2-ئىيۇن ئېلىپ بېرىلغان فىرانسىيە چويلا توپ ئاشكارە مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، جۇڭگو ماھىرى لى نا رۇسىيەلىك داڭلىق چويلا توپ ماھىرى مارىيە ساراپوۋا بىلەن مۇسابىقىلەشتى . نەتىجىدە، لىنا 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ساراپوۋانى ئۇتۇپ ، بۇ قېتىملىق فىرانسىيە چويلا توپ ئاشكارە مۇسابىقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ يېڭى تارىخ ياراتتى .
لى نانىڭ بۇ غەلىبىسى پەقەت جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭلا غەلىبىسى بولۇپ قالماستى ، يەنە پۈتۈن ئاسىيا ماھىرلىرىنىڭ غەلىبىسى بولۇپ ، ئاسىيا چويلا توپ ماھىرلىرىنىڭ فرانسىيە چويلا توپ ئاشكارە مۇسابىقىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمەسلىكتەك تارىخىغا خاتىمە بەردى .
لى نانىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى ئىتالىيە ماھىرى سچياۋونې بولۇپ ، ئۇلار 4-ئىيۇن كەچتە ، بۇ قېتىملىق فىرانسىيە چويلا توپ ئاشكارە مۇسابىقىسنىڭ چېمپىيونلىقىنى تالىشىدىكەن .