
بۈگۈر ناھىيە غالىبىيەت كىرا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ دىرېكتورى يۈسۈپجان ياسىن بۈگۈر ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈنخۇڭغا ھال سوراش پۇلى بەرمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەن ئانايەت خەۋىرى: 1-ئىيۇن ، بۈگۈر ناھىيە غالىبىيەت كىرا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ دىرېكتورى يۈسۈپجان ياسىن بۈگۈر بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ ، مەكتەپكە 20 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلى بەردى .
ئۇنىڭدىن باشقا ، بۇ كۇنى بۇ مەكتەپكە يەنە بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ۋە ‹‹دىخانلا›› كەنت ئاھالىلار كومىتېتىمۇ ئايرىم –ئايرىم ھالدا 3700 يۈەن ۋە 2000 يۈەن نەق پۇل ئىئانە قىلدى . پائالىيەتتە بۈگۈر ناھىيەلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پاتەم ئوسمان بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ تەبرىك سۆزى قىلدى .
بۈگۈر ناھىيەلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پاتەم ئوسمان تەبرىك سۆزى قىلماقتا
بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ۋە ‹‹دىخانلا›› كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ھال سوراش پۇلى بەرمەكتە
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!