ئايلىق : 2011-09

ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.09.23ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 50 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى.
قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى.

مىنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم.

مىنىڭ تىلىم مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ كاپالىتى ۋە ھىمايىچىسى. ئۇ خۇددى كەلكۈن سۈيىدە كۆڭۈل ئېتىزىمغا قۇيۇلۇپ، مېنى قاغجىراق جەزىرىدىن كۆكلەم بەزمىسىگە ئېلىپ كېلىدۇ. مىنىڭ ئەمەس قوۋم-قېرىنداشلىرىمنى ئۆزگىچە ئاھاڭى بىلەن بېزەيدۇ. گويا دۇنيا سەھنىسىدىكى مەشھۇر سەنئەتكارلاردەك خەلقى ئالەمگە تونۇتىدۇ. چۈنكى مىنىڭ تىلىم سەنئەتلىك، مۆجىزىلىك تىل. ئۇ بىر قارىسا تاغ سۇيدەك شوخ ۋە ئويناق تىل. بىر قارىسا تاغ لەيلىسىدەك گۈزەل ۋە سىپايە تىل. بىر دالا تورغىيىنىڭ ناۋاسىدەك يېقىملىق ۋە ساددا تىل. شۇڭىمۇ ئۇنىڭسىز بۇ جاھان ماڭا زۇلمەت تۈن. ئۇنىڭسىز مەن پاڭ. ئۇنۇڭسىز مەن توكۇر. ئۇنۇڭسىز مەن گاچا. ئۇنىڭسىز مەن بىر يېتىم. ئۇنۇڭسىز مەن…

مىنىڭ تىلىم مىنىڭ يىلتىزىم. ئۇنۇڭدا ئەجدادلىرىمنىڭ تەۋەررۈك روھى دۇنياسى يىللار پايانىدا ئاقار يۇلتۇزدەك يېيىلىپ، كۆكلەم جىلۋىسىنى كۆرسەتسە، رېئاللىقىمدا خۇددى بۇلبۇل كەبى يېقىملىق ناۋا ۋە ئاھاڭنى، چۈچۈك تىللىرى بىلەن قۇشلار دۇنياسىنىڭ نەزمىگاھىغا ھۆسن قوشۇپ، ئالەمچە شۆھرىتى ۋە ھېكمىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئەۋلادلارغا تارىخنى، ئاتا-ئانىنى، ئىنساننى ۋە ھەممىنى تونۇتىدۇ. بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۆگىتىدۇ. ئۇلارغا تۈن قوينىدىكى نۇرلۇق ماياكتەك يول كۆرسىتىدۇ. قەلبلەردىن قەلبلەرگە يول ئېچىپ، رىشتىلەرگە مېھىر سۈيىدىن ئابى زەمزەم ئىچكۈزىدۇ.

مىنىڭ تىلىم، شۇنداق بىر قۇدرەتلىك تىلكى، ئۇنۇڭدا ئوغۇز خاندىن تارتىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرى، ئەلىشىر نەۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگىچە… ھەممە، ھەممە ئەقىل-ھىكمەت نۇرلىرىنى دۇنيا مەدەنىيىتىگە چاچقۇ قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خسراۋ دېھلىۋى، شەيخ سەئىدى… لەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇ تىل بىلەن تۈندەك دىللارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلسا، كۆڭلى قارىلارنىڭ زۇلمىتىگە تەۋپىق، ھىدايەت نۇرىنى سېپىدۇ. شۇ تىل بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنى، دىيانەتنى، ساداقەتنى ۋە ساپ ھېس-تۇيغۇنى كۈيلەيدۇ، ئۇلۇغلايدۇ، رەزىللىك، ئىپلاسلىق ۋە پاسىقلىقنىڭ گۆرىنى قازىدۇ. يىراقنى يېقىن، دۈشمەننى دوست قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خەلقىم ئانا تۇپراق قوينىدا يىلتىز تارىتىپ، كۆككە بوي سوزغان كاتتا قامەتلىك دەرەختەك باراقسانلايدۇ، قۇياشقا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى بۇ مىنىڭ تىلىم، روھۇم ۋە دىلىم.

ئۇيغۇر تىلى مەن دېمەك، مەن ئۇيغۇرنىڭ ۋارىسى،
ئۇيغۇر تىلى روھ مۈلكۈم، قارىچۇقۇمنىڭ قارىسى.

