• قاراخانىيلار خانلىقى-ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەڭ گۈللەنگەن ۋە قۇدرەت تاپقان فېئودال خانلىق بولۇپ، بۇ خانلىق ھۆكۈم سۈرگەن 399 يىل جەريانىدا، خانلىق تەۋەسىدىكى ھەر قايسى رايونلاردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن بىر قاتاردا ئىلىم-پەنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. جۈمىلىدىن قەشقەر، بالاساغۇن ۋە سەمەرقەندلەردە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالى بىلىم يۇرتلىرى-مەدرىسلەر قۇرۇلغان. بۇ مەدرىسلەر ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت ئوچىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىن، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاستىرونومىيە، ماتىماتىكا، تىبابەتچىلىك قاتارلىق تەبىئىي ۋە ئىجىتمائى پەن ساھەلىرىدە كۆپلىگەن ئۆلىمالارنى، ئەدىب-شائىرلارنى، تىلشۇناسلارنى، پەيلاسوپلارنى، تارىخشۇناسلارنى، تىۋىپلارنى يىتىشتۈرگەن. بۇ ئىلىم ئەھلىلىرى تۈرك(ئۇيغۇر)، ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، كېيىنكىلەرگە جاھانشۇمۇل يازما مىراسلارنى قالدۇرغان.

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىگە سىڭىپ كەتكەن ئۇرۇقداش خەلقلەر ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئولتۇراق تېرىم مەدەنىيىتىگە بۇرۇن قەدەم قويغان بۇلۇپ سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ماھارىتى، شەھەر-قەلئە ھاياتى، يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى. شامانىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئېتقاد ئەقىدىلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئاساسىي ئالاقىنى ئۈزۈپ، زوروئاستېردىنى، مانى دىنى ھەم بۇددىزم مەدەنىيىتى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە بۇ دىنلارغا ئېتقاد قىلغان دەۋردىكى شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى مەشھۇر سىياسىي ئەربابلار، مۇتەپەككۇر ئالىم شائىرلار، تەرجىمەشۇناسلار ۋە سودا ئىقتىساد خۇجىدارلىرى («Sarthavaha» سارتاۋاخ) نىڭ يېتىشىپ چىققانلقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتنى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك بولۇشتەك باي مەدەنىيەت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلغان بۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىپەۋەر خاسىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.