
-
*پاررى توماس. پاررى توماس ئاپتوموبىل ماھىرى ۋە ئىنژىنېرى بولۇپ، چۈشىدىمۇ مالكولم كامبېلنىڭ ياراتقان مۇسابىقە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ، ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، بىر ئۆزگىچە مۇسابىقە ئاپتومۇبىلىنى ياساپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا بابۇس دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇ بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، چاق بىلەن ماتورىنى تۇتاشتۇرىدىغان زەنجىرنى ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1926- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى مۇسابىقىدە پاررى توماس ئاخىرى يېڭى رېكورت يارىتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى سائىتىگە 170 كىلومېتر ماڭىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ. ئەمما، ئۇ ياراتقان يېڭى رېكورتنى ئىككىنچى يىلى مالكولم كامبېل يەنە بۇزۇپ تاشلايدۇ. پاررى توماس سۈرئەتنى يەنە تېزلىتىپ، بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ زەنجىرى توساتتىن ئۈزۈلۈپ ئۆزىگە تېگىپ كېتىپ نەق مەيداندىلا ئۆلىدۇ.