مېنىڭ تىلىم بالىغا ئوخشاش تاتلىق تىل. ئۇنۇڭدا بوۋاي، مومايلارمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ، بالىلارمۇ، دېھقان-چاۋىچىلار ۋە زىيالىيلارمۇ پىچىرلىشىدۇ. كۆڭۈللىرىدىكى مەقسەت-مۇدىئالىرىنى بىر-بىرىگە ئىزھار قىلىدۇ. ئاشىق-مەشۇقلار ئەڭ يوشۇرۇن، پىنھان ئىچكى سىرلىرىنى كۆڭۈل كۆلىگە تۆكەلەيدۇ. دەردمەنلەر تاغدەك دەرد-غېمىنى، ئىزگۈ تىلەكلىرىنى، مۇڭىنى ساتارنىڭ ئاۋازىدا تىڭشىيالايدۇ. مۇشۇ تىلىم يۇمشاق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن، ھۈرپىيىشىپ تۇرغان رەقىبلەرنى پەسكويغا چۈشۈرەلەيدۇ. رەقىبلەرنىڭ قىلىچىنى قېنىغا سولىيالايدۇ. تاشتەك دىللارنىڭ باغرىنى ئېرىتىپ يۇم-يۇم يىغلىتالايدۇ. مۇزلاپ كەتكەن كۆڭۈللەرنى ھارارىتى بىلەن ئىللىتالايدۇ. يېقىشلىقى بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە رام قىلالايدۇ. مانا بۇ مىنىڭ تىلىم. شۇڭىمۇ مەن ئانا تىلىم-ئۇيغۇر تىلى بىلەن پەخىرلىنىمەن، سۆيۈنىمەن. ئۇنى قۇياشتەك بۈيۈك ۋە يۈكسەك ئورۇندا كۆرىمەن. جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئۆزىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى، شان-شەرەپلىرى بىلەن ماختانسا، مەن ئانا تىلىم بىلەن ماختىنىمەن. ئۇنى دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىگە تەڭ قىلمايمەن. ھەتتا بىر تاۋۇشىنىمۇ تۇتىيا بىلىپ كۆزۈمگە سۈرىمەن.

مىنىڭ تىلىم بارلىقىم، ھاياتىم ئۇ ماماتىم،
ساما ئارا ئۇچۇشتا گويا ئىككى قانىتىم.
مىنىڭ تىلىم مېنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئۇلۇغ ۋە ھىممەتلىك تىل. ئۇنۇڭدا ئۆتمۈشمۇ، بۈگۈنمۇ، كەلگۈسىمۇ بار.

ئېھ جانىجان ئانا تىلىم، پاسىبان ئۇيغۇر تىلى. مەن سېنىڭ كېسەلچان ھالىتىڭنى كۆرگىنىمدە نېمىشقىدۇر پىچاق يېگەن ئۆكۈزدەك، قۇمدا قالغان بېلىقتەك تېپىرلاپ كىتىمەن. سىنى سۆيمىگەن، قەدىرلىمىگەن، ئىززەت-ئىكرامىڭنى قىلمىغان تۇزكورلارنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىمەن. ئۇلارنىڭ دۆتلۈكىگە نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى ئۇلار ئانىنىڭ قەدرىنى بىلسە ئىدى-ھە، سېنى ھەرگىزمۇ نا ئۈمىدتە قۇيمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ئانا تىلنى سۆيۈش ۋە قوغداش ئۆزىنى سۆيگەن، قوغدىغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟

ئەگەر بىز سەندىن ئايرىلساق نېمىگە ئوخشاپ قالارمىز؟ بىلىمەن: شاتۇتى دوراش بىلەن بۇلبۇلنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. سىنىڭ گۈلىستانلىقىڭدا بۇلبۇللار يەنىلا سەن ئۈچۈن ئۇۋا ياسىماقتا. سەن ئۈچۈن خەندان ئۇرماقتا. ئىپتىخار بىلەن سىنى چاقىرماقتا. مانا بۇ مىنىڭ روھۇم. مانا بۇ مىنىڭ تىلىم، مانا بۇ ئۇيغۇر تىلى.

ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرغا ئەڭ قەدىمى ئانا تىل.
تارىخ بىلەن بۈگۈننى چېتىشتۇرغان، ئۇلىغان.
قەدرىنى بىلسەك ئەسلىدە جاھان ئەھلى بىزلەرنى_
شەۋكىتىڭدىن، شانىڭدىن، ئۇلۇغلىغان، تونۇغان .

«ئاسماننىڭ ئاۋازى»دېگەن كىتابتىن ئېلىندى

مەنبە : ئۇيغۇرلار تورى

تالانتىڭىزنى بايقاشتىكى 8 سوراق جۈملە؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.09.18ئاپتور : روياپچىكۆرۈلۈشى : 20 viewsئىنكاس سانى : 4

نۇرغۇن ؛ئادەم ،بولۇپمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلار ئۆزىدىكى مەلۇم ئىقتىدارنى بايقاپ ھازىرقى بازار رىقابىتىدە تېزراق كۆزگە كۆرۈنۈشنى ئۈمىد قىلىدۇچۈنكى ھازىرقى ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرۇشقا ئەمەس،بەلكى كەسكىن پۇزۇتسىيە بىلەن قارار چىقىرىپ نۆۋەتتىكى رېئاللىققا يۈزلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.مەن ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى كۈزىتىپ ئارزۇسىغا تېزراق يېتشىنى كۆزلەپ كىتاب كۆرۈش جەريانىدا يغىپ ساقلاپ قويغان تۆۋەندىكى قىممەتلىك جۈملىنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن:
1-سۇئال: مەن قايسى 8خىل ئىشتا ئەڭ چوڭ چىدامچانلىق كۆرسىتەلەيمەن؟
2-سۇئال: مەن قايسى 8 خىل ئىشنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز ۋە ياخشى قىلالايمەن؟
3-سۇئال:مەن قايسى 8 خىل ئىشنى ئۇيقۇ ۋە تاماقنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۈچ كېچە كۈندۈز ئىشلىسەممۇ يەنىلا جۇشقۇن تۇرالايمەن؟
4-سۇئال: مەن قىلغان قايسى 8 خىل ئىش مېنى دائىم باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلىدۇ؟
5-سۇئال:قايسى 8 خىل ئىش مېنى ئاڭلىغان ھامانلا ھاياجانغا سالىدۇ ياكى قەلبىمىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ؟
6-سۇئال:مېنىڭچە 5 يىلدىن كېيىن ،قايسى 8 خىل تەرەپتىن مەن ئەڭ نام چىقىرالايمەن؟
7-سۇئال: مەن چېكىنىشكە ۋە ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان 8 ئىش قايسى ؟
8-سۇئال: مېنىڭچە،مەن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقاندا كىشلەر ئەڭ گۇمانلىنىشى مۇمكىن بولغان 8 ئىش قايسى؟
سىز يۇقارقى سۇئاللارغا تېپ تىنىچ ئولتۇرۇپ چوڭقۇر ئويلنىلايدىغان بولسىڭىز ،جەزمكى، ئۆزىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىپ قالىسىز ھەم ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئۇخلاپ ياتقان دېنوزاۋېرنى ئويغتىشقا تەمشىلىسىز،ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىپ قالسىڭىز بۇ ھاياتىڭىزدىكى تەسىرلىك بىر يېڭى باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ. دوستۇم ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،ئارزۇىڭيز تېزراق ئەمەلگە ئاشسۇن!

بۇ ئالما شىركىتى ئۈچۈن بىر چوڭ يۇقىتىشمۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.09.07ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 1

    مېنىڭ بىلىشىمچە ئالما شىركىتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى نۇرغۇن كىشلەر ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشى مۇمكىن ھەم ئىشلىتىدۇ  . چۈنكى ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ھەم ئىقتىدارى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ ، بىراق ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى  سىتىۋ جوبز خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن بۇخەۋەر بۈتۈن دۇنيا كىشلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قاتتىق قوزغىدى ، مەن تۆۋەندە “ ئامېرىكا ئاۋازى“ تورىدا ئېلان قىلىنغان ، مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋاتلىك بىر ئېنگىلىزچە ماقالىنى ئېلىپ كەلدىم ، بۇ بەلكىم ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلىرىنىڭ پايدىلىنشىغا ياردەمدە بۇلىىشى مۇمكىن ، ئاۋازلىق ئەسەرنى يوللاپ قويدۇم . ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭىلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

[music1g play=http://tele.24en.com/voa/specialenglish/5a/201109/se-econ-jobs-resigns-2dep11.mp3] 

Steve Jobs during one of his presentations to the media earlier this year.

This is the VOA Special English Economics Report.

The chief executive who presented the latest, and coolest, electronics to the world has stepped down. Steve Jobs announced his resignation as head of Apple in a letter last week.

He wrote: “I have always said if there ever came a day when I could no longer meet my duties and expectations as Apple’s CEO, I would be the first to let you know. Unfortunately, that day has come.”

Steve Jobs and Steve Wozniak started Apple Computer in nineteen seventy-six. The company sold a new kind of electronic device: the personal computer. Apple Computer grew more quickly than anyone could have imagined.

In nineteen eighty-five, however, Steve Jobs resigned after disputes with managers who had been brought in to direct business operations. He soon started his own software company, NeXT, and bought a computer animation studio. The Pixar movie studio would go on to create movies like Toy Story and Finding Nemo. They are two of the most successful animated films ever made.

Apple struggled during the nineteen nineties. Many products failed. The company began losing money and its stock price sank. In nineteen ninety-seven, Apple bought NeXT and brought back Steve Jobs. Apple used software developed at NeXT to create the Mac OS computer operating system. The next year, Apple became profitable. And a series of highly successful products followed. In two thousand one, Apple released the iPod, a digital music player. The iPhone arrived in two thousand seven.

Apple has also been a leader in online marketing. The iTunes Music Store sells songs for download. The App Store sells applications for computers and mobile devices.

As Steve Jobs has noted, trial and error has always been part of the Apple model.

STEVE JOBS: ”We just try to build products we think are really wonderful and that people might want.  And, sometimes we are right and sometimes we are wrong.“ (10 sec.)

Steve Jobs is closely linked with the success of Apple. Investors were scared when he announced he had an operation for pancreatic cancer in two thousand four.

His decision to leave comes as Apple continues to release winning products. Apple sold over four and a half million iPads in the first three months of this year. The company holds the largest share of the growing tablet computer market.

On August ninth, Apple first passed Exxon Mobil Corporation to become the most valuable publicly traded company in the world. Since then the two companies have traded the lead.

And that’s the VOA Special English Economics Report. I’m Mario Ritter.

Contributing Carolyn Presutti

مۇزىكىمۇ ئاجايىپ ھە!

يوللانغان ۋاقتى : 2011.09.05ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 20 viewsئىنكاس سانى : 2

مەن ئادەتتە مۇشۇ گىتتار مۇزىكلىرىنى ئاجايىپ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن ، چۈنكى گىتتارغا بىرخىل ئىشتىياقىم بار ، ئۆزەم راۋۇرۇس چالالمىساممۇ بىراق ، ھەر ھالدا دوستلىرىم بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قالسام سورۇنغا ھۆسۈن قۇشالايمەن ، لېكىن گىتتارننى ماۋۇلاردە چېلىشنى قاچانلاردە ئۆگىنەرمەن – ھە ؟! ھېلىھەم تىرىشىۋاتىمەن ، بىراق تىرىشچانلىقىم ھېچبىر ئۈنۈم كۆرسەتمەيۋاتىدۇ . بولدىلا قۇرۇى گەپنى قۇيۇپ ئەمەلىي كۆرۈنۈشنى بىرلىكتە كۆرەيلى ، سىز بۇلارنىڭ گىتتار چېلىشىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز ، ئشەنمەمسىز ؟ قۇلىقىمنى كېسىپ بېرىمەن . قېنى مەرھەمەت!

كۆڭلۈمدىكى گەپلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2011.09.05ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 24 viewsئىنكاس سانى : 2

ئۇزۇن بوپتۇ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلىدىن تورغىمۇ تۈزۈكرەك چىقالماي ، بلوگ يېڭىلاشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم ، ئەمدى خىزمەتمۇ سەل ئورنىغا چۈشتى ، بلوگىممۇ ئەمدى ۋاقتىدا يېڭلىنىدۇ ، تورداشلارنىڭ ، ئۇقۇرمەنلىرىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە بلوگمنى زىيارەت قىلىپ تۇرىشىنى، ئوتلۇك تىلەكلىرى ، پىكىر – ئىنكاسلىرىنى قالدۇرۇپ بلوگىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئىزتىل بلوگى سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئەڭ نادىر يازمىلارنى يوللاپ ، سىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىڭىلارنى بېيىتىش ئۈچۈن كۈرەشنى توختىتىپ قويغىنى يوق . كۈرەش كۈرەش دەپ دائىما تىرىشىپ تۇرسام ، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى. بلوگ بىلەن كۈندە ھەپىلىشپ تۇرسام بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى .