بىلەن كەيپىياتى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئوخشىتىشى بولمىغان ھالەتتە مۇلاقەتتە بولۇشى ھەقتۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شافائەت قىلىشى بىلەن چوڭ گۇناھلارنى قىلغان مۆئمىننىڭمۇ جەننەت ئەھلى بولۇشى ھەقتۇر. ھەزرەتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كىيىنكى ئاياللارنىڭ ئەڭ ئەخلاقلىقراقلىرى، مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى، زىنادىن يىراق بولغان، رافىزىيلارنىڭ تۆھمەتلىرىدىن ھەم شىكايەتلەردىن پاك بولغان ئانىمىزدۇر. كىم ئۇنىڭغا زىنا تۆھمەت قىلسا، ئۆزى زىنا مەھسۇلىدۇر.
    جەننەت ئەھلى جەننەتتە، جەھەننەم ئەھلى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالاھ مۆئمىنلەر ئۈچۈن: «ئۇلار جەننەتىيلەردۇر، ئۇ يەردە ئەبەدىي مەڭگۈ قالىدۇ» (ئىبنىھەنبەل،مۇسنەد،217،218،219)، كاپىرلارغا ئۈچۈن: «ئۇلار جەھەننەمىيلەردۇر، ئۇ يەردە ئەبەدىي قالىدۇ...» (سۈرە ئال ئىمران، 116-ئايەت) دەپ بۇيرۇغاندۇر.

    تۈگىدى.
    (تۈركچەدىن تالىبە تەرجىمە قىلغان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3230
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: