ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربانجان توختى خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىندا، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى ئاتۇش شەھەرلىك 2–قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېچىلدى . بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ئوبلاست ، شەھەرنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ، ھەرقايسى مەكتەپ مەسئۇللىرى، پىيونېرلار ئەترەت تەربىيەچىلىرى ۋە پىيونېرلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .
يىغىندا قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قۇربانجان ، ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئىمام روزى قاتارلىق رەھبەرلەر تەبرىك سۆزى سۆزلىدى . ئاتۇش شەھىرىنىڭ 1-قېتىملىق پىيونېرلار خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسە قىلىنىپ ، رەھىمە ئەنۋەر قاتارلىق 20 نەپەر ئىلغار پىيونېر، مېھرىگۈل، راھىلە قاتارلىق 20 نەپەر پىيونېرلار تەربىيەچىسى تەقدىرلەندى . قۇرۇلتايدا يەنە كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئاتۇش شەھىرىنىڭ پىيونېرلار ئەترەت خىزمەت نىشانى ۋە ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ، ھەمدە جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى ئاتۇش شەھەرلىك 2–قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەيئەت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى . پائالىيەت پىيونېرلار ۋەكىللىرىنىڭ ياڭراق ئەترەت ناخشىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى .