• تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا -ئارقىدىن پارتلايدۇ.  چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسى، ئىقتىسادى كىرىزىسكە دۇچ كېلىدۇ.  ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادى سېلىقىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرىدۇ.  ئىلىدىكى جىياڭجۈن مەھكىمىسى ئىلگىرى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان 4 خو ( 256كىلوگرام ) بۇغداي غەللە پاراقنى 1863-يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرىدۇ.  ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادى زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن ئىلى دېھقانلىرى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۈتۈرۈشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. دەسلەپتە 1863-يىلى 3-ئايدا ياڭ سەنشىڭ، مائېرلەنلەر باشچىلىقىدا باياندايدىكى خۇيزۇلار قوزغىلاڭ كۈتۈرىدۇ، بۇ قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خۇيزۇلار غۇلجا شەھرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئابدۇرۇسۇلبەگ باش قوماندان بۇلۇش شەرتى بىلەن بۇ تەكلىپكە قۇشۇلىدۇ.