ئارزۇ
ۋاقتى: 2015-11-04
ئاۋاتلىقى: 2967 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئارزۇ
گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ كېلەر بۇلبۇل،
قۇلاق سالغىن چىن سۆزۈمگە چېچى سۇمبۇل.
ئوت تۇتاشتى سېنى كۆرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ،
يۈرەكلەرنى پىچاق تىلدى ، قىلىپ چۇلچۇل.
ھەسرەتلىرىم تۈگەپ كەتسۇن مىسكىن دىلدىن،
چىن سۆيگۈمنى دىلدىن ئېلىپ قىلغىن قوبۇل.
چىن سۆيگۈگە تولا سۆزلەش بىھاجەتتۇر،
سۆزلىرىمنى پەردازلىماي قىلدىم ئۇدۇل.
ئارزۇيۇم شۇ ئەقىدەم شۇ سەن نىگار بىلەن،
ئۆمۈر بويى سەپەرداش بوپ چاپتۇرسام دۇلدۇل.
2005-يىلى 20-دېكابىر، (شەھىرى نەنچاڭ )