
-
قەدىمكى يۇناننىڭ بىر پەيلاسوپى: “قۇياش ھەر كۈنى يېڭى” دېگەنىكەن. روشەنكى، بىز كالېندار ۋارىقىنى بىر قېتىم ئۆرىگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ مۇئەييەن ماكان، زامان بىلەن بولغان پسىخىكىلىق ۋە فىزىكىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە بىر تەرەپ قىلغان بولىمىز. بۇ جەرياندا “بۈگۈن” دېگەن ئۇقۇم ئۆتمۈشكە قارىتا ئىنكارلىق مۇناسىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىچكى قاتلىمىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ھەربىر قەدەم بىر ئويلىنىشنى مەزمۇن قىلىدۇ. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ھەربىر بۇرۇلۇش ئۆتمۈشكە قارىتا ئويلىنىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ سان ئوقىدا ئۆز يۆنىلىشىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرىدۇ.