ئۇنتۇش
ۋاقتى: 2015-11-02
ئاۋاتلىقى: 1923 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۇنتۇش
ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەيمەن سېنى،
قويۇپ تۇرۇپ ئۆزۈمگە سۇئال.
دىلخانەمدە قىلىپ تەنتەنە،
ئۇچۇپ كىرگىن ئۈمىدلىك خىيال.
بولغان بولساڭ تېز سىزما سۈرەت،
ئۆچۈرەتتىم ئۆچۈرگۈچ ئېلىپ.
سەن بىر ئۆچمەس ئوتقاش قىزىل نۇر،
ھۇجۇم قىلغان، دىلغا ئوت سېلىپ.
ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەيمەن سېنى،
ئۆز-ئۆزۈمگە قويۇپ مەن سۇئال.
ئۇنتۇش ئۈچۈن كەچمىشلىرىمنى،
تاپالمىدىم، تاپقىم بار ئامال.
2006-يىلى 23-دېكابىر، (شەھىرى نەنچاڭ)