شاللاق ئايال ۋە نائەھلى شاگىرىت

ۋاقتى:2011-01-24 17:19مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

ھىكايە

مىنىڭ ئىسمىم ھەلىمىگۇل.يېزىلىق قىزمەن. .مەن كىچىكىمدىن تولىمۇ چىرايلىق ئىدىم،لىكىن چىرايلىق بولغۇنۇم بىلەن تۇرمۇشتا بەختلىك بولالمىدىم.ياتلىق بولمىغان چاغلىرىمدا ياش يىگىتلەرنىڭ ماڭا خۇددى يەۋەتكۈدەك تىكىلىپ قاراشلىرىنى كۆرگەنلىرىمدە چىرايىمدىن پەخىرلىنەتتىم.‹‹مۇشۇ چىرايىم بىلەن ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ كىلىشكەن،ئۆزۈم ياخشى كۆرۈدىغان يىگىتنى تېپىپ شۇنىڭغا تىگەلەيمەن ›› دەپ ئويلىغان ئىدىم.مىنى قوغلىشىدىغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇبۇلقاسىم ئىسىملىك مىنىڭ يىگىت تاللاش شەرتلىرىمگە چۈشىدىغان بىر يىگىت بار ئىدى.كىيىنچە مەن ئۇنىڭ بىلەن نەچچە نۆۋەت ئۇچرۇشۇپ، يۈرەك سىرلىرىمىزنى تۆكۈشكەن،تاتلىق-تاتلىق سۆيۈشكەن ،بىر-بىرىمىزدىن مەڭگۈ ئايىرىلماسلىق توغرىسىدا قاتتىق ۋەدىلەرنىمۇ بېرىشكەن بولساقمۇ،لىكىن، بىزنىڭ بەختىمىزنى دادام ۋەيران قىلىۋەتتى.مىنى ئۇنىمىغىنىمغا، يىغلاپ قاخشىغىنىمغا قارىماي،   نەۋرە ئاچىسىنىڭ روزى ئىسىملىك  تۆمۈرچى ئوغلىغا ياتلىق قىلىۋەتتى.    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
روزى مەندىن سەككىز ياش چوڭ بولۇپ ،ئوتتۇرا بوي،قارامتۇل كەلگەن،چىرايىنىڭ ۋاي دىگۈچىلىكى يوق،ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئاغزىدىن تاماكا چۈشمەيدىغان،ئىككى سائەت يېنىدا ئولتۇرسىڭىز كۆڭلىڭىزنى خوش قىلالىغۇدەك بىرەر ئېغىز سۆزنىمۇ قىلالمايدىغان،ئويۇن بىلەن خوشى يوق ئىشقا ئامراق، پۇل تېپىشقا ماھىر، خوتۇن ئىشىغا خامراق يىگىت ئىدى.ئۇنىڭغا ئەسلىدىمۇ كۆڭلۈم چۈشمەي ياتلىق بولغىنىم ئۈچۈن ھەر بىر سۆز ھەركىتى دىتىمغا ياقمايتتى.بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا بەدىنىم تىكەنلەشكەندەك بولۇپ بەكمۇ بىئارام بولاتتىم، شۇڭا باشقا ئاياللار‹‹ ئۇزۇنراق داۋاملاشسىكەن ››دەپ تىلەيدىغان شىرىن چاغلارنى مەن ‹‹تېزراق ئاخىرلاشسىكەن›› دەپ بىزارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزەتتىم.شۇڭا دائىم ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولماي سوغاق تىگەتتىم.ئۇنىڭغا تىگىپ قالغىنىمغا تەن بەرمەي، ھە دىسە ئاجرىشىپ كېتىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ ئورۇنسىز سوقۇشاتتىم.لىكىن، رۇزى بىپەرۋا بولىۋېلىپ ،ئېغىر بېسىقلىق بىلەن جىم تۇرۇۋېلىپ، مىنى داۋاملىق سوقۇشۇشتىن سوۋۇتۇپ قوياتتى.مەن ئۇنى ياقتۇرمىغاچقا مەيلى بازارغا،ئېتىزلىقلارغا، توي –تۆكۈنلەرگە ،ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلارغا بىللە  بارىدىغان ئىش بولسۇن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغىم كەلمەيتتى.بىرەر باھانە تېپىپ ئايرىلىپ قېلىپ يالغۇز باراتتىم.بۇ ئۆينى كۆڭلۈم تارتمىغاچقا ئانچە مۇنچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ئېتىز ئىشلىرىغا ئانچە قاراشمايتتىم. ئېتىزنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئاساسەن روزى شاگىرتلىرى بىلەن چىقاتتى.  

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


بىزنىڭ مۇشۇنداق كۆڭۈلسىز تۇرمۇشىمىز 20يىلدەك داۋاملاشتى.بۇ يىللار ماڭا ئىككى ئەسىردەك تۇيۇلغان بولسىمۇ، لىكىن، تەقدىرىمگە  بىر كۈنمۇ تەن بىرىپ باقمىدىم.بۇ ئۆي مىنىڭ ئەمەستەك،مىنى باشقا بىرسى ساقلاۋاتقاندەك،ھامان بىر كۈنى ئاجراشسام بەختىمنى تاپىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. مەن رۇزى بىلەن توي قىلغاندا 17ياشتا بار ئىدىم .مانا ئەمدى 37ياشلارغا كىرىپ قالدىم .بۇ جەرياندا بىر ئوغۇل ۋە ئىككى قىز پەرزەنىت كۆردۇم.بالىلارنىڭ چوڭى ئابلىكىم 19ياشقا،قىزلىرىمدىن ئايشەم 15ياشقا،غۇنچەم 12ياشقا كىرىپ قالدى.لىكىن بۇ ئۆيگە بولغان مىھرىمنى بۇ پەرزەنىتلىرىممۇ تارتالمايتتى.بۇلارنى مەن تۇغمىغاندەك،ئۇلار بۇرۇندىن مۇشۇ ئۆيدە باردەك،ئۇلارنى روزى بىريەردىن پەيدا قىلغاندەك تۇيۇلاتتى.ئەمدى ئويلاپ باقسام مەن ئاجرىشىمەن دەپ يۈرۈپ ئىككى ئون يىلنى ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن،قانچە قىلساممۇ ئاجرىشالماپتىمەن.بۇلارنى ئويلىسام ھەسرىتىم قوزغۇلۇپ قالىدۇ.
مەن بۇ زېرىكىشلىك كۈنلەرنى قانداق تۈگىتىشنى بىلمەي ئەھمىيەتسىزئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمگە يىغلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تۇرمۇشۇمدا تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ ،ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇق تۇرغان ھاۋا ئېچىلغاندەك،كۆڭلۈم ئاسمىنىدا ئىشىق قۇياشى پارلاپ ئىللىق نۇرلىرى مۇھەببەتكە تەشنا قەلبىمگە چېچىلغاندەك بولدى.بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ سەۋەپچىسى روزىنىڭ يېڭىدىن ئالغان قاۋۇل ئىسىملىك شاگىرتى ئىدى.بىز ئۇنى قاۋۇلجان دەپ ئاتايتتۇق.ئۇ 22ياشلاردىكى ئىگىز بويلۇق،ئاق سېرىق يۈزلۇك،قويۇق قوشۇما قاشلىق،قاپقارا كۆزلىرىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان،قارىغان كىشىنىڭ ئامراقلىقى كېلىدىغان شوخ خۇشچاخچاق يىگىت ئىدى.شاگىرىت دىگەن بالىغا ياكى قېرىنداشقا ئوخشاش ئادەم .ئۇنىڭغا ئەنە شۇنداق نەزەردە قاراش، بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش كېرەك.لىكىن مەن قاۋۇلجانغا ئۇنداق قارىيالمىدىم.نىمىشقىلىقىنى بىلمەيمەن، ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.ئۆزۈمنى قانچە ئەيىپلىسەممۇ،‹‹سەن ئۇنىڭ خىلى ئەمەس،ئۇ سەندىن ياش ۋە كىچىك،ئۇ خۇددى بالاڭغا ئوخشاش،ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى تارت،ھىسىياتىڭنى باس. ‹يامان› كۆزدە قارىما›› دەپ ئەقلىم ئارقىلىق ھىسسىياتىمنى تىزگىنلىسەممۇ ئۆزۈمنى زادىلا باشقۇرالمايتتىم.20يىل ئۆي تۇتۇپ ئېرىم ئۈچۈن بىر قېتىم بولسىمۇ‹‹ پىژ›› قىلىپ باقمىغان يۈرۈكۈم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوت كاۋاپقا ئايلاندى.مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈممۇ تۇيماي ھازىرغىچە ھىچكىمگە قىلمىغان قىزغىن مۇئامىلىلىرىمنى قىلاتتىم.كۈندۈزلەردە ئائىلە بويىچە بىرگە تاماق يىگەنلىرىمىزدە ئۇنىڭ قاچىسىغا گۆشنىڭ ياخشى يەرلىرىدىن چىقىرپ قوياتتىم.روزىنىڭ تامىقىنى بالىلار ئاپارسىمۇ ئۇنىڭ تامىقىنى ئۆزۈم ئاپىراتتىم.ئۇنىمىغىنىغا قارىماي تاماق زورلايتتىم. روزى ئۇنى بالىسى ئورنىدا كۆرگەچكە مىنىڭ قىلىقلىرىم بىراز غەلىتىرەك تۇيۇلسىمۇ مەندىن شەكلەنمەيتتى.ئۆزۈممۇ بىلمەي بۇ قىلىقلىرىم چەكتىن ئېشىپ كېتىپ قالغان بەزى چاغلاردا روزىنىڭ ئالىيىپ قاراشلىرىنى كۆرۈپ قالغانلىرىمدا بولسا بىراز ئىھتىيات قىلىشىم كېرەكلىكىنى ھىس قىلاتتىم.قاۋۇلجانمۇ ساددا يىگىت بولغاچقا مىنىڭ بۇ قىلىقلىرىمنى ئۇستاز خانىمنىڭ شاگىرتقا بولغان مىھرى دەپ چۈشىنىپ شەكلەنمەيتتى.   
ئىز تورى www.iz.la

بىر مەزگىل ئەنە شۇنداق ئۆتتى.مىنىڭ قاۋۇلجانغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىم ،كۆڭلۈمنى ئىپادىلىشىم ،ئۇنىڭ قوللىشى ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىم ئۈچۈن مۈمكىنچىلىك بولمىدى.
 پۇرسەت ئاخىر كەلدى.بىر كۈنى ئۆيدە روزىنىڭ تۆمۈرچىلىككە ئىشلىتىدىغان ماتېريال تۆمۈرى تۈگەپ قېلىپ، ئۆزى شەھەرگە تاختايسىمان تۆمۈر ۋە ئۈچ قىرلىق تۆمۈردىن بىر بۆلۈك ئەكەلمەكچى بولۇپ ئەتتىگەندىلا شەھەرگە كەتتى.يېزىمىز بىلەن شەھەرنىڭ ئارىلىقى 200كىلومېتردىن ئاشىدىغان بولغاچقا، روزىنىڭ شەھەرگە بېرىپ كېلىشى ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت كېتەتتى.روزى قاۋۇلجانغا ئۆزى كەلگۈچە ياساپ تۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم بۇيرۇتمىلارنى دەپ قويۇپ كەتكەچكە، ئۇ ئۆيدە قالدى.بۇ كۈنى كىپەزلەرگە سۇ تۇتۇش نۆۋىتى كېلىپ قالغاچقا، ئوغلۇم ئابلىكىم سۇ تۇتقىلى ئېتىزلىققا چىقىپ كەتتى.قىزلىرىم بولسا ئەتىگەندىلا مەكتەپلىرىگە كېتىشكەن ئىدى.چاشكا ۋاقىتلىرىدىن كېيىن مەن سۇ ئەچىقىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ قاۋۇلجاننىڭ يېنىغا چىقىپ سۇنى بەرگەچ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى گەپكە سالدىم:
-ئۇكام قاۋۇلجان،ئۇسسىدىڭىزمۇ؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-ياق خاناچا،تېخى ئۇسسىمىدىم.
-خاناچا دەيسىزغۇ قېرى كۆرۈنەمدىكەنمەن؟
-ياق...ياق...ياق،سىزنى قېرى كۆرۈپ قالغىنم يوق،ئۇستامنىڭ ئايالى بولغاچ ھۆرمەتلەپ شۇنداق ئاتىدىم.
-ھە ئەمىسە ماۋۇ ئۆز قولۇم بىلەن ئېلىپ چىققان سۇدىن ئىچىۋېلىڭ،يۈرىكىڭىزنى سەگىتىدۇ.
-ياق،تېخى ئۇسسۇمۇدۇم. 
-ئۇسسۇمۇدۇم دەيسىزغۇ؟ ياش يىگىت دىگەن ئوت يۈرەك كېلىدۇ.ئۇسساپ تەشنا بولۇپ تۇرىدۇ،سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنىڭ ئوتى يوقمۇ يە؟
 قاۋۇلجان بۇ گەپلىرىمدىن غەلىتىلىك ھىس قىلىپ يەر تېگىدىن چىرايىمغا قاراپ قويدى دە ،قىزىرىپ كېتىپ يەرگە قاراپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى.   بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
-چاخچاققا ئۇستىكەنسىز خاناچا،ئۇسسۇزلۇق دىگەن كۈن قىزىغاندىراق بولمامدۇ؟ تېخى ئەتىگەن ھاۋا سالقىن ۋاقتى.
-ئۇكام،ھاۋا قىزىغاندا دىگەن قېرىلارنىڭ يۈرىكى قىزىيدۇ.ياشلارنىڭ يۈرىكى دىگەن ھاۋا بىلەن مۇناسىۋەتسىز.دائىم قىزىپ تۇرۇشى كېرەك.سىز ياشلىق- شاشلىق،ياشلىق-بەڭباشلىق.دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىمىغانمۇ؟  
-ئاڭلاشنىغۇ ئاڭلىغان،لىكىن بۇ گەپلەرنىڭ سىز بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟
-نىمە مۇناسىۋىتى بولاتتى ئوماق ئۇكام،‹‹مەشكە يولۇقساڭ ئىسسىقى ئۆتەر،مۇزغا يولۇقساڭ سوغۇقى››دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ يۈرىكىنىڭ ئوتى بىزگىمۇ ئۆتۈپ يۈرەك قىزىپ تۇرالمايۋاتىمىز دەڭا.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قاۋۇلجان بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىممىدە تۇرۇپ قالدى.ئۇمۇ يىگىرمە ياشتىن ئاشقىلى ئىككى يىل بولۇپ خېلى ئىش ئۇقۇپ قالغان،قېنى قىزىپ تۇرىدىغان ياش نەۋقىران چاغلىرى تۇرسا ،بۇنچىلىك گەپلەرنىڭ تېگىگە  يېتەلمەي قالاتتىمۇ، لىكىن بۇ يەر ھايت دىسە ھۇيت دەيدىغان ياشلار سورۇنى،مەن ئۇنىڭ ياشلار سورۇنىدىكى ئوينىشى ئەمەس ئىدىم.بەلكى ئانىسىنىڭ ئورنىدى ئايال ئىدىم.شۇڭا ئۇقماس بولىۋېلىپ ئىشىنى قىلىۋەردى.ئەسلى مەن بۇ خىل ئەھۋالدا شەيتىنىمغا ھاي بېرىپ كىرىپ كېتىشىم ،ئۇنى قايتا ئاۋارە قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى.لىكىن شەيتىنىم مىنىڭ بۇ نەۋقىران ياش يىگىتكە بولغان شەيدالىقىمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ:‹‹بۈگۈنكى كەم تېپىلىدىغان غەنىمەت پۇرسەت،ئۇ ئۇقماسقا سالسا سەنمۇ نازۇك بولىۋالماي قېلىنراق، دادىلراق بولغىن.ئەر كىشى دىگەن ئۆچكە يېغىدەك بىرنىمە ئوت يېقىۋەرسەڭ ئېرىمەي قالمايدۇ›› دەپ ھەدەپ قۇتراتقۇلۇق قىلاتتى.   

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


شۇنىڭ بىلەن مەن كىرىپ كەتمەي ئۇنىڭ يېنىدا داۋاملىق ئولتۇرۇپ، بىردە چىراي شەكلىنى ،كىلىشكەن بوي بەستىنى ماختىسام ،بىردە مۇھەببەتسىز تۇرمۇشۇمدىن زارلىناتتىم.بىردە قەستەن ئەر ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ناتوغرا مۇناسىۋەتلەرگە دائىر كوچا پاراڭلىرىنى قىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ ھەۋەس ئوتلىرىنى كۈچەيتەتتىم.ئالاھەزەل بىرەر سائەتچە شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا تەشنالىقىمنى يۇشۇرۇن رەۋىشتە ئۇقتۇرۇپ ئۇنىمۇ ئۆزۈمگە خېلى قىزىقتۇردۇم.بۇ جەھەتتە شەيتان ماڭا خېلى ياردەم بەردى.ئاخىر چۈشلۈك تاماق قىلىشىم كېرەكلىكىنى ،ئىچكىرى ئۆيدە ئىلغىغا ئىلىقلىق گۆش بارلىقىنى  قاۋۇلجاننىڭ ئۇ گۆشنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىى ئېيتىپ ئۇنى ياتاق ئۆيگە ئالداپ ئېلىپ كىردىم.ئىچكىرى ئۆيدە ئەمەلىيەتتە گۆش يوق ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قاۋۇلجان:‹‹خاناچا گۆش قېنى؟›› دەپ سورىۋىدى،مەن:‹‹گۆشنى ھازىر كۆرسۈتۈپ قويىمەن،ئاۋال پۇتۇمنى تۇتۇپ قويۇڭ،پۇتۇم سىرقىراپ ئاغرىۋاتىدۇ›› دەپ ئۆزۈم كارۋاتتا سۇنايلىنىپ يېتىپ ئۇنى پۇتۇمنى تۇتقۇزدۇم. ئۇ پۇتۇمنى تۇتۇش جەريانىدا يات ئايالنىڭ بەدىنىگە قوللىرى تېگىپ ھىسسىياتى ئۇرغۇپ،نەپىسى ئىتىكلەپ، مەن نىمە دىسەم شۇنى قىلغۇدەك ھالغا كەلدى.شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنىڭ قوللىرىدىن ئاستاغىنە تارتىپ گۇناھلىق، لىكىن، لەززەتلىك ھېلىقى ئىشنى ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم قىلدىم.  
شۇندىن ئېتىۋارەن ئۇ ماڭا ئۆگۈنۈپ قالدى.رۇزى بىزدىن قىلچە گۇمانلانمايتتى.مەنمۇ ئۇ بار يەردە بۇرۇنقىدەك چاندۇرۇپ يۈرمەيتتىم.بەلكى ئۇ يوق سىرتقا ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەن چاغلارنى غەنىمەت بىلىپ كۆڭۈل تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇپ ئاشىق-مەشۇقلاردەك قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ يۈردۇق.تۇرمۇشۇمدا خۇشاللىق كۆپۈيۈپ بۇرۇنقىدەك خاپىغان يۈرمەي كۈلۈپ يۈرىدىغان،باشقىلارغىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم.   

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


مەن بۇ گۇناھلىق مۇھەببەتتىن لەززەت تاپتىم.يىگىرمە يىلدىن بېرى مۇھەببەتتىن سۇ ئىچمىگەن كۆڭلۈم بۇ شاللاقلارچە ئاشنىدارچىلىق مۇھەببىتىدىن سۇ ئىچىپ قەلبىمنى ياشارتتى.لىكىن بۇ خىل خۇپىيانە ئىش ئۇزاق داۋاملىشىۋەرسە بولمايتتى.
ھەرقانداق ئەر بولغۇچى ئۆز ئايالىنىڭ ساداقەتسىزلىكىگە چىداپ تۇرالمايدۇ. ‹‹بىگىزنى قاپتا ساقلىغىلى بولماس ›› دىگەندەك بۇ ئىشىمىز ھامان چېنىپ قېلىشى.خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇپلا قالماي.قاۋۇلجان بىلەن ئىككىمىز روزىنىڭ قولىغا ‹‹ئويناۋاتقان›› ھالەتتە تۇتۇلۇپ قالساق ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايتتى.ئىشىمىز ئۆلۈم بىلەنلا تۈگىمەي سېسىق نامىمىز ئەتراپقا تارقالسا، خەق بىز ئۆلگەندىن كېيىنمۇ تاۋۇتىمىزغا تۈكۈرۈپ قويۇشى.بەلكىم نامىزىمىزنى چۈشۈرۈشكىمۇ ئادەم چىقماسلىقى مۈمكىن ئىدى.ئەڭ يامىنى بالىلىرىم مېنىڭ مۇشۇنداق ئاشنا ئوينايدىغان‹‹بۇزۇق›› ئايال ئىكەنلىكىمنى ئۇقۇپ قالسا  قاتتىق ئازاپلىنىشى،مەندىن نەپرەتلىنىشى،كىيىن ‹‹بۇزۇق خوتۇننىڭ بالىلىرى›› دەپ كىشىلەر تەرىپىدىن  كەمسىتىلىپ ئۆمۈر بويى بېشىنىمۇ كۆتۈرەلمەسلىكى مۈمكىن ئىدى.شۇڭا بۇ خىل مۇناسىۋەتنى توختۇتۇپ قوياي دىسەم كۆڭلۈم قەتئى ئۇنىمايتتى. قاۋۇلجانغا شۇنچىلىك كۆيۈپ قالغان ئىدىمكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىش مەن ئۈچۈن دەۋزەخ ئازابىدىنمۇ يامان ئازاپتەك تۇيۇلاتتى.شۇڭا مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالمايدىغان،خەتەرگىمۇ ئۇچرىمايدىغان يۇرتتا يۈزىمىزنىمۇ تۆكمەيدىغان بىر ئامال تېپىش ئۈستىدە ئويلاندىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن شۇنداق تەدبىر تېپىپ چىقتىم:مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ تېز پۇرسەتتە روزىدىن ئاجرىشىمەن،ئاندىن نەچچە يىللىق ئەجىر ھەققىم ئۈچۈن 20-30مىڭ كوي ھەق تەلەپ قىلىپ ئالىمەن.ئاندىن بۇ پۇل بىلەن ئۈرۈمچىدەك بىرەر چوڭ شەھەرگە كېتىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىمەن.ئاندىن قاۋۇلجاننى تېلىفۇن ئارقىلىق يېنىمغا چاقىرتىۋالىمەن.ئۇ ئۇستىسىدىن ئايرىلىپ يېنىمغا بارىدۇ.بىز بىللە‹‹بەخىتلىك ››ياشايمىز.   
مەن بۇ پىلانىمنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلىك رۇزىغا بۇ ھەقتە قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمەي تۇرغان ۋاقتىمدا ،تۇيۇقسىز ئىشلار مېنىڭ پايدام تەرەپكە يۈزلىنىشكە باشلىدى.رۇزى تۇيۇقسىز بىر كۈندىن باشلاپ ماڭا قەتئى گەپ قىلماس بولىۋالدى.ئەتىگەندىن كەچ كىرگىچە ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى.ھەم پەقەت چىراي ئاچمايتتى.ئاخشىمىمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىق ھەم ئاچكۆزلۈك بىلەن يېنىمغا كىرىپ بىرگە ياتماستىن، ئۆزى  ئايرىم ئورۇن سېلىپ ياتاتتى.يەنە گەپ قىلمايتتى.ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە قاۋۇلجانغا:‹‹بىر مەزگىل ھۈنەر قىلماي تۇراي دىدىم،يامان چۈش كۆرۈپ قاپتىكەنمەن، ھۈنەردىن ۋاقىتلىق قول ئۈزدۈم، شۇڭا بىر مەزگىل ئۆيگە كەلمەي ئىشىڭىزنى قىلىپ تۇرسىڭىز››-دەپ ئۇنىمۇ ئۆيگە كەلتۈرتمىدى. ‹‹ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن ››دىگەندەك قىلغان ئىشىمىز ئۆزىمىزگە ئايان بولغاچقا بۇ ھەقتە چىش يېرىپ بىرنىمە دىيەلمىدىم.قارىغاندا رۇزى قاۋۇلجان بىلەن ئىككىمىز ھەققىدە يە كوچا كويدا بىرەر غەيۋەت شىكايەت ئاڭلاپ قالغان،ياكى بولمىسا ئىككىمىزنىڭ ئىشلىرىدىن ئازراق گۇمانلىنىپ قالغان، شۇ ئاچچىقىدا شۇنداق قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن .لېكىن، ئۇنىڭ ماڭا پەقەت گەپ قىلماسلىقى ۋە سوغاق مۇئامىلە قىلىپ تاشلىۋېتىشى ھەم غەلىتە تۇيۇلدى،ھەم تىنىمنى شۈركەندۈردى...     www.iz.la
 بۇ خىل ئەھۋال بىر ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن مەن بۇ خىل بۇرۇختۇملۇق تۇرمۇشقا زادىلا چىداپ تۇرالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە ئىككىمىزلا قالغان بىر كۈنى  ئۇنىڭغا ئۆزۈم ئېغىز ئاچتىم؛  
  -نىمانداق قىلىسىز؟يە چىراي ئاچمايسىز،يە گەپ قىلمايسىز،مەندىن بىرەر چوڭ خاتالىق ئۆتتىمۇ؟ئۆتكەن بولسا ئادەمنىڭ تولا ئىچىنى سىقماي گاچچىدە بىرنىمە دەڭ.ئۆتمىگەن بولسا بۇنداق قاملاشمىغان قىلىقىڭىزنى توختۇتۇڭ!   
ئۇ ئاخىرى ماڭا گەپ قىلدى: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  -تېخىچە چۈشەنمەۋاتامسە؟  
  -نىمىنى ؟نىمىنى چۈشەنمەپتىمە؟
  -مىنىڭ سەندىن كۆڭلۈم قالدى،ئە- خوتۇنچىلىقتىن قول ئۈزدۈم!   
  -نىمىشقا؟مەن نىمە قىپتىمە؟   
  -نىمە قىلغىنىڭنى مىنى بىلمەيدۇ دەمسە؟ھەي مەن گاس –گاچا ياكى قارىغۇ ئەمەس جۇما!
 -نىمە ئەدەم چۈشەنمەيدىغان غەلىتە گەپلەنى قىلىسىز؟ مەن زادى نىمە قىپتىمە؟ گەپ بوسا ئوچۇق قىلىڭ!  

