ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلمۇرات ھەسەن خەۋىرى: خۇانېڭ بۈگۈر ئېلېكتىر ئىستانىسىسى MW350×2 پار-ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى 8-ئىيۇن بۈگۈر ناھىيە لايسۇ نېفىت-خىمىيە سانائەت رايونىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىئىمىن ياسىن ، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كوۋ ۋىي ، بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ بو، بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باۋ رې، خۇانېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ شىنمىن ، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جېڭروڭ قاتارلىق رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى . بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ بو مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ لايسۇ نېفىت-خىمىيە سانائەت رايونىغا جايلاشقان بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 8 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، بۈگۈر ناھىيەسى بويىچە مەبلەغ سېلىنمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇش تۈرى ھېسابلىنىدىكەن . قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ، جەنۇبىي شىنجاڭنى توك بىلەن تەمىنلەشتىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ، يېڭىچە سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.