8-ئىيۇن ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئۈچ ئادەم ئولتۇرغان ، رۇسىيەنىڭ ‹‹ ئىتتىپاقداش TMA-02M›› ناملىق ئالەم كېمىسى موسكۋا ۋاقتى 0:12 دە (بېيجىڭ ۋاقتى 4:12 دە) قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدىكى بايكونۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئالەمگە قويۇپ بېرىلدى .
رۇسىيە فېدراتسىيە ئالەم ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ خەۋىردە دېيىلىشىچە ، ‹‹ئىتتىپاقداش TMA-02M››ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان ‹‹ئىتتىپاقداش -FG›› تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلگەن . نۆۋەتتە ، ئالەم كېمىسى توشۇغۇچى راكېتادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربىتاغا كىرگەن. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن .