ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بان كىمون تالىباننىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر ئارقىلىق پارتىلتىش ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  بان كىمون تالىباننىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر ئارقىلىق پارتىلتىش ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدىبان كىمون تالىباننىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر ئارقىلىق پارتىلتىش ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ب د ت باش كاتىپى بان كىموننىڭ باياناتچىسى(Martin Nesirky)  مارتىن نېسىركي 10-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بان كىموننىڭ شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مەردان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىم بومبا 10 نەچچە ياشلىق ئۆسمۈر پارتىلاتقان بولۇپ، بان كىمون قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان ئون نەچچە ياشلىق ئۆسمۈر پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى مەردان شەھىرىگە جايلاشقان يېڭى ئەسكەرلەر مەشىق مەركىزىگە كىرىپ، يېنىدا ئېلىۋالغان بومبىنى پارتىلاتقان. پاكىستان ساقچى تەرەپ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 31 نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 42 ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.
نېسىركي باش كاتىپ قورامىغا يەتمىگەن بىر بالا تېرورلۇق ھەركىتىنىڭ قورالى قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، بىرلا ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى دېگەن.
مەنبە: ب د ت تورى
پاكىستاننىڭ ھەربىي گازارمىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 31 ئادەم ئۆلدى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!