جەڭگىۋار يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

رەھبەرلىكتە مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئون چوڭ سەۋەبى

رەھبەرلىكتە مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئون چوڭ سەۋەبى

ۋاقتى: 2015-10-30 ئاۋاتلىقى: 1616 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆۋەندە بىز رەھبەرنى مەغلۇبىيەتكە باشلايدىغان ئون تۈرلۈك سەۋەنلىكنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. چۈنكى نېمىنى قىلىش لازىملىقىنى بىلىش بىلەن نېمىنى قىلماسلىق لازىملىقىنى بىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر.
1.ئۇششاق ھالقىلارنى ئىدارە قىلالماسلىق. ھەقىقىي رەھبەر ھەرگىزمۇ 《ناھايىتى ئالدىراش》لىق سەۋەبى بىلەن ئۆزىگە تەئەللۇق خىزمەتنى ئاقسىتىپ قويمايدۇ. بىر ئادەم مەيلى ئۇ رەھبەر بولسۇن ياكى ئەگەشكۈچى بولسۇن، ئۆزىنىڭ 《ناھايىتى ئالدىراش》ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە ھەرقانداق جىددىي ئەھۋالغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، بۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانغا باراۋەردۇر. چۈنكى غالىب رەھبەرلەر خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇششاق ھالقىلارنى تولۇق ئىگىلەپ ماڭالايدۇ. بۇ ھەم ئىشنى قول ئاستىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
2.ئۇششاق ئىشلارغا رايى بارماسلىق. ھەقىقىي بۈيۈك رەھبەرلەر ئېھتىياجغا قاراپ، قول ئاستىدىكىلەر شۇغۇللانغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازى بولىدۇ. ئاممىنىڭ چاكىرى بولالىغان رەھبەر ئەڭ ئۇلۇغ كىشىدۇر. ئىقتىدارلىق رەھبەرلەر بۇ ھەقىقەتكە ئەمەل قىلىدۇ.
3.بىلىم تەتبىقلانغان 《ھەرىكەت》ى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئاشۇ 《بىلىم》نىڭ ئۆزىگىلا تايىنىپ مەنپەئەت ئېلىشنى كۆزلەش. دۇنيانىڭ سىزگە بەرگىنى ھەرگىزمۇ نېمىنى 《بىلگەن》لىكىڭىزگە قاراپ قىلغان ئىنئامى ئەمەس، چۈنكى مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلەر دەل بىلىمنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ، ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزگەنلەر ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغانلاردۇر.
4.قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىنى بېسىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان رەھبەرلەر بۇ ئەندىشىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى ھامان بىر كۈنى كۆرىدۇ. ئىقتىدارلىق رەھبەرلەر .ئىزباسار يېتىشتۈرۈشنى بىلىدۇ ھەمدە ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارغا ھاۋالە قىلىشنى خالايدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۇششاق ھالقىلارنىڭ ھەممىسىگە قول تىقىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگىلى بولىدۇ. ئىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشنى بىلگەن ئادەمنىڭ ئېرىشكىنى ھەممە ئىشنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن ئادەمنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتتۇر. قولىدىن ئىش كېلىدىغان رەھبەرلەر ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە سېھرىي كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرالايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق رەھبەرنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن كىشىلەر تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ۋە ئەۋزەل بولىدۇ.
5.تەسەۋۋۇر كۈچى ئاجىز بولۇش. تەسەۋۋۇر كۈچى ئاجىز رەھبەرنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ، شۇنداقلا قول ئاستىدىكىلەرگە ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىش پىلانىنى تۈزۈشكە قۇربى يەتمەيدۇ.
6.شەخسىيەتچىلىك. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان رەھبەر باشقىلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغىماي قالمايدۇ. ھەقىقىي بۈيۈك رەھبەر باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماي، ھەرقانداق شەرەپنى قول ئاستىدىكىلەرگە ئۆتۈنۈشكە رازى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ نۇقۇل پۇل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شەرەپ ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
7.خالىغانچە ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىش.باشقىلار قول ئاستىدىكىلەرنى خالىغانچە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان رەھبەرنى ھۆرمەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل خاھىش ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەنلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
8.سەمىمىيەتسىزلىك. بۇ نۇقتىنى بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەگەر رەھبەر بولغۇچى شىركەت ۋە ئىشداشلىرى(رەھبىرى ۋە قول ئاستىدىكىلەرگە)غا سەمىمىيەتسىزلىك قىلسا، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ئۇزاققا بارمايدۇ. سەمىمىيەتسىز ئادەم ئۆز ئابرۇيىنى ئۆزى تۆكۈۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشلەر ئۇنى پەس كۆرىدۇ. شۇڭا سەمىمىيەتسىزلىك ھەرقايسى ساھەلەردىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىندۇر.
9.ھوقۇقنىڭ نوپۇزىنى كۆز-كۆز قىلىش. ئىقتىدارلىق رەھبەر قول ئاستىدىكىلەرنى پوپوزا بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرىدۇ. زوراۋان رەھبەرلەرلا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يۈرىكىگە ھوقۇقنىڭ نوپۇزىنى مىخكىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۆز ھەرىكىتى بىلەن قول ئاستىدىكىلەرگە ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان ھەقىقي رەھبەرلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ نوپۇزىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
10.مەنسەپنى ئەتىۋار بىلىش. ئىقتىدارلىق رەھبەرلەر ئۆز مەنسىپىنى ئەتىۋار بىلمىسىمۇ، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنى .ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىۋېرىدۇ. مەنسەپتىن ئۆزگە تىلغا ئالغۇدەك يېرى يوق كىشلەرلا ئۆز مەنسىپىنى بەك ئەتىۋار بىلىدۇ. ھەقىقىي رەھبەرنىڭ ئىشخانىسى ھەرقانداق كىشىگە ھەرزامان ئوچۇق تۇرىدۇ ھەمدە ھەشىمەتسىز، ئاددىي-ساددا بولىدۇ.
يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر رەھبەرلىكنى مەغلۇبىيەتكە باشلايدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بولۇپ، بۇلاردىن بىرەر تۈرى كۆرۈلگەن ھامان رەھبەرنى پالاكەت باسىدۇ. ناۋادا سىز رەھبەر بولۇشقا بەل باغلىغان بولسىڭىز، يۇقىرىقىلارنى ئوبدان ئانالىز قىلىپ، ئاشۇ خاتالىقلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ.


《بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ》دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى