جەڭگىۋار يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۇ ئون ئىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز 5يىلدىن كېيىن ئۆزىڭىزگە رەھمەت ئېيتىسىز

بۇ ئون ئىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز 5يىلدىن كېيىن ئۆزىڭىزگە رەھمەت ئېيتىسىز

ۋاقتى: 2016-04-06 ئاۋاتلىقى: 2014 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ ئون ئىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز 5يىلدىن كېيىن ئۆزىڭىزگە رەھمەت ئېيتىسىز

ھازىرقى سىز، بەش يىلدىن كىينكى ئەھۋالىڭىزنى پەرەز قىلالامسىز؟ قايمۇققىچە ئۈزىڭىزگە ئازراق بېسىم بىرىپ ھازىردىن باشلاپ بۇ ئون ئىشنى قىلسىڭىز 5 يىلدىن كىيىن ھالىتىڭىزدە چۇقۇم ياخشىلىنىش بولىدۇ، شۇنداق ياشىغىنىڭىزدىن ئۈزىڭىزگە چۇقۇم رەھمەت ئېيتىسىز.

بىرىنچى:كىتاب ئوقۇش. كىتاب بىزگە بىلىم بېرىدۇ، تەپەككۈرىمىزنى ئاچىدۇ. ئادەم بولۇش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى: ساياھەت قىلىش. ساياھەت ئارقىلىق بىر تەرەپتىن روھىي بېسىمنى يىنىكلەتسەك، يەنە بىر تەرەپتىن نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتەلەيمىز.

ئۈچىنچى: كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش. ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم.

تۆتىنچى: ئىجاد قىلىش. ئىنسان دۇنياغا ياشىغىلى تۇغۇلمايدۇ، ياراتقىلى تۇغۇلىدۇ، بىر كىسەك ياراتساڭمۇ ئىنسانسەن، بىر كۆچەت تىكسەڭمۇ ئىنسانسەن، لېكىن باشقىلارنىڭ ياراتقىنىنى بىكار يېتىپ يەۋەرسەڭ يايرىغان سەمرىگەن نام تاپقان بىلەنمۇ بەرىبىر ھايۋانسەن. __ زوردۇن سابىر

بەشىنچى: تەڭ بەھىرلىنىش. خۇشاللىقنى، پايدىلىق ئۇچۇر بىلملەرنى تەڭ بەھىرلىنىش ئىنسانىي پەزىلەت ۋە بۇرۇچ.

ئالتىنچى: ساغلاملىقنى ساقلاش. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل.

يەتتىنچى: روزىغارچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىش. مەيلى سىز قايسى كەسىپ، قانچە ياش بولۇڭ، ئىقتىسادى پىلان تۈزۈش، پۇلنى باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش بىلىملىرى ھەممىمىزگە زۆرۈز. پۇل بولسىلا ھەممە نەرسە تەق بولمايدۇ، لېكىن پۇل بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ.

سەككىزىنچى : ئۆزىڭىزگە ئۇستاز تېپىڭ. ئۆزىڭىزدىن مۇنەۋەركىشىلەر بىلەن ئارلىشىڭ. بىلىملىك كىشلەردىن سىزگە بىلىم يۇقىدۇ. بايلار بىلەن ئارلاشسىڭىز پۇل تېپىش ئېپىنى ئۆگىنەلەيسىز.

توققۇزىنچى: ئىشنى ئ‍ىككىلىنىش سۆرىمەڭ. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويسىڭىز ئەتە چۇقۇم ئىككى كىشىلىك ئىشلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، ئەتىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بار.

ئونىنچى: ۋاقتىڭىزنى باشقۇرۇڭ. سىز ۋاقتىڭىزنى باشقۇرمىسىڭىز، ۋاقىت سىزنى باشقۇرىدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى