جەڭگىۋار يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جوڭگودىكى ئون چوڭ ئۆزگىرىش پۇرسەت ياكى كىرىزىس

جوڭگودىكى ئون چوڭ ئۆزگىرىش پۇرسەت ياكى كىرىزىس

ۋاقتى: 2016-02-10 ئاۋاتلىقى: 2711 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جوڭگودىكى ئون چوڭ ئۆزگىرىش پۇرسەت ياكى كىرىزىس

لاڭ شىيەنپىڭ

ئېھتىمال جۇڭگو ئىقتىسادىدا كۆپلىگەن نازۇك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن:ئەسلىدىكى ياخشى كەسپلەر كاساتلىشىپ كەتتى...ئەسلىدە ياخشى تاپقىلى بولىدىغان پۇل تەسلىشىپ كەتتى...ئەسلىدە كۆزگە چېلىقمايدىغان كەسپلەر بارغانسېرى قىزىپ كەتتى...بۇ دەسلەپكى باشلىنىش، جۇڭگو پات ئارىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىدۇ!كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان چوڭ كىرىزىس بىلەن كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى چوڭ پۇرسەت بىرلا ۋاقىتتا كېلىدۇ!جۇڭگو 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىردى، ئەينى چاغدا جۇڭگو دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئەينى چاغدا جۇڭگونىڭ ئەھۋالى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا 15 يىللىق قوغداش مۇددىتى ئىلتىماس قىلدى، بۇ 15 يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشىمەكچى بولدى.ئۇنداقتا 15 يىللىق قوغداش مۆھلىتى توشتى، پات ئارىدا كۈچلۈكلەر بىلەن بىرگە ماڭىمىز!نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرىنى ھېس قىلىپ يەتمىدى، ئۇلار دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىشنىڭ بىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ دەپ سورىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەتتا ھەربىر ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.داڭلىق ئىقتسادشۇناس لاڭ شىىيەنپىڭ 2015-يىلى جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 15 يىللىق قوغداش مۆھلىتىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى خۇلاسىلىدى:1. تاموژنا بېجىنى ئازايتىش: تاموژنا بېجى ئومۇميۈزلۈك ئازايتىلىدۇ، ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %221 دىن %17 كە چۈشۈرىلىدۇ؛ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى باج تۈرى 5 يىل ئىچىدە %145 دىن %15 كىچە چۈشۈرۈلىدۇ؛ بارلىق ئېكسپورت تولۇقلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.2. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئېچىۋېتىلىدۇ: بۇغداي، كۆممىقوناق، شال ھەمدە پاختىغا «تاموژنا نىسبىتى نورمىسى تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ بازارنى ئېچىۋېتىدۇ، دۆلەت كونترول قىلىدىغان پۇرچاق يېغى سودىنى پەيدىنپەي بىكار قىلىدۇ.3. ئامېرىكىغا ئېكسپورتنىڭ (توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شىددەت بىلەن ئېشىشىنى چەكلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىش نورمىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن شىددەت بىلەن ئېشىشتىكى ئالاھىدە ماددىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 12 يىل بولىدۇ؛ جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەردە تۆكمە قىلىپ سېتىشىنى چەكلەش ماددىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 15 يىل بولىدۇ.4. پارچە سېتىش بازىرى ئېچىۋېتىلىدۇ: چەتئەل شىركەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ تارماق سېتىش ھوقۇقى ھەمدە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىدۇ.5. كەسپىي مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىدۇ: چەتئەل شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىدىغان كەسپىي مۇلازىمەتلەر قانۇن، بوغالتىرلىق، داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.6. ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئېچىۋېتىلىدۇ: نۇرغۇن چەتئەل فىلىملىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە 20 پارچە بولىدۇ، نۆۋەتتىگە قارىغاندا بىر ھەسسە ئاشىدۇ.7. ئاپتوموبىل سانائىتى ئېچىۋېتىلىدۇ: ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى نىسبىتى ھازىرقى %80-%100 دىن ھەر يىلى باسقۇچ بويىچە ئازايتىلىدۇ. ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ ماشىنا سېتىۋېلىش قەرزى تەمىنلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.8. تېلېگراف كەسپى ئېچىۋېتىلىدۇ: چەتئەل شىركەتلىرىگە تېلېگراف بازىرىنى ئېچىۋېتىپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ تېلېگراف مۇلازىمىتى ساھەسىدە %49 پاي ھوقۇقى بولۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ ھەمدە 2 يىلدىن كېيىن %50 كە كۆتۈرىدۇ؛ چەتئەل سودىگەرلىرى ئېنتىرنېت بازىرىغا ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ سالسا بولىدۇ.9. بانكا كەسپى، ئاكسىيە كەسپىنى ئېچىۋېتىدۇ: چەتئەل بانكىلىرى جۇڭگو كارخانىلىرىغا خەلق پۇلى مۇلازىمىتى بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ، چەتئەل مەبلىغىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ فوند باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.10.بىۋاسىتە سېتىش كەسپى ئېچىۋېتىلىدۇ: گۇۋاھنامە بېرىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، چەتئەل بىۋاسىتە سېتىش كارخانىلىرى نوپۇس ئەڭ كۆپ ئەمما بىۋاسىتە سېتىش نىسبىتى نىسپىي كىچىك جۇڭگو بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يوپۇرلۇپ كېلىدۇ.دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىكى «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان كەسپلەر يېتەكچى مۇندەرىجىسى (2015-يىللىق ئۆزگەرتىلگىنى)»نى ئېلان قىلدى. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. كونكرېت يېتەكچىلىك چىقاردى، رۇخسەت قىلىدىغان تۈرلەر پىرىنسىپ جەھەتتە چەتئەل مەبلىغىنىڭ پاي نىسبىتى چەكلىمىسىنى ساقلاپ قالمايدۇ، چەتئەل مەبلىغى پاي نىسبىتى بەلگىلىمىسى «مۇندەرىجە»دە ئېنىق كۆرسىتىلدى.چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىشتا، جۇڭگو چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىشتا بۇرۇنقى ياساش كەسپىنى ئاساس قىلىش ئەندىزىسىدىن مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگىرەيدۇ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ. 2015-يىللىق «مۇندەرىجە»گە ئاساسلانغاندا، مۇلازىمەت كەسپى ئاساسلىقى تور سودىسى، زەنجىرسىمان تىجارەت، تارماق تۆمۈر يول، مېترو، ئېلېكترۋوز، دېڭىز ترانسپورتى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىقلاردا پاي نىسبىتى تەلىپى بىكار قىلىنىدۇ ياكى بوشىتىلىدۇ، بىۋاسىتە سېتىش، پوچتىدىن سېتىۋېلىش، ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش، تۆمۈر يول مال ترانسپورتى، سۇغۇرتا شىركىتى، مالىيە شىركىتى، ھاۋالە شىركىتى، پۇل تىجارىتى شىركىتى قاتارلىق چەكلىمە قويۇلىدىغان تۈرلەرگە كىرمەيدۇ ھەمدە قۇرۇلۇش لايىھەسى، قېرىلارنى كۈتۈش ئورگانلىرى ئىلھام بېرىدىغان تۈرلەرگە كىرگۈزىلىدۇ.نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ تاموژنا بېجى ناھايىتى يۇقىرى، بارلىق ئىمپورت تاۋارلىرىغا تاموژنا بېجى قوشۇلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ %100 ئېلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %420 تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ، يەنى 100 يۈەنلىك تاۋار جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن 200 يۈەن بولىدۇ!ئۇنداقتا بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيانىڭ تاۋارلىرى ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگوغا كىرىدۇ، زور مىقداردىكى خىراجەت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭگو بازىرىغا سېلىنىدۇ، ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ، ئېھتىمال پۇقرالارنىڭ ئائىلىلىرىگە بىۋاسىتە كىرىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا جۇڭگودىكى بارلىق كەسپلەرگە ناھايىتى چوڭ زەربىسى بولىدۇ!شۇڭا،نېمىشقا دۆلەت ئاۋامنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ؟نېمشقا دۆلەت ئاۋامنى ئىگىلىك تىكلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ؟نېمىشقا دۆلەت ئېنتىرنېتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؟نېمىشقا دۆلەت دەرھال تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ سۈرئىتىنى ئۆستۈرىدۇ؟دۆلەت ئاۋامنى چوقۇم ئاۋامنى ئىگىلىك تىكلەشكە چاقىرىق قىلىشى كېرەك! جۇڭگونىڭ ئېنتىرنېت تەرەققىيات سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا بارلىق سودا لوگىكىسى ۋەيران بولۇپ قايتا قۇرۇلىدۇ، بارلىق ئەنئەنىۋى كارخانىلار چوقۇم باشقىدىن كېلىپ، يېپيېڭى سودا لوگىكىسى بىلەن قايتا باشلىشى كېرەك، بۇ باشلاش جەريانى بىر قايتا ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدۇر.بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، زور بىر تۈركۈم يېڭى كارخانىلار بارلىققا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر شەكلى يېپيېڭى، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كارخانىلارغا بولغان زەربىسى غايەت زور بولىدۇ، بۇ كەلگۈسىدە قىلغىلى خىزمەت يوق، قىلغىلى سودا يوق بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنئەنىۋى سودا ئاساسىي جەھەتتىن بولالماي قالىدۇ، سودا پۇرسىتى قالمايدۇ، ئەنئەنىۋى سودىمۇ ناچارلاپ كېتىدۇ، خىزمەت قىلغۇدەك جاي قالمايدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئېھتىمال نۇرغۇن ئادەم خىزمەتتىن قېلىشى مۇمكىن، بۇ ئادەمنى قورقىتىدىغان سۆز ئەمەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!بۇنداق ئۆزگىرىش جۇغلانغىلى ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل بولدى. 7-ئايغا بارغاندا پارتلىشى مۇمكىن، بارلىق كەسپلەر چوڭ تاسقاشقا دۇچ كېلىدۇ، يەنى چوقۇم ئەنئەنىۋى تىجارەت شەكلىدىن ئېنتىرنېت+ ئەندىزىسىگە بۇرۇلۇش كېرەل، بۇمۇ جۇڭگونىڭ چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يولى.2015-يىلى ئېنتىرنېت يىلى، بىۋاسىتە سېتىش يىلى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يىلى، سىز، مەن ھەم ئۇنىڭ يىلى!پۇرسەت دەل 2015-يىلدا!يەنە ئۆزگەرتمىسەك يىلدىن يىلغا ناچارلاپ كېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى