ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹1–ئىيۇن››خەلقئارا بالىلار بايرىمى تەبرىكلەندى

2011-يىلى06-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 

    خالىدە ئوبۇل خەۋىرى : ‹‹1 – ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى 31 – ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخون تەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىمران ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت بالىلىرىغا ۋاكالىتەن ‹‹ۋەتەننىڭ ياخشى بالىسى بولۇشقا تىرىشىش›› تەشەببۈسنامىسنى ئوقۇدى. ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلار ‹‹كوممۇنىزم ئىز باسارلىرى بىز›› مارشىنى ئېيتىپ، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

  ئەركىنجان تۇراخۇن مۇھىم سۆز قىلدى

    ئەركىنجان تۇراخون مۇنداق دېدى: بالىلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ ئۈمىدى ۋە كېلەچىكى. بالىلار ۋەتەننى، پارتىيەنى، خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئىگىلىشى، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرمۇ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ساقلايدىغان ئىز باسارلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مەمتىمىن ياسىن، جىن نو، رىزۋان ئەبەي قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!