ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 9-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، مەملىكەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتى خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك شەخىس ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىجىت باقى ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى مەكتىپىگە بېرىپ مەكتەپتىكى بارلىق دىنىي زاتلارغا ‹‹ پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتى خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ ، ھالقىما تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى ›› تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى .
مىجىت باقى مۇنداق دېدى : ئازادلىقتىن كېيىن خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلقى قەددىنى رۇسلاپ ، يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم تاشلىدى ، خوتەننىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ تېز بولدى ، ئىسلاھات ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن ، خوتەنگە ياردەم بېرىش سالمىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلۇپ ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتەكچىلىكىدە ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمە ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن نەپكە ئېرىشكەن دىنىي ساھەدىكى زاتلار كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش ، سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش ، قانۇنغا رىئايە قىلىش ، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن يول قويغان ئاساستا ئېلىپ بېرىش ئاڭلىقلىقى ئۆستى .ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى . پارتىيەمىز كۆپ يىللىق ئىنقىلاب ، قۇرۇلۇشلار جەريانىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئىلمىي يەكۈنلەپ ، سوتسىيالىزىم دەۋرىدىكى دىن سىياسىتىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ ، پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى .
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : خوتەن ۋىلايىتىمىزدە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما كۆپ ، دىنىي زاتلار كۆپ ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى كۆپ ، دىنىي كەيپىيات بىر قەدەر قويۇق . ۋىلايىتىمىزدە 4339 مەسچىت ، 5148 نەپەر دىنىي خادىم بار بولۇپ ، بۇلاردىن 4800 نەپەردىن ئارتۇقىغا ھۆكۈمەت ھەر ئايدا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىدۇ ، ۋىلايىتىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئېتىقادچى ئامما ئارىسىدىكى ئابرۇي ۋە ئىناۋىتىگە يارىشا ئاممىنى تەربىيەگە ئېرىشتۈرۈشتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ، نۆۋەتتە ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ياخشى ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبىتى يىغىنى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ، قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ياردىمى تۈرتكىسىدە گۈزەل ، مەدەنىي ، ئىناق خوتەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ .
مىجىت باقى لېكسىيەدىن كېيىن دىنىي زاتلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى ، ھەمدە دىنىي زاتلارغا پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇردى .