ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

3–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش ،تەقدىرلەش پائالىيىتى نامزاتلارنى ئېلان قىلىش ،ئاۋاز بېرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
جۇاڭ شىخۇا ، ئالىم خالىق قاتارلىق ئون كىشى نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى 3 نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتى نامزاتلارنى ئېلان قىلىش، ئاۋاز بېرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن كۆرسىتىلگەن جۇاڭ شىخۇا، ئا
  

    جۇاڭ شىخۇا ، ئالىم خالىق قاتارلىق ئون كىشى نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

   3 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتى نامزاتلارنى ئېلان قىلىش، ئاۋاز بېرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن كۆرسىتىلگەن جۇاڭ شىخۇا، ئالىم خالىق، ھەنىپە ئالىماخۇن، مىجىت باقى، لى جياڭ، ليۇ كەيجىن، جاڭ يۈەنچىڭ، ئارزۇگۈل ئابدۇراخمان، جۇ شىخۇا، ما ليەنخۇا قاتارلىق ئون كىشى نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى 1 – ئىيۇن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلاردىن كادىرلار ۋە ئاممىنى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنى قاتنىشىش داۋامىدا تەربىيەلەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، باھالاش جەريانىنى ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىش، ئۈلگىلەرنى قەدىرلەش، ئۈلگىلەردىن بولۇش، ئۈلگىلەرگە غەمخورلۇق قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    3 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش ‹‹باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىش ئۈلگىسى››، ‹‹ئادالەت يولىدا پىداركارلىق كۆرسىتىش ئۈلگىسى››، ‹‹سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرۇش ئۈلگىسى››، ‹‹كەسىپنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش ئۈلگىسى›› ۋە ‹‹ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈنۈش ئۈلگىسى›› دەپ بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر تۈردە ئوندىن ، جەمئىي 50 كىشى تەقدىرلىنىدۇ. قالغان نامزاتلارغا مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىگە كۆرسىتىش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

    مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى، باش سىياسىي بۇ، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار ‹‹خەلق گېزىتى››، ‹‹ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى››، ‹‹نۇر گېزىتى››، ‹‹ئىقتىساد گېزىتى››، ‹‹ئىشچىلار گېزىتى››، ‹‹جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى››، ‹‹ جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى››، ‹‹دېھقانلار گېزىتى›› ۋە ‹‹جۇڭگو مەدەنىيلىك تورى››، ‹‹جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى››، ‹‹خەلق>> تورى، ‹‹شىنخۇا›› تورى قاتارلىق تور پونكىتلىرىدا نامزاتلارنىڭ ئىش – پائالىەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ۋە ئاممىنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئېلان قىلىش، ئاۋاز بېرىش باسقۇچىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما تور ياكى خەت ئارقىلىق ئاۋاز بەرسە بولىدۇ، تەكرار ئاۋاز بېرىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەتلىك پائالىيەت تەشكىلىي كومىتېتى ‹‹تۈمەن ۋەكىل››نى ۋە باھالاش كومىتېتىنى ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللەيدۇ.

    ئاۋامنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 20 – سېنتەبىردىكى ‹‹مەملىكەتلىك پۇقرالار ئەخلاقى تەشۋىقات كۈنى››دە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، 3 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق ئۈلگىلىرىنىڭ ئىسىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!