
-
·1914- يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان چاغدا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئەينى ۋاقىتتىكى قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقىتسادىدىن ئېشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ياۋرۇپا ئەللىرى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن تېخى تولۇق قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئامېرىكا شەھەرلىرى دەل گۈللىنىش دەۋرىگە كىرىپ بولغانىدى. گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراپ ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالغان، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق سانائەت دۆلەتلىرى ئۇرۇش خارابىسىگە ئايلانغان ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئۇرۇشنىڭ مەپەئەتدارى سۈپىتىدە دۇنيا بويىچە قۇدرەتلىك ئىقتىسادىي دۆلەتكە ئايلاندى. 1945- يىلى ئامېرىكىنىڭ مىللىي دارامىتى پۈتۈن كاپىتالىزىم دۇنياسى مىللىي داراتىمىنىڭ 60 پىرسەنتىگە، ئامېرىكىدىكى ئالتۇن زاپىسى 20 مىليارد 800مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، كاپىتالىم دۇنياسىدىكى ئالتۇن زاپىسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ ئۆلۈشىنى ئىگىلىدى.