رۇبائىيلار (1)
ۋاقتى: 2015-11-04
ئاۋاتلىقى: 3916 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
رۇبائىيلار
(1)
سۇنغان ئەينەكنى يەملىگەن بىكار،
رەنجىگەن كۆڭۈل شۇنىڭغا ئوخشار.
ئويلىماي قىلغان ھەرىكەت سۆزلىرىڭ،
پۇشايمان ئىلكىدە سېنى قاقشىتار.
(2)
بەزىلەر ياشايدۇ ھايۋاندىن بەتتەر،
ئازراقلا نەپنى دەپ ۋىجداندىن كېچەر.
چۈشۈپ قالساڭ گەر ئۇنىڭ دامىغا،
ئۇيالماي سېنىڭدىن قېنىڭنى ئېچەر.
2006-يىلى 5-مارت، (شەھىرى نەنچاڭ)