جەڭگىۋار يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خېرىدارلار ياقتۇرىدىغان دۇكانلار

خېرىدارلار ياقتۇرىدىغان دۇكانلار

ۋاقتى: 2015-10-30 ئاۋاتلىقى: 2481 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خېرىدارلار ياقتۇرىدىغان دۇكانلار
كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، خېرىدارلارنىڭ دۇكانلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنىڭ بىر قانچە ئورتاق نۇقتىسى  بار ئىكەن . ئۇلار تۆۋەندىكىدەك دۇكانلارنى ياقتۇرىدىكەن:
1)خېرىدارلار كىشلىك مۇناسىۋەت تۈسى قويۇق دۇكانلارغا تەدرىجىي يۈزلىنىۋېتىپتۇ. بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ 《قۇتادغۇ بىلىك》ناملىق كىتابىدا: 《كىشى تېپىلىدۇ، لېكىن كىشلىك ئوڭاي تېپىلمايدۇ》دېگەن. كىشلىك بۇ ناھايىتى يۇقىرى ئۆلچەمدۇر. كىشلىك مۇناسىۋەت ئۇ قويۇق ئادەمگەرچىلىك مىزانىغا قۇرۇلىدۇ.
2)خىزمەتچىلەرنىڭ چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم كەتمەيدىغان دۇكانلارنى ياقتۇرىدۇ. ئىللىق چىراي، تاتلىق سۆزلەر قەلب ئوزۇقى.
3)پاكىز، رەتلىك، كۆركەم ۋە چىرايلىق بېزەلگەن دۇكانلارنى ياقتۇرىدۇ. تازىلىق، سالامەتلىك يېرىم دۆلەت.
4)خېرىدارلار مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي مەسىلىھەت بېرىدىغان دۇكانلارنى ياقتۇرىدۇ.
5)خېرىدارلار دۇكاندىكى بىر خىزمەتچىنىڭ پوزىتسىيەسى ياخشى بولمىسا، بۇنداق دۇكانغا ئىككىنچى ئاياغ باسمايدىكەن. 《بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا》دېگەن مانا شۇ.
6)كىشىلەر  بىر  دۇكاندىن ياخشىلىق كۆرسە، ئۇ دۇكانلىرىنى يېقىنلىرىغا تونۇشتۇرىدىكەن.  كىشىلەر ئېلاندىن كۆرە يېقىن ئادەملىرىنىڭ مەسىلىھىتىگە بەكرەك ئىشىنىدۇ. مۇلازىمىتى ياخشى، خېرىدارلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىدىغان دۇكانلار روناق تاپقۇسى.
7)ئېلانى جەلپ قىلغان، ئەمما دۇكاندىن ئۈمىدسىزلەنگەن خېرىدارلار بۇنداق دۇكانلارغا ئىككىنچى ئاياغ باسمايدىكەن. 《كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا》دېگەن مانا شۇ.
8)چۆلدەرەپ قالغان دۇكانلارغا خېرىدارلارنىڭ ئاياغ باسقۇسى كەلمەيدىكەن. دۇكىنىڭىزدىن مال سېتىۋالمىسىمۇ، كىشلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەستىن كىرىپ تۇرۇشى مەلۇم مەنىدە سىزنىڭ ئامىتىڭىز دېگىنىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبىمۇ مۇشۇ. شۇڭا، دۇكاننىڭ ئىچى-سىرتى جەلپكارلىققا ئىگە قىلىنىشى، كىرىپ-چىقىشىغا ئەپلىك بولۇشى، دۇكان ئىچى تولىمۇ يورۇق ۋە ئازادە بولۇشى كېرەك.
9)پارچە پۇلنى ياندۇرمايدىغان دۇكانلارغا كىشىلەرنىڭ ئاياغ باسقۇسى كەلمەيدىكەن. شۇڭا، تىجارەتچىلەر غەللىدىن پارچە پۇل، موچەنلەرنى ئايرىماسلىقى كېرەك.

《دۇكاندارچىلىقنىڭ يېڭى رىسالىسى》دىن

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى