ھەسرەت
ۋاقتى: 2015-11-03
ئاۋاتلىقى: 2399 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھەسرەت
ئۇچۇپ كەتتى بېشىمدىن ئەنقا،
قۇزغۇنلارغا بېرىپ قوشۇلۇپ.
تەپەككۇردا قالمىدى مادار،
كەتكەنىدۇ نەگە توشۇلۇپ.
ھايات ئۇرار قامچىلىرىدا،
مەندە يوقتۇر ھېچقانداق قالقان.
گۈزەل ھېسلار ئېغىر تىنىدۇ،
ۋىجدان تاشلار بوپ كەتتى تالقان.
لىغىلدايدۇ چاناقلىرىمدا،
ھەسرەت پىغان قانلىق ياشلىرىم.
قۇزغۇنلارغا قالدىم ئامالسىز،
ئېتىلالماي ۋىجدان تاشلىرىم.
ئەجداد روھى بولالماي باشچى،
يېتىمسىراپ كۆپ ھەسرەت چەكتى.
بىخۇدلۇقتا قالغان ئەۋلادلار،
قۇزغۇنلارغا ئەگىشىپ كەتتى.
2006-يىلى 3-ماي، (شەھىرى نەنچاڭ)