–باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ‹‹1–ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرىدە يەسلى بالىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى يوقلىغانلىقى توغرىسىدا
خۇبېي ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 31 – ماي شىيەن شەھىرىدىكى ليۇلىن يەسلىسىگە بېرىپ، بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئۆسمۈرلەر، بالىلار خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
خۇ جىنتاۋ ليۇلىن يەسلىسىگە بارغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن چوڭ بالىلار 1 – سىنىپىنىڭ پائالىيەت ئۆيىگە كىردى. پائالىيەت ئۆيىدە بەزى بالىلار ئىشتىياق بىلەن بىر نەرسىلەرنى ياساۋاتاتتى، بەزىلىرى قەغەز گۈل ياساۋاتاتتى، بەزىلىرى رەسىم سىزىۋاتاتتى، بەزىلىرى رەسىم چاپلاۋاتاتتى، بەزىلىرى قەغەز قونچاق ياساۋاتاتتى. ئۇلار خۇ جىنتاۋنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ بىردەك: خۇ بوۋا ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ دەپ ئەھۋال سورىدى. باش شۇجى بالىلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلار ياسىغان نەرسىلەرنى كۆردى ھەم بەك ياخشى ياساپسىلەر، دەپ ماختىدى.
بۇ ۋاقىتتا ئىككى بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ: خۇ بوۋا، بىزگە قەغەز گۈل ياسىشىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، دېدى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بىرلىكتە قەغەز گۈل ياسىدى.
باش شۇجى چوڭ بالىلار 1 – سىنىپىدىكىلەرنىڭ سۈرىتى چاپلانغان تامغا ئۆزى ياسىغان قىزىل گۈلنى چاپلىدى، ئارقىدىن ‹‹كۈنلىرىڭلار خۇشال ئۆتسۇن، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىڭلار›› دېگەن خەتنى يازدى ھەم بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇدى.
خۇ جىنتاۋ يەسلىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىغا كىرگەندە، بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرقانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئويۇن ئويناۋاتاتتى. خۇجىنتاۋ خۇشال ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلدى. بىرقانچە بالىنى ‹‹يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈك››تىن يېتىلەپ ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئويۇن ئاياغلاشقاندا، بىر بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ باش شۇجىغا چىڭ يېپىشتى. باش شۇجى بۇ بالىنى باغرىغا بېسىپ، چوڭقۇر مېھىر بىلەن سۆيۈپ قويدى.
باش شۇجى بالىلارنىڭ يەسلى تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە مەنىلىك ئىكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ئەتە خەلقئارا بالىلار بايرىمى، سىلەرنىڭ بايرىمىڭلار، شۇڭا بۈگۈن سىلەرنى ئالايىتەن يوقلاپ كەلدىم، سىلەرنىڭ، مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق بالىلارنىڭ بايرىمىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! سىلەر ۋەتىمىزنىڭ غۇنچىلىرى، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى، ئوقۇتقۇچىلىرىڭلار ۋە ئاتا – ئانىلىرىڭلارنىڭ تەربىيەسىدە كۈنلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەسلىنىڭ 1 – قەۋىتىدىكى زالدا ئوقۇتقۇچىلار باش شۇجىنى ئورىۋېلىشتى. خۇ جىنتاۋ ئۇلارنىڭ جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، ئۇلاردىن بالىلارغا تېخىمۇ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ ياخشى غەمخورلۇق قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.
باش شۇجى يەنە مەسئۇل يولداشلارغا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مالىيە سېلىنمىسىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەر بىر بالىنى تىرىشىپ ياخشى تەربىيەگە ئېرىشتۈرۈشنى تاپىلىدى.
بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار باش شۇجى بىلەن كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى، ئۇلارنىڭ چىرايىدا بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئەكس ئەتتى...
شىنخۇا ئاگېنتلىقى