ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 1-ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار بايرام خۇشاللىقىغا چۆمدى ، جۈملىدىن يۇرتىمىز شىنجاڭدىكى بالىلارمۇ بايرامنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ، خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆتكۈزدى . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بولغان سەنشىخاڭزىغا جايلاشقان ‹‹ سەردار ›› رېستۇرانىدا بېشىغا دوپپا ، ئۇچىسىغا كانىۋاي كۆڭلەك ، قارا ئىشتان كەيگەن 13 ئوغۇل بالا ئۆزىنىڭ خەتنە توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇراتتى . بەلكىم سىز ئىككى ياكى ئۈچ ئوغۇلنىڭ خەتنە توي مەرىكىسىنى بىللە ئۆتكۈزگەن مۇراسىمغا قاتنىشىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، بىراق 13 ئوغۇلنىڭ خەتنە توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈشىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىڭىزغۇ دەيمەن ؟
1-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 ئەتراپىدا ‹‹ سەردار ›› رېستۇرانىدا 13 ئوغۇلنىڭ خەتنە تويى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى ‹‹ پارلاق ›› رېستۇرانىنىڭ كەينىگە جايلاشقان كىچىككىنە ناۋايچىلىق دۇكىنى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ‹‹ ساخاۋەتچى ئاتىلار ›› كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى قېيۇمجان بەختى بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پاتىگۈل مۇسا ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەتنە توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىرگە SOS بالىلار كەنتى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ، 37-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 11 بالىنىڭ خەتنە تويىنىمۇ بىرگە ئۆتكۈزۈپ بەردى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى خەلچەم ئىسلام قاتارلىق رەھبەرلەر بۇ خاسىيەتلىك ۋە خۇشاللىنارلىق ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ، بۇ 13 ئوغۇلنىڭ خەتنە توي مۇراسىمىغا قاتناشتى .
ئوخشاش كىيىنگەن 13 ئوغۇل ‹‹ قونچاق›› لارنىڭ ھەمراھلىقىدا سەھنىگە چىققىنىدا رېستۇران ئىچىدە گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى . ئارقىدىن رىياسەتچىلەر بۇ 13 ئوغۇلنىڭ خەتنە توي مۇراسىمىغا كەلگەن بارلىق كىچىك بالىلارنى يىغىپ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىدى ، ناخشا ، تېپىشماق ، يۇمۇر ئېيتىشتى ، بىرلىكتە ئۆرپ -ئادەت ، قائىدە -يۇسۇن ئۆگەندى . ئارقىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ناخشىچىلىرىمىزدىن ئەيسابەگ ، مۆمىنجان ، ئابلاجان ئاۋۇت قاتارلىقلار ناخشا ئېيتىپ ، بالىلارنىڭ بايراملىق خۇشاللىقىغا تېخىمۇ خۇشاللىق قوشتى . بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغان ئابلاجان ئاۋۇت مەيدانغا چىققاندا ، كىچىك بالىلار ئۆز ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا سەكرەپ -تاقلاپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتتى .
ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى ، بۈگۈنكى خەتنە توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن قېيۇمجان بەختى مۇنداق دېدى : بالىلارنىڭ خۇشاللىقى مېنىڭلا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ خۇشاللىقى . گەرچە مېنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ئۇنچە بەك ياخشى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئوغلۇم دېمەتلىك تەڭتۇش بالىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىش ، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان خەتنە توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى لايىق تاپتىم ھەمدە بۇنى بالىلار بايرىمى كۈنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۇلارغا قوش خۇشاللىق ئاتا قىلماقچى بولدۇم ، مانا بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى ، مەن بۇ بالىلىرىمنىڭ خۇشال–خۇرام ئويناپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلدىم . بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قولۇمدىن كېلىشىچە قىلىمەن .
قېيۇمجاننىڭ ئايالى پاتىگۈل مۇسا ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ بۇ ئىشىنى ناھايىتى قوللىغانلىقىنى ، ئۇرۇق–تۇغقانلارنىڭمۇ ئۇلارغا مەدەت بېرىپ ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقىنى ئېيتتى .
ئىگىلىنىشىچە ، قېيۇمجان بۇ 13 ئوغۇلنى شۇ كۈنى سەھەردە باغچىغا ئاپىرىپ ئويناتقان ، ئارقىدىن شىنخۇا كىتابخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ ، بالىلارغا كىتاب ئېلىپ بەرمەكچى بولغاندا ، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان كىتابخانا مەسئۇللىرى تەسىرلىنىپ ، بالىلار ياقتۇرۇپ ئالغان كىتابنىڭ پۇلىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ بەرگەن .بۇ قېتىمقى خەتنە تويغا قاتناشقان بارلىق بالىلارنى پىدا كىتابخانىسى كىتاب بىلەن تەمىنلىگەن ، ئۈرۈمچى ‹‹ دېھقان ›› سودا چەكلىك شىركىتى خىلمۇ خىل بالىلار يىمەكلىكلىرى بىلەن تەمىنلەپ بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەن . ‹‹ سابا ›› مەرىپەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى مۆمىنجان ئابلېكىم بۇ 13 بالىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدە ھەر قايسى تىللار بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەنسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان . بۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى ‹‹ ئاپتاپ ›› توي مۇلازىمەت مەركىزى مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ تويغا كەلگەن بالىلارنى ھەقسىز ئويناتقان .