ئامېرىكا كارخانىچىلار خىتابنامىسى
يانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكا كارخانىچىلار خىتابنامىسى
مەن ئاددىي ئادەم بولۇشنى تاللىمايمەن،ئەگەر قولۇمدىن كەلسە، مەشھۇر ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن.
ئىزدەيدىغىنىم خاتىرجەملىك ئەمەس،پۇرسەتتۇر. مېنىڭ دۆلەتنىڭ بېقىشىغا بېقىنىپ قالىدىغان تۆمۈر تاۋاق ئىگىسى بولغۇميوق. شۇنداق بىر تەۋەككۈلگە ھەر ۋاقىت تەييارمەنكى، ئۇنى ئارزۇلايمەن، ئۇنى بەرپاقىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە مەغلۇپ بولىمەن ھەم شۇنداقلا غەلىبە قىلىمەن.
مەن ھېسداشلىقنى رەت قىلىمەن، تاللىشىم توختام سۇدەك جىمجىت ھالدا باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ بېرىش ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ ياشاشتۇر.
مەن ئەركىنلىكىمنى ھېسداشلىققا، غۇرۇرۇمنى«سەدىقە»گە تېگىشمەيمەن. مەن ھەرقانداق ھوقۇقدارلار ئالدىدا قورقۇپ تىترىمەيمەن،ھەيۋە، دەرد-بېسىملاردىن قورقۇپ ئىگىلمەيمەن. مەيدىنى تىك تۇتۇپ پەخىرلىنىپ،قورقۇمسىز، مەردانە ياشاش مېنىڭ خاراكتېرىم. مەن ئارزۇيۇم ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىپ، ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنىمەن. ھامان بىر كۈنى خەلقىئالەمگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: «ئىگەمنىڭ ياردىمى بىلەن مەن ئارزۇيۇمغا يەتتىم».