ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام
ۋاقتى: 2016-05-19
ئاۋاتلىقى: 1743 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى:
1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خىل توختام ئادەتتە تونۇش -بىلىشلەرنىڭ ۋاستچىلىكى ئارقىلىق ئىمزالىنىدىغان بولۇپ، يازما كېلىشىم ئەمەس. شۇڭا، مەنپەئەت تالاش -تارتىشى يۈز بەرگەندە ئاساس قىلىدىغان يازما ئىسپات بولمىغاچقا، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئەتى مۇقەررەر زىيانغا ئۇچرايدۇ.
2.مەزمۇنى ئاددىي توختاممۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس: بۇ خىل توختام گەرچە يازما بولمىسمۇ، لېكىن مەزمۇنى ھەددىدىن زىيادە ئاددىي، ئېنىق ئەمەس، مۇھىم تەرەپلەر كەمچىل.شۇڭا بۇنداق توختامغا ئالدىراپ ئىمزا قويماسلىق كېرەك.
3.بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن توختاممۇ كىشنى شۈبھىلەندۇرىدۇ: ئادەتتە بۇ خىل توختامدا، توختام مەزمۇنى ئادەم ئىشلەتكۈچى تەرەپكە پايدىلىق بولغاچقا، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا ئۇلار دەردىنى ئېيتىدىغان ئورۇن تاپالمايدۇ.
4.رەنە توختامى ئىشلەمچىلەرگە زىيانلىق: بۇنىڭدا ئىشلەمچىلەر ئۆزىنىڭ بىر قىسىم گۇۋاھنامىلىرى، مال-مۈلكىنى ئادەم ئىشلەتكۈچىگە رەنىگە قويىدۇ. نەتىجىدە، ئىشلەمچىنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاندا ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىشنى تاشلاپ كېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ مال-مۈلكىنى زىيان تارتىدۇ ياكى گۇۋاھناملىرىنى قايتۇرۇۋالالمايدۇ.
5.مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش مەزمۇنىدىكى توختامدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك: بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، توختام ئىمزالىغاندا ئىشلەمچىلەردىن ئىش ئۈستىدە يارىلانغاندا مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ، توختام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددا ، بەلگىلمىلەرنىڭ روھىغا ئويغۇن ئەمەس.
6.ئىككى بىسلىق توختاممۇ كىشنى ئاۋارىچىلىققا قويىدۇ: ئادەم ئىشلەتكۈچى بىلەن ئىشلەمچى ئىمزالىغان، قېلىپلاشتۇرۇلغان توختام پەقەت مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى ئادەم ئىشلەتكۈچىلا ساقلايدىغان بولۇپ، مەزمۇنى قانۇن-بەلگىلمىلەرگە ئويغۇن بولمىغان بەزى توختاملارلا ئىشلەمچىلەرنىڭ ساقلىشىغا بېرىلىدۇ.
ئىشلەمچىلەر ئەمگەك تارماقلىرى بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە تۈزۈلگەن توختاملارنى ئىشلەتكەندىلا، ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولالايدۇ.