جەڭگىۋار يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

غېرىبلىق

غېرىبلىق

ۋاقتى: 2015-10-29 ئاۋاتلىقى: 1435 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىچكىرىدىكى بۇ شەھەرلەردە،

يېغىپ تۇرار چەكسىز غېرىبلىق.

يا كۈلەلمەي ئاناڭ تىلىدا،

يۈرەك باغرىڭ دائىم يېرىقلىق .


نەگە بارساڭ ناتونۇش چىراي، 

مىللەتداشمۇ ئاچماس خۇشچىراي.

كەپەڭچىلىك بىلىنمەس ھەرگىز،

بۇ يەردىكى ئەڭ ئېسىل ساراي.


ئاناڭ  ئەتكەن تاماقنى ئەسلەپ،

بوغۇزىڭغا كەپلىشەر يىغا.

ھېيت-بايراملار ئۆتەر مەنىسىز،

سالالمايسەن ئېچىلىپ ساما.


ئانا يۇرتتىن يىراق بۇ شەھەر،

ئۇندا يوقتۇر خۇشناۋا سەھەر.

گەر قارايسا ھىدايەت نۇرى،

تاڭ ئاتقۇچە ئەجىلىڭ يېتەر.


2010-يىلى 10-ئاي،  شەھىرى شاڭخەي 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى