غېرىبلىق
ۋاقتى: 2015-10-29
ئاۋاتلىقى: 1435 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىچكىرىدىكى بۇ شەھەرلەردە،
يېغىپ تۇرار چەكسىز غېرىبلىق.
يا كۈلەلمەي ئاناڭ تىلىدا،
يۈرەك باغرىڭ دائىم يېرىقلىق .
نەگە بارساڭ ناتونۇش چىراي،
مىللەتداشمۇ ئاچماس خۇشچىراي.
كەپەڭچىلىك بىلىنمەس ھەرگىز،
بۇ يەردىكى ئەڭ ئېسىل ساراي.
ئاناڭ ئەتكەن تاماقنى ئەسلەپ،
بوغۇزىڭغا كەپلىشەر يىغا.
ھېيت-بايراملار ئۆتەر مەنىسىز،
سالالمايسەن ئېچىلىپ ساما.
ئانا يۇرتتىن يىراق بۇ شەھەر،
ئۇندا يوقتۇر خۇشناۋا سەھەر.
گەر قارايسا ھىدايەت نۇرى،
تاڭ ئاتقۇچە ئەجىلىڭ يېتەر.
2010-يىلى 10-ئاي، شەھىرى شاڭخەي