• تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى . ياكۇب گرىم :«بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر . بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۇستىخان - سۆڭەك ، قەبرە - كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى ، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇلارنىڭ تىلىدۇر» دەيدۇ . دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، بىر ئەل ياكى بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋرى دەل ئۇلارنىڭ مىللىي تىلىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ۋە تاكامۇللاشقان دەۋرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز...