
-
قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىمنى قىلىپ، ئۆي - ئۆيلەرگە چاقىرىشتى. بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى پەتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىشىمدا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئېزىز مۇئەللىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
ئېزىز مۇئەللىم مۇشۇ مەكتەپتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئوقۇتقۇچى ئىدى. مەكتەپ پائالىيەتلىرىنىڭ قاندىقى بولسۇن، مەيلى تەنتەربىيە دەمسىز ياكى سەنئەت، ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈشلەر بولمىسۇن ھەممىسىدە ئېزىز مۇئەللىمنىڭ پۇختا، ئەمما ئالدىراش بېسىلغان قەدەم ئىزلىرى چاقناپ تۇراتتى. «ئېزىز مۇئەللىمدىن سوراپ باقايلى ئەمىسە»، «ئېزىز مۇئەللىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ...» دېگەندەك سۆزلەر ئوقۇتقۇچى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ مەكتەپنىڭ باشلامچىسى ۋە تەشكىلاتچىسى ئىدى. ھەممە ئۇنى ھۆرمەت قىلاتتى. بىر كۈنى ئېزىز مۇئەللىم زۇكامداپ قالدى. ئۆزىغۇ خىزمەتتىن قالغىنى يوق، پەقەت گىمناستىكىدا پۇشتەك چېلىۋېتىپ چۈشكۈرۈپ سالدى. بۇ ئىش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ غۇلغۇلا ۋە بەس - مۇنازىرە قوزغىدى. «ئەگەر ئېزىز مۇئەللىم ئاغرىپ يېتىپ قالسىزە، ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ» دەيتتى بالىلار.
بالىلىق دېگەن قىزىق بولىدىكەن. بەزىدە «چۈمۈلىنىڭ نەچچە پۇتى بار» دېگەندەك تايىنى يوق گەپلەر ئۈچۈن تالىشىپ - ئۇرۇشۇپ كېتىدىغان گەپكەن. بىر كۈنى مەكتەپ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچماقچى بولدى. مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان كېسەك سۇپا بايراق، لوزۇنكا ۋە شىرەلەر بىلەن زىننەتلەندى.
يوغان دۇمباق گۈمبۈرلەپ مەكتەپ بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلدى. بىز يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىنىپلار بويىچە قاتار بولۇپ مەيداننى ئايلىنىشقا باشلىدۇق.