يارىم سېنى سېغىنغان كېچە
ۋاقتى: 2015-11-13
ئاۋاتلىقى: 2432 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يارىم سېنى سېغىنغان كېچە
كۆزلىرىمدىن ئۇيقۇلار قاچقان،
يارىم سېنى سېغىنغان كېچە.
يۈرەكلەرنى پىچاقلار تىلغان،
يارىم سېنى سېغىنغان كېچە.
مېنى تاشلاپ كەتتىڭ يىراققا،
مەن قالدىمغۇ ئازاپ پىراقتا،
سەن يۈرىسەن ھەي! قاياقلاردا؟!
يارىم سېنى سېغىنغان كېچە.
سەنسىز دۇنيا بولدى تار ماڭا،
چىن يۈرەكنى تۇتىمەن ساڭا،
ئازاپلىرىم جار سالار دىلدا،
يارىم سېنى سېغىنغان كېچە.
چىن يۈرىكىم سەن ئۈچۈن يانغان،
بۇ گەپلىرىم ئەمەستۇر يالغان.
كەلگۈسىگە ئۈمىدلەر تولغان،
يارىم سېنى سېغىنغان كېچە.
2011 -يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى (شەھىرى شاڭخەي)