ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

مائارىپ مىنىستىرلىقى نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە كىملىكىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 31 – ماي تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 2011 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، مەمۇرىي تەپتىشلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2011 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، مەمۇرىي تەپتىشلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش نۇقتىلىق كۈچەيتىلىپ، نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە كىملىكى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ، ساختىلىق قىلىش، كۆز بوياپ نومۇر قوشۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىۋېلىش ۋە شۇ رايون، شۇ مەكتەپ بېكىتكەن نومۇر قوشۇش تۈرى ۋە نومۇر قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشى ئۈنۈملۈك توسۇلىدۇ.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ھوقۇق، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى بەلگىلىمە، تۈزۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش، ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، ئۇچۇر ئاشكارىلاش، ئىنتىزام تەلىپى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرى ۋە ئىمتىھان بېرىش ئىستىلى ئىنتىزامى ئاجىز رايونلارنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىمتىھاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سالاھىيىتى ئۈنۈملۈك ئاشكارىلانمىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئالاھىدە ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىش سىناق خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تەلىپىنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، تەكشۈرۈش، باھالاش، قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئېنىق تۈزۈم، بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاشكارا قۇرۇلۇشى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار خىزمەت تۈزۈملىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرغۇچى خادىملار، ئىمتىھاننى نازارەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە قانۇن – ئىنتىزام ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇش ۋە راستچىللىق بىلەن ئىمتىھان بېرىش قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا سەمىمىي بولۇش سىستېما قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىش كېرەك.

    ئۇقتۇرۇشتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلەندى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!