ئالماشقان ئاشىنىدارچلىق ئۇچۇرۇشىشى

ۋاقتى:2011-01-25 18:22مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۇ نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ، مېنىڭ نەرىم ئۇنىڭغا يارىماي قالغاندۇ ، مەن ئۇنىڭغا شۇنچە ۋاپادارلىق قىلدىم ،<< بالام ، يولدۇشۇم ، ئۆيۈم >> دەپ كۆيۈپ -پىشتىم،پۈتۈن مېھرىمنى ئۇنىڭغا ، قىزلىرىمغا بېغىشلىدىم ، ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالغۇدەك ئىش قىلمىدىم،مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئىككى قىزىم ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ ئۇ كۆزۈمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇ پاسكىنىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىنى ئاز دەپ، يەنە مېنى ئۇرغىنىنى پەقەت كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم، ئېسىت، ئۇنىڭغا قىلغان ئەقىدەم، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئون يىل بىر ئۆيدە ياشىغان ئېرىم ئىكەللىكىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،- دېگىنىچە ئېسەدەپ يىغلاۋاتاتتى ماھىرە.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     - بولدى ، كەچكىچى يىغلاۋەرمە، ئۆزۈڭنى بېسىۋال ،- دېدى سائادەت ئۆزىگە دەرت ئېيتىپ ئۈن قويۇپ يىغلاۋاتقان دوستى ماھىرەنىڭ مۆرىسىدىن تۇتۇپ تەسەللى بەرگەچ ،- ئۆز ۋاقتىدا مۇختەر كەينىڭدىن يۈگۈرۈپ قىلمىغانلىرى قالمىغاندا ئۇنى<< شاللاق>> دەپ ياراتماي ،شۇنچە قىلغان نەسىھەتلىرىمنى ئاڭلىماي توي قىلغان ئىدىڭ ئۇ گۆشۋاش ، لۆمشۈك بىلەن،نەرى ياراپ كەتكەن ئىدىكىن ساڭا ئۇ يۇمۇقنىڭ ، يا بىر چىرايى ،يا سۆلىتى يوق ، مۇختەرنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ، ئۇ بىچارىمۇ توي قىلىپ ئايالىغا كۆڭلى چۈشمىگەچكە بىر بالىسىنى يېتىم قىلىپ ئولتۇردى ئەينا،تەقدىر دېگەن شۇ ئوخشايدۇ،كالىنىڭ بېزىگە ئوخشاش بۇ ئېرىڭنىڭ سۆرەپ يۈرگەن ھېلىقى جىنىنىمۇ كۆردۈم ، <<توۋا >>دەپ قاپتىمەن قاراپ، خۇددى ئەر -خوتۇنلاردەك قولتۇقلىشىپ مېڭىپتۇ، ئۇ پاسكىنىڭ سېنىڭدەك بىر چىرايى، ئىسكەتى بولسا بىر تۇرقۇلۇق، ئاچچىقىمدا ئېرىڭ دېگەن گۆش كالىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تازا تىللاي دېگەن ئىدىم، مەن بېرىپ بولغۇچە مېنى كۆرۈپ قېلىپ ،مەندىن چاققان چىقىپ << غىپپىدە >>قىلىپ يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ تىكىۋەتتى، ئاچچىقىمدا بوغۇلۇپ قالاي دېدىم ، سېنىڭ كۆڭلۈڭنى تېخىمۇ يېرىم قىلماي دەپ بۇ گەپلەرنى ساڭا ئېيتمىغان ئىدىم، تېخى نومۇس قىلماي،قورقماي تۇرۇپ ئۇ سەت چاڭگىۋاشنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگۈدەك بوپتىما ئۇ گۆشۋاش، شۇ يەرىدىلا تازا سېلىپ ، خۇلۇم -خوشنىلارنى چاقىرىپ رەسۋاسىنى چۇگىۋەتمەي ،كۆرۈڭە ئازىراق ئەمەل تۇتقىنىغا شۇنچە كېرىلىپ كېتەمدىكەن ئۇ، سېنىڭ قوللىشىڭ بولغاچقا ئۇ ئەمەل ئۇنىڭغا تەككەن......- سائادەت سۆزلىگەنسېرى ئاچچىقى كېلىپ ماھىرەگە دوق قىلشقا باشلىدى، ئۇنىڭ بۇ ئاچچىق گەپلىرىنى ئاڭلىغان ماھىرە تېخىمۇ بەك يىغلاشقا باشلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
       - بولدى ،يىغلىما ئاداش، خاپا بولما ، ئاچچىقىمدا دەۋېتىپتىمەن بۇ گەپلەرنى ئۆزۈمنى تۇتالماي، ئۆزۈڭنى بېسىۋال ، ئالدى بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەچ ئۆزۈڭنى ئازىراق ئەسلىگە كەلتۈرىۋال ،ئاندىن ئالدىرىماي قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەرمىز ، -دېدى سائادەت،ئۇ ماھىرەگە شۇ گەپلەرنى قىلۋاتقان ۋاقىتتا يانفونى سايراپ كەتتى.
        - ھە ، خۇداغا شۈكرى، ئۆزىڭىزمۇ تېنچلىق ،ئوبدان تۇردىڭىز، ئەجەپ ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسىدەك يوقاپلا كەتتىڭىز،ۋاي ،نېمە ئىش قىلاتتىم ، ئۆيدە بىكار شۇ، ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرغان، ھە، بەلەن گەپ بولدى، بىر دوستۇمنى بىرگە ئېلىپ بارىمەن، كىملىكىنى سورىماي بارغاندا كۆرۈڭ ، ھە ،ئابلەتكىمۇ تېلىفون قىلامسىز، ئۇ مەندىن كەچۈرۈم سورىمىسا ئۇنى ھەرگىز بوش قويمايمەن، ھە ، شۇنداق بولسۇن ئەمىسە، ھېلى بارغاندا كۆرىشەيلى،ئۆيدىن چىققاندا نەدە ئىكەنلىكىڭلارنى تېلىفوندا سوراي ،- سائادەت شۇنداق دېگەچ تېلىفوننى قويىۋەتتى.ئابلەت دېگىنىنى سائادەت ئارىلىشىۋاتقان ،ئىككى بالىسى بار بۇ ئادەم بولۇپ،گەرچە ماھىرە ئۇ ئادەمنى كۆرمىگەن بولسىمۇ ،سائادەت ئۇنىڭ گېپىنى ماھىرەگە قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئادەم دەل ئەينى ۋاقىتتا ماھىرە توي قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن مۇختەرنىڭ يېقىن ئاغىينىسى ئىدى، ماھىرە ئۆز ۋاقتىدا سائادەتكە<< بۇ كىشىنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىكەن ، سەنمۇ بىر ئايال كىشى ،ئۇنىڭ ئايالىغا ئۇۋال قىلىپ قويىسەن، ئۇ ئادەم بىلەن بولغان ئالاقەڭنى ئۈزگىن >>دەپ بىرمۇنچە نەسىھەت قىلغاندا سائادەت ھۆركىرەپ يىغلاپ تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ئۇ ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ، ئايرىلىپ كېتىشنى نەچچە رەت ئويلاشقان بولسىمۇ ،پەقەتلا ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇش مەقسىدىنىڭ يوقلىقىنى،پەقەت ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى تېپىش ئۈچۈن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى ،ماھىرە سائادەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلىنى ئاياپ جىق گەپ قىلمىغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن نارازى بولغان ئىدى،ماھىرە تۇرۇپلا <<سائادەتنىڭغۇ ئابلەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىدى يوقكەن،لېكىن ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە باشقا بىر ئايال مېنىڭ ئېرىمنى، ئىككى بالامنىڭ دادىسىنى مېنىڭدىن،ئىككى بالامدىن تارتىۋالماقچى ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ، مەن ئابلەتنىڭ ئايالىدىنمۇ بىچارە ئىكەنمەن>>دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆڭلى تېخمۇ بۇزۇلدى ۋە يەنە ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى، www.iz.la
      - بولدى يىغلاۋەرمە، بۇنداق يىغلاۋەرسەڭ ئۆزۈڭنى ئالدۇرۇپ قويىسەن،يىغلىساڭمۇ ئۇ گۆشباش ئېرىڭ بەرىبىر سېنىڭ يىغاڭنى كۆرمەيدۇ، يەنە ئوينايدىغاننى ئويناۋېرىدۇ،بولدى، كۆڭلۈڭنى بۇزما،ئۆزۈڭنى بېسىۋال،يىغلىغانغا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ، سەن دېگەن يېرىم دۇنيا ئاپئاق دوستۇم ،يىغاڭنى يىغۇشتۇرۇپ ئۆزۈڭنى روھلۇق تۇت، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئېرىڭگە قارىتا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتەلەيسەن ئاداش....- دېدى سائادەت تەسەللىسىگە چاخچاق ئارىلاشتۇرغان ھالدا. يىغلاۋاتقان ماھىرە سائادەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. 
         -ھە، مانا ئەمدى ئۆزۈڭگە ئوخشۇدۇڭ، يىغلىساڭ سەتلىشىپ كېتىدىكەنسەن،ئىچىمىز سىقىلىپ تۇرغاندا ئەجەپ ئوبدان ئىش بولدى، <<كېسەلنىڭ ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كەپتۇ >>دېگەن شۇ، ماڭە ،يۈز -كۆزلىرىڭنى يۇيۇپ،مېنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىمدا تازا كېلىشتۈرۈپ گىرىم قىل،مېنىڭ كىيىملىرىم ساڭا كەلگەندىكىن ،ھېلىقى قىزىل كۆينىكىمنى كىيىۋال، مېھمان قىلىدىغان ئادەم چىقتى،سىرتقا چىقىپ تاماق يەيمىز،- دېدى سائادەت ماھىرەگە . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- بىرسىغۇ ئابلەتكەن، يەنە بىرسى كىم ئۇ مېھمان قىلىدىغان؟مەن چىقمىسام بولامدىكىن ،- دېدى ماھىرە سەل ئىككىلەنگەن تەلەپپۇزدا .
       - ئۇنداق بولسا كەچكىچە ماڭقاڭنى ئېقىتىپ، كۆزۈڭنىڭ يۇندىسىنى قۇيۇپ، ئۆيدە يالغۇز ئولتۇر،مەن ئۆزەم چىقىپ كىرەي ،-دېدى سائادەت ئاچچىقى بىلەن ماھىرگە دوق قىلىپ، دوستىنىڭ چۇس مىجەزىنى ئوبدان بىلىدىغان ماھىرە باشقا گەپ قىلماي ئورنىدىن تۇرۇپ ،يۈز -كۆزلىرىنى يۇيۇپ چىقتى ۋە گىرىم قىلىشقا باشلىدى،دېمىسىمۇ ئۆيدە يالغۇز قالسا يۈرىكى تېخىمۇ ئېزىلىپ كەتەتتى.
     - ھە ،ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ، ئۇ يەرگە بارماي ئۆيدە ئولتۇرساڭ ئىچىڭ سىقىلىپ ،كۆڭلۈڭ تېخىمۇ يېرىم بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە سىرتلارغا چىقىپ بىرەدەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق ، كۆڭلۈڭ خاپىلىقلاردىن سەل نېرى بولىدۇ،مەنمۇ ئېزىزغا شۇنچە يېلىنساممۇ ئۇنىماي مەجبۇرى ئاجرىشىپ ،بالامنى تارتىۋالغاندا ، دەسلەپتە ساڭا ئوخشاش بار دەردىمنى كۆز يېشىمدىن چىقارغان ئىدىم، مىڭ يىغلىغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدىكەن،يىغلاپ بەرسەكمۇ بىلمەيدىكەن ئۇ نىمىلەر، ئۆزىمىزنى تۈگەشتۈرۈشتىن باشقا ئىش يوقكەن،شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ روھىنى ئۆزىمىز كۆتۈرمىسەك بولمايدىكەن،- دېدى سائادەت ۋە كىيىم ئىشكابىدىن قىزىل كۆينىكىنى ماھىرەگە ئېلىپ بەردى، كۆينەكنى ئالماشتۇرۇپ چىققان ماھىرە قىلغان گىرىمى بىلەن شۇنداق چىرايلىق ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

       - شۇنداق ئېچىلىپ كەتتىڭ بۇ كىيىم بىلەن،ئەسلىدىنلا بىر گۈل ئىدىڭ سەن،توۋا دەيمەن سېنىڭدەك بىر گۈلنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن شۇنداق يۇمۇقنى،ئەركىشى دېگەننىڭغۇ ئەزەلدىن بىر يېرى بىرقانداق، يېنىدا تۇرغان ئېسىل ئايالنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، قولىدىن چقىپ كەتكەندە پۇشايمان قىلىپ تىزلىنىدۇ،ماڭە ،ئۇلار ساقلاپ كەتمىسۇن،-دېدى سائادەت .
ئۇلار ئۆيدىن چىقىپ بىر تاكسىنى توستى، تاكسىغا چىققاندىن كېيىن سائادەت تېلىفون قىلىپ ھازىرچە ماھىرەگە نامەلۇم بولغان ھېلىقى مېھمان قىلىدىغانلارنىڭ نەدىلىكىنى سوراپ تېلىفون قىلدى ۋە تاكسى شوپۇرغا <<مىڭئۆي>> رېئوستىرانىغا ئاپىرىشنى ئېيتتى، ئۇلار ئايرىم خانىغا كىرگەندە ،ئىككى ئەر ئولتۇراتتى، ئولتۇرغان ئەرلەر بىلەن سالاملىشىۋاتقان ماھىرە ئۇلارنىڭ بىرسىنى تونۇپ يۈرىكى << قارتتىدە>> قىلپ قالدى،ئۇ كىشى دەل مۇختەر ئىدى،ماھىرە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئىدى ،سائادەت ئۇنىڭدىن چاققان چىقىپ بېلىكىدىن تۇتىۋېلىپ،ئۈستەلگە ئولتۇرغۇزدى.  ئىز تورى www.iz.la
      - سائادەت تۇتىۋالمىغان بولسا چىقىپ كەتمەكچى ئىدىڭىز- ھە؟-دېدى مۇختەر.ماھىرە نېمە دېيىشنى بىلمىدى.
      - سىزنىڭ يەنە تەلەپ قويۇشىڭىزدىن قورققان گەپ بۇ ،- دېدى سائادەت قىزىقچىىلق قىلىپ.
     - ماڭە ساراڭ،- دېدى ماھىرە قىزىرىپ.
      - خاتىرجەم ئولتۇرۇڭ، ياش ۋاقتىم ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئەمدى قېرىپ ئەقىلگە توشتۇم، سىزگە قالايمىقان گەپ قىلمايمەن، مەن ئەمدى بۇرۇنقى سىز ئېيتقان<< شاللاق >> مۇختەر ئەمەس جۇمۇ،- دېدى مۇختەر چاخچاق قىلغان بولۇپ ماھىرەنى گەپتە چېقىپ.
     - سىزنىڭ بۇرۇنقى مۇختەر ئەمەسلىكىڭىزنى ، ئاياللارغا كۆز قىرىڭىزنىمۇ سالمايدىغان ئىنتايىن ئەخلاقلىق ،تەقۋادار مۇسۇلمانغا ئايلانغانلىقىڭزنى ئېيتىپ ئېزىپ ئىچۈرۋەتتىم ماھىرەگە ، شۇنداقمۇ ماھىرە ئادىشىم...؟- دېدى سائادەت. بۇ گەپتىن ھەممەيلەن كۈلۈشتى، سائادەت ئابلەتنى ماھىرەگە، ماھىرەنى ئابلەتكە تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەرلەرنىڭ تەكلىبى بويىچە ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان تاماق ۋە سەيلەرنى بۇيرىدى، ماھىرە دەسلەپتە ئۆزىنى پەقەت ئەركىن تۇتالمىدى، .مۇختەرنىڭ پات -پات كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراشلىرىدىن قورۇنۇپ كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ ئولتۇرغان ماھىرە كېيىن ئۇلارنىڭ قايتا -قايتا زورلىشى بىلەن ئىككى -ئۈچ رومكا قىزىلنى ئىچكەندىن كېيىن ئېچىلىپ كەتتى ۋە كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ مۇختەرنىڭ كۆز بېقىشىغا ئۆزلىكىدىن ماسلىشىپ كەتتى. ئۇلار شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇشتى،قانداقلىكى بولمىسۇن ھەر ھالدا ماھىرەنىڭ ئەقلى -ھۇشى خېلى جايىدا ئىدى، گەرچە بۇ سورۇندا ئۇنىڭ كۆڭلى خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالغان بولسىمۇ ،لېكىن يەنىلا ئېرىنى ، بالىلىرىنى ئويلاپ ئولتۇراتتى،ئاخىرىدا ماھىرەنىڭ قايتا -قايتا تەلەب قىلىشى بىلەن سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا ئاران كېتىش ئۈچۈن ئورنىدىن قوزغۇۇلۇشتى ۋە ئابلەتنىڭ ماشىىنىسىغا چىقىپ قايتىپ مېڭىشتى، ئاۋۋال ماھىرەنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ ، ئىككى ئەر سائادەتنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن مېڭىشتى.ماھىرە ئۆيگە كىرىپ بولغۇچە << ئۇ كېپ بولغانمىدۇ؟ بار بولۇپ قالسا مېنىڭ بۇنداق كەچ كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ يەنە ئۇرارمۇ ؟>>دەپ دەككە -دۈككە ئىچىدە قالدى،ئۆيىگە كىرىپ ئېرىنىڭ تېخىچە كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئورنىغا چۈشتى،ئىككى بالىسىنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ يېشىنمەيلا ياتتى،كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي بايامقى سورۇننى ئەسلىدى، مۇختەرنىڭ ئۆزىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشلىرىنى ئويلاپ كۆڭلى بىر خىل بولۇپ قالدى، ھەر ھالدا بۈگۈن ئۇنىڭ كۆڭلى خېلى ئېچىلىپ قالغان بولۇپ، ئېرىنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرى كۆڭلىدىن سەل نېرى بولغان ئىدى. ماھىرە شۇنداق بىرئاچچىق ۋە تاتلىق خىيال ئىچىدە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزمىدى، تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ماھىرە ئىشىكنىڭ قاتتىق تېپىلىشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى ۋە ئېرىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ ، يىقىلىپ -قوپۇپ دېگۈدەك ئىشىكنى ئاچتى. 
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

           - ئۆلدۈڭمۇ....؟ نېمىشقا ئىشىكنى ئىتتىك ئاچمايسەن ۋۇي لەقۋا،سەندەك بولۇمسىز خوتۇنى كۈندە بېقىنىنىڭ پىشتىنى تېرىپ تۇرمىسا ئادەم بولمايدۇ،سەنچۇ ئابىدەمنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىچىلىكمۇ بولالمايسەن، يا بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمىسەڭ،كالىنىڭ بېزىدەكلا تۇرىسەن ئادەمنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ،يا ما ئۆيدىن يوقالمىدىڭ، ئىت چېغىدا كەت دېسە كېتىدۇ، شۇنچە يېگەن تاياقلارمۇ ئۆتمىدى سەندەك بەز خوتۇنغا ..،- ئېرىنىڭ ئاغزىدىن ئاق ئىت كىرىپ ،كۆك ئىت چىقىۋاتاتتى، يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشقان ماھىرە گەپ قىلسىلا تاياق يەيدىغىنىنى بىىلپ ، دەردىنى كۆز يېشىدىن ئېلىپ ،ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ھوجرىسىغا ماڭدى. ئىز تورى بەك ياخشى
        - شۇنچە گەپ قىلىسام پەرۋايىڭغىمۇ ئېلىپ قويماي كىرىپ كېتىۋاتىسىنا، مانا ئەمسە ...،- ئېرى شۇنداق دەپلا ماھىرەنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇشقا باشلىدى،شۇنچىكى چىڭراق ئاۋاز چىقسا پۈتۈن بىناغا ئاڭلىنىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ،نەچچە ۋاقىتتىن تاياق يېسە ، ئۈنسىز يىغلاپ ، لەۋلىرىنى چىشلەپ قانىتىۋېتىدىغان ماھىرە بۈگۈنكى ئولتۇرۇشتا ئىچىۋالغان قىزىل ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ ياكى ئېرىنىڭ تاياقلىرىغا راستىنلا چىدىمىدىمۇ :
          - ۋايجان...! ئادەم بارمۇ ...ئادەم ئۆلدى...!...- ئۈن قويۇپ ۋارقىراپ يىغلىدى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنچە تاياقلارنى يىسىمۇ چىڭراق ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىمايدىغان خوتۇنىنىڭ بۇنداق سەت يىغا ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن ئېرى دەرھال ئۇرۇشنى توختۇتۇپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ماھىرەگە قارىدى، ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان بىرسى ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى چەكتى،ئىشىكنىڭ چېكىلگىنىنى ئاڭلىغان ماھىرە يۈگۈرگىنىچە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى،ئىشىك ئالدىدا ئۇدۇلىدىكى خەنزۇ خوشنىسى تۇراتتى.ماھىرە نومۇسنىمۇ قايرىپ قويۇپ ئوقتەك ئېتىلىپ، ئىشىكتىن چىقتى ۋە يولدا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى،بېرىپ بولغۇچە ئارىلىقتا تاكسى شوپۇرى چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن، ھېقىقداپ يىغلاۋاتقان ماھىرەگە قاراپ، نېمىنىدۇر چۈشەنگەندەك ئىچ ئاغرىتقان تەلەپپۇزدا بېشىنى يېنىككىنە چايقىدى.  
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

     ئىشىكنىڭ چېكىلگىنىنى ئاڭلىغان ماھىرەنىڭ ئاپىسى ،ئىشىكنى ئېچىپلا چاچلىرى چۇۋۇق ھالدا ئىشىك ئالدىدا يىغلاپ تۇرغان قىزىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، ئاپىسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتالمىغان ماھىرە ئاپىسىغا ئۆزىنى ئاتتى.
     - جېنىم قىزىم..! نېمە بولدىڭىز..؟ دولقۇن ئۇردىما...؟ جېنىم قىزىم،- بىچارە ئانا قىزى بىلەن تەڭ قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى.ئانىسىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغان ماھىرە ئۆزىنى سەل بېسىۋالدى ، ئىككەيلەن بىر -بىرىنى يۆلەشكىنىچە ئۆيگە كىردى، بۇ ۋاقىتتا ئىككى قىزى ئاللىقاچان شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.
       ئىككى قىزىنى دەپ شۇنچە تارتىشقان ماھىرەنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تارتقان دەرد -ئەلەملىرى ،يېگەن تاياقلىرى كاللىسىنى چۇلغاپلا ئالدى،ئۇ ئېرىگە شۇنداق كۆڭۈلسىز بولۇپ كەتتىكى، ئۇنى كۆرەرگە كۆزى قالمىغان ئىدى، شۇڭا ئۇ كۆپ ئويلۇنۇشلار ئارقىلىق بۇنداق دەرد تارتىۋەرگىچە سوت ئارقىلىق ئاجرىشىپ كېتىشنى قارار قىلدى،ئۇ ئۆز قارارىنى تېلىفون ئارقىلىق ئېرىگە ئۇختۇرغاندا دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغان ئېرى بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى،لېكىن سوت ئارقىلىق ئاجرىشىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس بولۇپ، سوتتىن ئالدى بىلەن كېلىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەپ، پەقەتلا بولمىغاندا ئاندىن ئاجراشتۇراتتى،بۇ جاريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى،بۇ جەرياندا ماھىرە ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە تۇردى، يولدىشى يارىشىپ قېلىشنى پەقەتلا ئاغزىغا ئېلىپ باقمىدى، ماھىرەمۇ يارىشىپ قېلىشنى ئويلىمىدى، شۇنداقتىمۇ بەزى كۈنلىرى ئىككى قىزىنى ئۇخلۇتۇپ قويۇپ،ئۇلارنىڭ ئوماق چىرايىغا قاراپ قىزلىرىنىڭ يېتىملىك كوچىسىدا بوينىنى قىسىپ تۇرغان قىياپىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ، كۆڭلى بۇزۇلغان ئۈن -تۈنسىز ياش تۆكۈپ چىقاتتى، بۇ كۈنلەردە ئۇ ئىچى سىقىلغانسېرى سائادەتنى بەكراق ئىزدەپ ئۇنىڭغا دەردلىرىنى ئېيتىپ كۆڭلىنى كۆتىرىدىغان بولدى، كېيىنچە مۇختەرنىڭ تېلىفونلىرىنى قوبۇل قىلىپ ،ئۇنىڭغا ئىچ پۇشۇقلىرىنى ئېيتىپ، تەسەللىسىنى ئاڭلايدىغان، بەزى كۈنلىرى تەكلىبىگە ئاساسەن سائادەت بىلەن بىرگە چىقىپ ئابلەت تۆتى بىرلىكتە سورۇن تۈزۈپ خوشال ئولتۇرىشىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن ماھىرەنىڭ كۆڭلى بارغانسېرى كۆتۈرۈلۈپ ، غەم -قايغۇلىرىمۇ يوقاشقا باشىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇختەرگە بارغانسېرى باغلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتى.<< كونا خامانغا ئوت تۇتاشتى >> دېگەندەك ئىككىسىنىڭ كونا ئوتلىرى قايتىدىن يېلىنجىغىلى تۇرغان ئىدى،ماھىرە ئېرىگە قېيداپ، ئېرى ماھىرەنىڭ ئاجرىشىپ بولغۇچە ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ كۆزىدىن نېرى يۈتكىنىگە خوش بولۇپ، خۇدىنى بىلىشمەي،ئۆزلىرىنى كۆڭۈلنىڭ مەيلىگە قويۇپ بېرىشىپ ئىككىسى ئىككى تەرەپلەپ، ئويۇن- تاماشىنىڭ قوينىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
      مەلۇم بىر شەبە كۈنى چۈشتىن سەل ئاشقان ۋاقىتتا كىر -قاتلارنى يۇيۇپ بولۇپ، ئارام ئالغاچ تېلىۋېزور كۆرىۋاتقان ماھىرەنىڭ ئۆزىچە كۆڭلى تېلىۋېزورنى تارتماي قالدى،ئاپىسى نەۋرىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بازارغا كەتكەن ئىدى،ئىچى سىقىلغان ماھىرەنىڭ شۇ تاپتا مۇختەرنى كۆرگۈسى كەلگەن ئىدى،ئۇ مۇختەرگە تېلىفون قىلىشنى ئويلاپ ،يەنە ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سائادەتكە تېلىفون قىلماقچى بولۇپ تېلىفوننى ئېلىشىغا تېلىفونى سايراپ كەتتى، شۇنداق قاراپ تېلىفوننىڭ مۇختەردىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ كەتتى.
      - ۋەي ،تېچلىقمۇ..؟- دېدى ماھىرە ئاۋازىنى نازلىق چىقىرىپ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
       - خۇداغا شۈكرى ،ئۆزىڭىزمۇ تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟ مەن تېلىفون قىلمىسام بىرەر قېتىم تېلىفونمۇ قىلىپ قويمايدىكەنسىز،مەن سىزنى سېغىنىپ ساراڭ بولاي دېگەن بىلەن سىز مېنى ئېسىڭىزگىمۇ ئېلىپ قويمايدىكەنسىز -ھە...!،- دېدى مۇختەر.
       - ۋىييەي، نېمە دەيدىغانسىز، شۇ تېلىفون قىلسام بىئەپ بولۇپ قالامدىكىن دەپ،- دېدى ماھىرە نازلىق ئاۋازدا.
       -سىزگىلا بىئەپ بولۇپ قالمىسا ،ماڭا ھەرگىزمۇ بىئەپ بولۇيپ قالمايدۇ،سىزنى شۇنداق سېغىندىم جېنىم،مېنى سېغىندىڭىزمۇ....؟ دېدى مۇختەر. 
       - ۋىييەي ،قېلىن....سەتلىكىنى...- دېدى ماھىرە.

ئىز تورى www.iz.la


      - سىزنى مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا ساقلاپ تۇراي، چىقىڭە، بىرەر يەرگە بېرىپ پاراڭلىشىپ كېلەيلى،- دېدى مۇختەر.  
      - ئەمسە، سائادەتكە تېلىفون قىلاي،ئۇمۇ بىرگە بارسۇن ،- دېدى ماھىرە. 
     -سائادەتكە تېلىفون قىلماڭا،بۈگۈن مېنىڭ سىز بىلەن يالغۇز كۆرۈشكۈم ،سىزنىڭ دىدارىڭزغا تويماي -تويماي قاراپ ئولتۇرغۇم بار ئىدى،- دېدى مۇختەر.
       - مېنىىڭغۇ سىز بىلەن شۇنداق مۇڭداشقۇم بار ، لېكىن ئىككىمىز يالغۇز كۆرۈشۈپ يۈرسەك تازا ياخشى بولمايدۇ، مەن دېگەن ئەرلىك ئايال، تېخى ئاجراشمىغان ۋاقىتتا يالغۇز كۆرۈشسەك باشقىلار كۆرۈپ قالسا، تازا ياخشى بولمايدۇ، ئەگەر سائادەتنى چاقىرىشقا قوشۇلمىسىڭىز ،ئەڭ ياخشىسى بىز كۆرۈشمەي تۇرايلى،- دېدى ماھىرە.
ئىز تورى www.iz.la

        - ماقۇل ،سائادەتنى چاقىرۋالايلى، مەن سىزگە تەسلىم بولدۇم،مەلىكەمنىڭ سۆزىگە پەرمانبەردار بولماي نېمە ھەددىم بولسۇن مېنىڭ،ئەمسە سىز سائادەتكە تېلىفون قىلىڭ، مەن ئابلەتكە تېلىفون قىلاي،ئابلەتنىڭ بىر ئاغىينىسى مېھمان قىلماقچى ئىدى،سىلەرنى سائادەتنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ساقلايلى،- دېدى مۇختەر.
      - ماقۇل ئەمسە ،خوش ھېلى كۆرىشىلى،- دېدى ماھىرە.
       - مۇشۇنداق قۇرۇقلا خوشما، بىرەرنى سۆيۈپمۇ قويمامسىز؟- دېدى مۇختەر.
       - ۋىييەي، مېڭە ساراڭ،- دېدى ماھىرە.
       - ئۇنداق قىلماڭ گۈلۈم، ھە،ئاغزىمنى يېقىن ئەكەلدىم مانا....،- دېدى مۇختەر، ئۇنىڭ قىستاپ تۇرىۋېلىشى بىلەن ماھىرە تېلىفوندا بىرقانچە سۆيۈش ھەدىيە قىلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
       - ۋۇججۇن، ۋۇججۇن، يۈرەككىلا تەگدىغۇ ، قاچانمۇ سىزنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ....،- دېدى مۇختەر تېتىقسىزلىق بىلەن.  
       - ئەسكىلىكىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن دەپ قويالا...، -دېدى ماھىرە ئەركىلەپ.ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئەركىلىگەن ھالدىكى تېلىفون ئاۋازىنى ئاڭلىغان مۇختەرنىڭ ھەقىقەتنمۇ شەيتىنى تۇتقان ئىدى.  
         تۆتى كۆرۈشكەندىن كېيىن ئابلەتنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ،ئابلەتنىڭ بىر ئاغىينىسى ئېلىپ قويغان مەلۇم بىر ئارامگاھنىڭ ئايرىمخانىسىغا ئورۇنلاشتى.بۈگۈنكى سورۇننىڭ ساھىبخانى ئابلەتنىڭ ئاغىينىسى بولۇپ،ئۇ ئادەممۇ ئۆزىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا <<مۇھاببىتى >> بىلەن كەلگەن ئىدى، بۇئۈچ جۈپ مۇھاببەتلىك << ئاشىق -مەشۇقلار>>نىڭ ئويۇن -تاماشىلىرى قىزىپ بارغانسېرى ئەۋجگە كۆتۈرىلىۋاتاتتى.بىر -بىرسىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىشىپ ،مەس بولۇشۇپ كېتىشكەن بۇ مۇھاببەتلەر بىر -بىرىنىڭ قوينىغا كىرىپلا كېتىشكەن ئىدى .بىركەمدە ئابلەتنىڭ ھېلىقى ئاغىينىسىنىڭ مۇھاببىتىگە تېلىفون كېلىپ ،ئۇ ئايالنىڭ : www.iz.la
         -ھە، خۇداغا شۈكرى، ئۆزەڭمۇ تېنچلىق تۇردۇڭمۇ ئاداش، بىز بىر يەردە ئولتۇرىۋاتقان،ئالتەيلەن بار، قانداق؟ ئويۇنۇڭ چالا قېلىپ،ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مېنى ياد ئېتىپ قالغان ئوخشىمامسەن، مەن سوراپ باقاي، تۇرۇپتۇر ...،- دېگىنى ئاڭلاندى.ئۇ ئايال ھېلىقى ئادەمنىڭ قۇلىقىغا ئاغزىنى يېقىن ئەكىلىپ نېمىلەرنىدۇ پىچىرلىدى.
      - ھە، ھېلىقى پاخمىباش بۈدۈر چاچ ئاغىينەڭما،ھېلىىقى مازپەينەكنىڭ پۇلى تۈگەپ كېتىپتۇ- دە ئوينىتىدىغانغا، ھە، بولتۇ، كەلسۇن، بىزمۇ بىرنەچچە قېتىم ئۇلارنىڭ سورۇنىغا داخىل بولۇپ قالغان، ئۆتنىسىنى قايتۇرغىنىمىز بولۇپ قالسۇن،- دېگىنى ئاڭلاندى ھېلىقى ئادەمنىڭ . شۇ گەپتىن كېيىن ئۇ ئايال كىمگىدۇر بىرسىگە : ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
       -ھە، كەلگىن، بىز << زامانداشلار>> ئارامگاھىنىڭ ئايرىمخانىسىدا ،كېلىپ تېلىفون قىلساڭ ئالدىڭغا چىقىمەن،- دېدى تېلىفوندا.بىركەملەردە ئۇ ئايالنىڭ تېلىفونى سايراپ سىرتقا چىقىپ كەتتى،بۇ ئىككەيلەننىڭ نېمىلەرنى دېيىشكىنى قالغانلارنى قۇلىقىغا بىر پۈتۈن كىرمىگەن ئىدى، ئابلەت سائادەتنى قۇچۇقىغا دېگۈدەك ئولتۇرغۇزىۋېلىپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىرنەرسىلەرنى دەۋاتاتتى، ماھىرە بولسا مۇختەر بىلەن گىرەلەشمە تانسىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن ھېلىقى ئايال ئىشىكنى ئېچىپ، بىر جۈپ ئەر -ئايالنى باشلاپ كىردى.
        - ئەسسالام ،تېچ...تېچلىق تۇردۇڭلارمۇ؟- دەپ ئازىراق مەسلىك تەلەپپۇزدا تېنچلىق سوراپ كىرگەن ئەر مۇختەرنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ،چىڭ چاپلىشىپ تانسا ئويناۋاتقان ماھىرەگە ۋە ماھىرەنىڭ بېلىدىن مەھكەم قورۇپ تۇتۇپ، ئاغزىغا سۆيىۋالغۇدەك دەرجىدە گىرەلىشىپ كەتكەن مۇختەرگە تىكىلىپ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى، رومانتىك تانسا تەسىرىدىن ھۇشىنى يوقاتقاندەك بولغان ماھىرە ئۆزىگە غەزەپلىك كۆزلىرىنى تىكىپ ،چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان ئېرىنى ۋە ئېرىنىڭ يېنىدا مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا ھېجىيىپ تۇرغان چاڭگىۋاشنى كۆرۈپ ،ئۆزىگە كېلىپ، مۇختەرنى ئىتتىرىپلا ئۆزىدىن نېرى قىلدى. شۇ تاپتا غەزەپ،قورقۇنۇچ، رەشىك...ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ ئىككى جۈپ كۆز بۇ تەسادىپى توغرا كېلىپ قالغان ئاشنىدارچىىلق ئۇچرۇشۇشى تۈپەيلىدىن بىر -بىرىنىڭ ئەپتى -بەشىرىسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىنىگە ،نەق ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرگىنىگە خوشال بولىۋاتامدۇ ياكى  غەزەپتىن بىر مەيدان قاتتىق جەڭ ئۈچۈن بىر -بىرىگە ئېتىىلشقا تەييار تۇرىۋاتامدۇ بىلگىلى بولمايتتى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە؛ قۇياش مۇنبىرى ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(9)
81.8%
ناچار
(2)
18.2%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • جاۋابسىزقالغان مۇھەببەت(ھېكايە)

    شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇلدى ، سەن شۇ ۋاقىتتاھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدىڭ ! كۆڭلۈڭدە بىر نىمىلەر نى ئۇيلاۋاتاتتىڭ تۇساتتىن بىرسىنىڭ بۇ يەردە ن...

  • ئىسپىرتلانغان ئادەم

    ئىسپىرتلانغان ئادەم (ھىكايە) كەچتە ئولتۇرۇش باركەن،دىگەن دەبدەبىلىك ئۈقتۇرۇشنى ئاڭلاپلا خوشھال بولماي ئەكسىچە،بېشىمغا ئالەمچە چوڭ غەم چۇشتى.يەنە شۇ ئىچىدىغان گەپقۇ، دىدىم ئاچچىق بىلەن ئۆزەمگە. ئىشتىن چۇشتۇم.پۇتۇن ئەس-خىيالىم شۇ بولغۇسى ئولتۇرۇشتا.ياپسام پ...

  • قورقۇنۇشلۇق كىچە (فاتىمە)

    قورقۇنۇشلۇق كىچە بۈگۈنمۇ يەنە شۇ يامان چۈشنى كۆرۈپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرگەن چېغىمدا 15 يىل ئاۋۋالقى ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق ۋەقە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بىز دادام ،ئانام ،ئاچام، ئىنىم ،مەن بەشىمىز ب...

  • ‹‹ئاپا ، يۈرەك سۆزۈمنى ئاڭلاپ باقامسىز ؟ ››

    بۇ قېتىمقى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەي، سىنىپتا ئالدىنقى ئون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىگە كىرەلمىدىم. ئاپام بۇنىڭدىن بەكمۇ ئاچچىقلاندى. شەنبە كۈنى نەۋرە سىڭلىم مېنى ئۆيىگە چاقىرغانىدى، ئاپام ئۇ يەرگە بېرىشىمغا قوشۇلدى. توردىمۇ ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدىغۇ دەپ ئ...

  • مەستانىلەر

    مەستانىلەر (ھېكايە) سەمەت دۇگايلى ياقۇپ مەستانە دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان تورخانىدىن خىزمەت تاپتى. بۇ تورخانا شەھەرنىڭ چېتىدىرەك بولسىمۇ، يېقىن ئەتراپتا باشقا تورخانا بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ تورخانىنىڭ تاپاۋىتىنى ئاز دېگىلى...

  • ئۆزگىچە مۇھەببەت

    (ھېكايە) مۇ جىن يېقىن يورۇق تۆت بەشەيلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ پاراڭلىشاتتۇق، بۇنداق سورۇندا مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ بولسىلا گېپىمىز تۈگىمەيتتى. مۇھەببەت ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىز ساپلا ئۇزاققىچە ئىناق ئۆتۈش، شېرىن ئايدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتنىڭ سۇسلىشىپ كېت...

  • قىزچاقىنىڭ كۆزى

    (ھېكايە) سۇ جىڭيى جۇڭ چىنىڭ قولىغا 100 يۈەنلىك ساختا خەلق پۇلى چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان، تىت - تىت بولۇپ، ئۇنى تېزرەك خەجلىۋېتىشنىڭ غېمىدە قالدى. ئۇ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىغا باردى، ئەمما بۇ يەردىكى مال ساتقۇچىلار ياش ھەم زېرەك بولۇپ، ھەر قېتىم خېرىدارلارد...

  • سەن سۇنغان ئاق گۈل

    سەن سۇنغان ئاق گۈل ( ھىكايە) بۈگۈن جۈمە. سەن چوقۇم ئالدىراش، بەلكىم كىچىكىپ كىلىشىە مۇمكىن . ئەمما بەك كىچىكىپ كەلمىگىن ،چۈنكى بۈگەن مىنىڭ تۇغۇللغا كۈنۈم ئەمەسمۇ.مەيلى سەن قانچىلىك كىچىكىپ كىلىشىڭدىن قەتئى نەزەر مەن سىنى ساقلايمەن. مەن سىنىڭ بىز بىر يىل ئ...

  • قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەڭ

    ئۆركەش ئۆتكۈر تەرجىمىسى بىر بۈركۈت دائىم باشقا بۈركۈتلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۇ بىر ئوۋچىغا: مەن سېنىڭ ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن باشقا بۈركۈتلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن! دەپتۇ. ئوۋچى: ئەگەر...

  • گۈلىنىڭ سىرى

    ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ مەمۇرۇق ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۆز يۇرتىدىن 600 كىلومىتىر يىراقلتىكى بىر شەھەرگە بۆلۈنگەن تۇرسۇن بۈگۈن ئاپىسى بىلەن تاكاللىشىپ قالدى. بالام تىزراق بول كىچىكىپ كالسىەن، مىنىڭ بارغۇم يوق ئاپا، مىنى بولدى زورلىمماڭ. مىنىڭ ئۇ يەرگە بارغۇم يوق، ئۇ...

  • پادىشاھىنىڭ ئۇستاز تۇتۇشى

    ناھايىتى زېرەك بىر پادىشاھ بار ئىدى. دائىم كىچىللىرى پۇخراچە ياسىنىپ سىرتلارنى ئايلىنىپ، ئىشلارنىڭ ئۆز يولىدا كېتىۋاتقان - كېتىۋاتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرەتتى. ئۇنى ھەر قېتىم ئەجەپلەندۈردىغىنى ، ھەر قېتىم چىققاندا بىر يىگىتىنى كۆرەتتى ، يىگىت قېيالڭاچ ھالاتت...

  • توخۇ قۇرۇمىسىنىڭ شىكايىتى

    (فېليەتون) تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم مۇشۇ كۈنلەردە توخۇ قۇرۇمىسىنىڭ دەردى ئىچىگە پاتمايلا قالدى. كىشىلەر ئۇنى شۇنچە ئەتىۋارلاۋاتسا، يەنە نېمە دەردكەن ئۇ؟ ھەممەيلەننىڭ دەردى بولىدۇ. مېنىڭ دەردىم شۇكى، دەپ سۆز باشلىدى توخۇ قورۇمىسى، مېنى ئۇستاملار دەسلەپتە يەرلى...

  • دېرىزە

    نامەلۇم دوختۇرخانىدىكى كىچىك بىر بالنېتسىدا ئىككى ئېغىر كېسەل كىشى ياتاتتى.كارىدورغا تۇتاشقان ئىشىكنىڭ قارشى تەرىپىدىكى دەرىزىدىن سىرتنى كۆرگىلى بولاتتى. دەرىزىگە يېقىن يەردە ياتقان بىمار چۈشتە بىر سائەتلا ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىناتتى،يەنە بىر بىمارنىڭ پۈت...

  • چىن سۆيگۇ

    -جانىم ~! نىمە بولىدۇ ؟ مىنى بىر قۇچاقلاپ قويغىنە ؟ قەلبىمدىكى لاۋىلداپ كۆيىۋاتقان ئىشقى ئوتى بىر ئاز بولسىمۇ پەسلىسۇن . ئۆزۇڭنى قاچۇرما ، قۇچاقلاپ قويغىنىڭغا سەندىن نىمە كىتىدۇ ؟ قىز خىجىللىقتا بىشىنى يەردىن كۆتۇرەلمەيلا قالدى . ئۇ قىزارغان يۇزىنى يىگىتك...

  • كۆز تەگكەن كۈلكە

    مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن (نەسىر) ساداقەت تۇرسۇن ئىلاۋە: مەن بۇ ئەسىرىمنى مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن. دادام 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى خىزمەت ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قېلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى يۈرەك مۇسكۇل تېقىلما كېس...