ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى: مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ‹‹ساداقىتىمنى ۋەتەنگە، قەلبىمنى باشقىلارغا، قىزغىنلىقىمنى جەمئىيەتكە ، ۋاپادارلىقىمنى ئاتا-ئانامغا، ئىشەنچىمنى ئۆزەمگە قالدۇرىمەن ›› تېمىسىدىكى ‹‹ بەش قەلب ››تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى .