
-
ئەسۋاپلار شۇ قەدەر نازۇك، يۈرەكنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرى، ئىچ - باغرىمدىكى ئاينىشلار، قان تىپلىرىمىز، گېن تۈزۈلۈشىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارا، ھەر - بىر بوسۇغا، ھەر - بىر دوقمۇش ئارخىپىمىزغا يېڭى بىر مەزمۇن قوشىدۇ. بارغانسىرى كارتىلارغا ئايلاندىم، كارتىلار مىنى توشۇماقتا.
تېلىفۇن.......تېلىفۇنلاردا پارغا ئايلاندىم، كىملەردۇ مېنى سۈزمەكتە، لىكىن مەشۇقۇمنىڭ كارى يوق.
يالغۇزلۇق، ھىچكىمگە چۈشەندۈرەلمىگەن گەپلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن سوغۇق يالغۇزلۇق بازارغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزەمگە قېپقالدى.