‹‹ھايۋان ئاتا››چوسې پېرىرا
ئاۋستىرالىيە ‹‹ كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى ›› 10 فېۋرال خەۋىرى : بىرازىلىيە مارانياڭ ئىشتاتىدىكى بىر تۈرمىدە زور كۆلەملىك توپىلاڭ يۈز بېرىپ ، ئالتە مەھبۇس ئۆلتۈرۈلگەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت مەھبۇسنىڭ كاللىسى كېسىۋېتىلگەن . ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ قىزىنى ئاياغ ئاستى قىلىپ ، ‹‹ھايۋان ئاتا›› دەپ ئاتالغان 55 ياشلىق چوسې پېرىرامۇ بار ئىكەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ قېتىملىق توپىلاڭ شۇ يەر ۋاقتى 7–فېۋرال كەچ سائەت 10:30 دا باشلىنىپ ، 8–فېۋرال 1:00 دە كونتۇرول قىلىنغان . توپىلاڭچىلار بىر نەچچە مەھبۇسنى تۇتقۇن قىلىۋېلىپ ، ساقچى تەرەپ بىلەن تۇتقۇنلارنى بىر كىلوگىرام نەشىگە ئالماشتۇرۇپ سودىلاشماقچى بولغان . قالايمىقانچىلىقتا ، توپىلاڭچىلار تۈرمىنىڭ رىشاتكا تۆمۈرىدىن ياسىۋالغان قوراللىرى بىلەن ، تۇتقۇن قىلىۋالغان ئالتە مەھبۇسنى ئۆلتۈرگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن ‹‹ھايۋان ئاتا›› دەپ ئاتالغان چوسې پېرىرا كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمىگەن . چوسې پېرىرا 2010– يىلى ئىيۇلدا تۈرمىگە كىرگەن بولۇپ ، 1998–يىلى ئايالى بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ قىزىنى 12 يىل ‹‹خوتۇن›› قىلىپ ، يەتتە بالىلىق بولغان ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە يەتتە ياشلىق نەۋرىسىنى ئاياغ ئاستى قىلغان .