جەڭگىۋار يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

5-ئاينىڭ 5-كۈنى

5-ئاينىڭ 5-كۈنى

ۋاقتى: 2015-10-29 ئاۋاتلىقى: 1520 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

5-ئاينىڭ 5-كۈنى 
( ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا بېغىشلايمەن)

بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن؟
5-ئاينىڭ 5-كۈنى،
"جەڭگىۋار"نىڭ تۇغۇلغان كۈنى.
بىلەمسىلەر زادى قانداق كۈن؟!
ئاڭلانمىدى ھېچكىمنىڭ ئۈنى.

كۆرۈپتىمەن تۈنۈگۈن كېچىدە،
شۇنچە تاتلىق ئاجايىپ بىر چۈش.
...

دوپپا كېيگەن ئۇيغۇرۇم بىلەن،
گۈلزارلىققا ئايلانغان دۇنيا.
ھەممە يەردە بايرام قاينىمى،
شوخ يىگىتلەر سالماقتا ساما.

دېدىم شۇنداق ھاياجان بىلەن،
يەنە كىمدە  بۇنداق بايرام بار.
ماڭا ئاتاپ تىككەن دوپپاڭنى،
شوخ ناز بىلەن ئېلىپ كەلگىن يار.
...
كۆرگەنلىرىم چۈش ئىكەن ئەسلى،
قاچان كېلەر شۇ دوپپا پەسلى.
تۇرار ئىدى شۇ توپىلىق يولدا،
دوپپا كېيگەن نەۋرىسى بىلەن،
بەكمۇ مىسكىن بىر ئۇيغۇر بوۋاي.
چۈنكى ئوغلى دوپپىنى تاشلاپ،
مەدەنىيەتلىك بوپ كەتتى ھاي-ھاي!
قاتنىمىسا بوپتۇ ترامۋاي،
كۈلۈپ تۇرغىن سۆيۈملىك بوۋاي.
مەنمۇ سېنىڭ ئۆز ئوغلۇڭغۇ،
ئانام تىككەن شۇ دوپپام بىلەن،
مەن ئۆيۈڭگە ئۇيغۇرچە باراي.

ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇرغا مېھمان،
چىن سۆزۈمنى ئاڭلا ،قىز-ئوغلان.

گۈل چېكىلگەن شۇ بادام دوپپا،
گىلەم دوپپا،
چىمەن دوپپا،
چىكەن دوپپا،
...

شۇنچە مەيۈس تامغا ئېسىلغان،
تامغا ئەمەس دارغا ئېسىلغان.

دوپپا ئەمەس تامنىڭ زىننىتى،
دوپپا دېگەن ئۇيغۇر قىممىتى.

ياڭراپ كەتتى شۇنداق بىر سادا،
دوپپا دېگەن ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى.
قەيەردىسەن ؟زادى قەيەردە؟!
ئوغۇز ئەۋلادى
ئۇيغۇرنىڭ نەسلى!

5-ئاينىڭ 5-كۈنى،
ئانام تىككەن دوپپامنى كېيىپ،
ئايلانماقچى بولدۇم دۇنيانى.

بىلەمسىلەر بۈگۈن قانداق كۈن؟
5-ئاينىڭ 5- كۈنى،
«ماركىس»نىڭ ھەم تۇغۇلغان كۈنى.
بىلەمسىلەر زادى قانداق كۈن؟!
ئاڭلىنارمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى.

2010- يىلى 5-ئاينىڭ 5- كۈنى،(شاڭخەي)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى