كۇرسانتلار ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تۆگىچى يېزىسىنىڭ ياڭاقلىق بېغىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز سىدىق تۇردى ، ئېزىزجان زىيادىن ، تۇرسۇنجان مەمتىلى خەۋىرى ، فوتوسى: باغ-ئورمانلاردا پەيدا بولىدىغان زىيانداش ھاشاراتلار ۋە ياڭاقنىڭ چېرىش كېسىلى قاتارلىق ئاپەتلەردىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ، ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش ، يوقىتىش پەن-تېخنىكىسىنى كەڭ تۈردە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئورمانچىلىق كەسپىي خادىملىرىنىڭ ساپاسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، باغ- ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنى سىجىل تېزلىتىش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانلاردىكى زىيانداش جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كارانتىن قىلىش ئىدارىسى7-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە، قاغىلىق ناھىيەسىدە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى بويىچە 3-قارارلىق ئورمانلاردىكى زىيانداش جانلىقلاردىن مەلۇمات بەرگۈچى خادىملارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى . كۇرسقا قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن 110 نەپەر مەخسۇس خادىم قاتناشتى .كۇرسانتلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دەرسلىرىنى ئاڭلاپ ، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى تۆگىچى، جايتېرەك، سايباغ يېزىلىرىدا پىراكتىكا قىلدى.