• قاراخانىيلاردا تېبابەتنىڭ ئايرىم بىر پەن سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.بۇ دەۋردە يېزىلغان ئىككى شاھ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ» بىر مۇنچە تېمىلاردا تېبابەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 11-ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ۋە ئاشۇ شاھ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولغان يۈسۈپ بىلەن مەھمۇدتىن ئىبارەت بۇ ئىككى بۈيۈك شەخس تىل ۋە سىياسەت ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ تېبابەت مەدەنىيىتى ھەققىدىمۇ خېلىلا تەپسىلى مەلۇماتلارنى بەرگەن ئىدى.بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئەسىرىگە ئوبدان بىر نەزەر تاشلانسا، ئۇلارنىڭ تېبابەت ساھەسىدىمۇ مول بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ خىل ھالەت قاراخانىيلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا تېبابەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.ئەمما، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەت بىلىملىرىنى تولۇق ھالدا يورىتىپ بىرەلەيدىغان بىرەر مەنبەگە ئىگە ئەمەسمىز.  دۇنياغا مەشھۇر باشقىرت ئالىمى ئەھمەد زەكىي ۋەلىدى توغان مانىسادا شەرقىي قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى ئەل - ھەسەننىڭ ئوغلى ئەل - مەمۇنغا بېغىشلانغان بىر تېببىي كىتابنى تاپقان.(1)بۇ ئەسەرنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تېبابەت ئىلمىگە دائىر  مۇھىم ۋە يىتەرلىك بىر مەلۇمات بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.ئەپسۇس، بۇ ئەسەر قولىمىزدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە  ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز.