جەڭگىۋار يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئادەتلەر

خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئادەتلەر

ۋاقتى: 2015-10-30 ئاۋاتلىقى: 2093 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خېرىدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئادەتلەر تۆۋەندىكىچە:
(1)ماگىزىنغا كىرگەن خېرىدارلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋېلىپ، ئۇلارنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش؛
(2)مۇئامىلىدە سوغۇق بولۇپ، قىلچىمۇ مېھرىبانلىق قىلماسلىق؛
(3)خېرىدارلار مال سېتۋالمىسا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش؛
(4)خېرىدارلارنى مال سېتۋېلىشقا زورلاش؛
(5)خېرىدارلار سېتۋالغان تاۋارلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ياكى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، سەۋرچان بولماسلىق؛
(6)خېرىدارلارغا ھەددىدىن زىيادە مېھرىبانلىق قىلىپ، سېتۋالماقچى بولغان تاۋارغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىش؛
(7)سودا كەسپىدىن ئازراقمۇ بىلىمى بولماسلىق؛
(8)كىشىلەرنىڭ ئۆز خىزمىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ھېس قىلماسلىق؛
(9)ماگىزىننىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك؛
(10)خېرىدارلارنىڭ رايىغا باقماسلىق؛
(11)خېرىدارلارنى كۆزگە ئىلماسلىق؛
(12)ماگىزىندا خېرىدار تۇرسىمۇ ئۆز ئارا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش ياكى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش؛
(13)خېرىدارلارغا قارىتا سۆزى يۇمشاق بولسىمۇ، ھەرىكىتى قوپال بولۇش؛
(14)خېرىدار ماگىزىندىن چىقىپ بولغۇچە، ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىش؛
(15)خېرىدارلارنىڭ ئالدىدا باشقىلارنى يۇقىرى-تۆۋەن ئاۋازدا ئەيىپلەش ۋە سۆكۈش؛
(16)مال ئېلىۋاتقان بىرلا خېرىدار بىلەن بولۇپ كېتىپ، باشقا خېرىدارلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەسلىك؛
(17)خېرىدارلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش؛
(18)بىر مۇنچە پىرىكازچىك بار تۇرۇقلۇق، پەقەت مال سېتىۋالغۇچىنىلا كۈتۈپ، باشقىلارنى نەزىرىگە ئىلماسلىق؛
(19)خېرىدارلار مال تاللىسا ئاچچىقلىنىش، پىكىر بەرسە قوبۇل قىلماي قوپاللىق قىلىش؛
(20)خېرىدارلار باشقا ماگىزىندىن مال سېتۋالغان بولسا، خېرىدار مال ئالغان ماگىزىننى سۆكۈپ مېلىدىن قۇسۇر چىقىرىش، ئۆز ماگىزىنىنىڭ ماللىرىنى داڭلاش؛
(21)ئۇششاق بالىلار مال سېتۋالغىلى كەلسە، ئۇلارنىڭ گۆدەكلىكىدىن پايدىلىنىپ، قىممەت سېتىش ياكى ناچار مال بېرىش، جىڭ ئۆلچىمى كەم بولۇش؛
(22)مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خېرىدارلارنى ئۇزاق ساقلىتىپ قويۇش ياكى خېرىدار بۇيرۇتقان ئىشنى ۋاقتىدا قىلماي خېرىدارلارنى تولا ماڭدۇرۇش، خېرىدارلارغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق؛
(23)مال باھاسىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈۋېلىش.

"تىجارەتچىلەر قوللانمىسى" دىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى