• 1944-يىلى 11-ئايدا نىلقا پارتىزانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋەناھىتى تىزلىك بىلەن بىرقاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ نىلقا بازىرنى ئازاد قىلدى ،گومىنداڭ دائىرلىرى قاتتىق ئالاقزادە بولۇ پ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىن3000 دىىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كىلىپ قوغىلڭنى باستۇرشقا ئۇرۇندى،ھەمدە نىلقىنى قوشاۋغا ئالدى ، بۇ ۋاقىتتا قوزغىلاڭچىلار ئابدۇكېرىىم ئابباسوفنڭ خەۋەر يەتىكۈزشى بىلەن غۇلجىدا ئەسكەر قالمىغان پۇرسەتتىن پايىدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىلقىدىن چىكىنپ چىقىپ قۇرۇق نىلقا بازارنى گومىنداڭغا تاشلاپ بېرىپ غۇلجىغا ئاتلاندى.1-ئاينىڭ 7-كۇنى كىچىدە ئابدۇكېرىىم ئابباسوف غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتەردى ،ھەمدە نىلقا پا رتىزانلىرى بىلەن ماسلىشىپ، غۇلجا شەھىرىنڭ ھەرەمباغ ۋە لاڭشىياڭ ئايدىرومىدىىن باشقا جايلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى1945-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھەرەمباغ ئىشخال قىلىندى ،شۇنىڭ بىلەن پۈتىكۈل ئېلى ئازاد قىلىندى .

  • مىلادى 13- ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ غەرپكە قىلغان يۈرۈشىدە ئۇيغۇرلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. ھەتتا تۇرپان، كۇچا، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھىلاكۇخاننىڭ قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ باردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سىياسىيونلار، ئالىملار، سەنئەتكارلار، زىيالىلار، كاتىپلار ۋە شائىرلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان موڭغۇل ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت، ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ھەربىي ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.


  •      سىرتتا شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. قاڭقى مەمەت تامچە ئۆتۈپ تۇرغىلى بولماس بولۇپ كەتكەن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا شۈمشىيىپ ئۇخلاۋاتاتتى. يامغۇر تامچىلىرىنىڭ داسقا، قاچىغا تېمىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھۆرى موماي بىر بۇلۇڭدا چەكچەيگىنىچە تىترەپ ئولتۇراتتى. يامغۇرنى تىللاپ غۇتۇلدىغان چاغدا يۈزىدىكى قورۇقلار تەڭ مىدىرلايتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرمايلا ھاسىسىنى ئۇزىتىپ نەۋرىسى قاڭقى مەمەتنى تۈرتتى. قاڭقى قوپمىدى. موماي قاڭقىنىڭ بېشىغا بىر سېلىۋىدى، قاڭقى ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى.
          - ھەي تاز، قاچانغىچە ئۇخلايسەن، قوغۇنلار يېرىلىپ تۈگەيدىغان بولدى.

  • 2007 - يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولۇپ بۇ ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر»دەپ جاكارلىغاندا، بۇنى ئۇققان دۇنيانىڭ جاي-جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ھاياجان ئىلىكىدە خەۋەر يەتكۈزۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ، خەنزۇ تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 11-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «رۇسىيە پۇرباجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرمەكتە» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بۇ كاتتا ۋەقەدىن خەۋەردار قىلدى . ئارقىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇ رەھىمجان ھاكىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «رۇسىيىدىكى ئۇيغۇرلار سالغان يازىلىق قەلئە پورباجىن» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ بۇ خەۋەرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .

  • زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ « ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسى بىزدە يېزىلىۋاتقان تارىخىي رومانلار ئىچىدە بەدىئىي تۈسى نىسبەتەن يۇقىرى ئەسەر بوپقالدى. ئاپتور بەدىئىي تەلەپ بىلەن تارىخىي ئۇچۇر سىغىمچانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشتا زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئەسەردىن قارىغاندا، ئاپتور تارىخىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ئۈچۈن ئاجايىپ كۆپ ئەمگەك قىلغان ۋە ئۇنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۇزۈشكە جىددىي ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ تەرەپ بىزدىكى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئېتىبار بەرمەيدىغان ئەدىبلەر ئۈچۈن بىر ئۈلگە.
    روماندا پېرسوناژلار شۇنچە كۆپ، ئاساسلىق پېرسوناژلار خاراكتېر جەھەتتىن ئۆز مۇستەقىللىقى بىلەن كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تارىخىي شەخىسلەر بولۇپ، تارىخىي شەخىسلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش شەرتى بىلەن بەدىئىي سۈپەتتە نامايان قىلىش يازغۇچىدىن ھەم ئۆتكۈرلۈك، ھەم زىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. دىيارىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئازادلىق كۈرەشلىرى، سان - ساناقسىز قۇربانلار، تالاي تارىخىي ئىبرەتلەر بىلەن تولغانكى، بۇ زېمىندىن پۈتكەن كېسەكلەردىن، بۇ زېمىننىڭ تاغلىرىدىن ئېلىنغان يارما-تاشلاردىن ئارماندا كەتكەن مىليون - مىليون شەھىتلەرنىڭ ئارمانلىق كۆزلىرى قاراپ تۇرىدۇ.

     

  • ﻛﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼﺩﯨﻦ ﻛﻪﻳﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﻳﯘﻧﭽﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺪﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ يېڭى ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﯩﻘﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍﻕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (582-630) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻳﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (680-742) ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.

  • ئىستەلگەن نەرسىلەر دىلغا تايىن بولىدۇ،ۋىسال ئىشىقى ئۆمۈرلۈك مەنا سەپىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئىستەلگەن يار شائىر ئۆزىلا ھېس قىلالايدىغان سىيما بولۇپ،شائىر قەلىمىدىن تۇغۇلغان مىسرالارنى ئاشۇ سىيمانىڭ غايىۋى قۇدىرتىدىن تەپكەن ئىلھامنىڭ كۆلەڭگۈسى دېيىشكە بولىدۇ.ئۇنداقتا،مەنىۋىلىك ياكى مەنە ئىزدىگەن ئادەم ماددىي تەمە غەۋغالىرى ئىچىگە غەرق قىلىنغاندا،ئۇنىڭدا قانداق ھال يۈز بېرىشى مومكىن؟
    تەنھالىق ۋە غېرىپلىق ئىنسانلارنى ھەقىقىي سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق تەقدىرى.قايسى پەيغەمبەر،قايسى داھىي،قايسى قەھرىمان،قايسى پىكىرلىك غۇرۇر ئادىمى غېرىپلىق دەشتىدە ئازابلانمىغان؟