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  -ماقۇ ،سەن خۇپسەن ھىچنىمىنى بىلمەيسە،ھىچنىمە قىممىدىڭ؟ شۇنداقمۇ؟
  -ھەئە ،ھىچنىمە قىممىدىم؟
-ھىچنىمە قىممىدىم دىگىنىنى ،ۋۇ يۈزى قېلىن رەسۋا! سەن ھىچ ئىش قىممىدىڭ،سۈتتىن ئاق،سېغىزخاندىن ساق شۇندامۇ؟  
 -شۇندا،بوسا دەڭ،مەن ھىچنىمە قىممىدىم  
 -دەيمەممۇ؟ ماقا ئەمىسە،بىلىپ قوي ،ئۇقمامتىكى دىمە، مەن ھەممىنى بىلىمە،سەن شاگىتىم قاۋۇلنى ئازدۇدۇڭ، ئۇنى يامان يولغا باشلاپ تۇزكو ۋە مۇناپىق قىلدىڭ،گۇناكا قىلدىڭ.سەن شەيتاندىممۇ ئەسكى بىرنىمىكەنسە...   

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


-ئاغزىڭىزنى چاقىۋىتىپ گەپ قىلىڭ! مەن سىزنىڭ خوتۇنىڭىز،ئە دىگەن خوتۇنىغا بۇندا تۆمەت چاپلىسا بوممايدۇ! بىلىپ قويۇڭ .مەن دىگەن پاك خوتۇن،پاك خوتۇنغا تۆمەت چاپلاش چوڭ گۇنا.
  -ئۆزىنى پاك خوتۇن دەۋاغىننى،ھۇ رەسۋا!نومۇس قىممامسە؟ پاك خوتۇن سەندەك بولامدا؟پاك خوتۇن ئېرىنىڭ شاگىتىنى ئازدۇرۇپ ئۇنىڭ ۋىلەن زىنا قىلامدا؟
-كىم شۇندا دەيدۇ؟مەن قاچان شۇندا قىپتىمە؟مەن شۇندا قىلغان بوسام سىز تۆپىمىزدىن تۇتۇۋالدىڭىزمۇ؟ يا بىرە گۇۋاچىڭىز بامۇ؟ گەپ دىگەننى ئويلاپ قىلىڭ.ئاقنى قارا،مۆمىن مۇسۇماننى جالاپ دىسىڭىز دىندىن ئاجايسىز جۇما ؟!
copyright by www.iz.la

  - مەن تۆپەڭلىدىن تۇتۇۋاممىدىم.تۇتۇۋاغان بوسام ئىزىڭدا چېپىۋىتەتتىم.لىكىن ئەلە مەلىدە ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىپ بوپسە.ھەممە ئەدەم سىنى قاۋۇل بىلەن ئاق قىلدى كۆك قىلدى دىيىشىپ يۈرىدىكەن.مەن چىدىمىدىم.بۇندا يۇرىۋەسەم سىنى بىرنىمە قىپ سالىدىكەممە.بىزگە بىرنىمە بوپ قاسا باللا يىتىم قاممىسۇن. ياخشىسى بىز ئاجىشىپ كىتىلى...   
-ژىگىمە يىل سەن بىلەن ئۆي تۇتۇپ ھىچ خوۋلۇقۇڭنى كۆمىدىم.ئاخى ماڭا بۇ توقۇ لەنەتنى توقۇپ چىقىپسە.بوپتۇ،سەن مىنى شۇندا دەپ ئويلىغان بوساڭ،ئاجىشىپ كىتىش نىيىتىگە كەگەن بوساڭ بوپتۇ مەممۇ تاشنى تاياققا تاڭماي.راس ئاجىشىسە ھە؟
  -ھەئە،بىر ئاي بۇرۇنلا مەن سىنى تالاق قىلىۋەتكەن،باللىنىڭ يۈزىدىن ئۆتەممەي ساڭا ۋە باللىغا گەپ قىممىغان .بۈگەن ئۆزەڭ گەپنى تەشتىڭ.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


  -ئاجىشىش نىتىگە بۇرۇنلا كەپ بوغان بوساڭ بوپتۇ.مەممۇ ساڭا ئېسىلىۋاممايمە قانچە پۇل بىرىسە؟!   
 -ئۆزەڭ دە؟قانچىلىك ئالىمە دىسەڭ بىرىمە ،سەندەك خوتۇننى ئەمدى مەن تونىمايمە....   
 شۇنداق قىلىپ بىز 2-3 سائەت شۇ تەرىقىدە تالاش تارتىش قىلىپ، ئاخىرى ئاجرىسشىش توغرىسىدا بىردەكلىككە كىلىپ  توختام تۈزۈشتۇق.ئۆي بىلەن بالىلار،چارۋىلار ۋە بارلىق مۈلۈك  رۇزىغا قالىدىغان ،رۇزى ماڭا 30مىڭ يۈئەن تۆلەم بىرىدىغان بولۇپ كىلىشتۇق.بالىلارغا ھەقىقى ئەۋالنى ئۇقتۇماي ‹‹ئە خوتۇن كىلىشەممىدۇق .بىرگە تۇرالمايدىكەنمىز›› دەيدىغانغا كىلىشتۇق.   
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەتىسى ئاۋال بالىلارغا ئەھۋالنى ئۇقتۇردۇق.ئۇلار باشتا ھەيران قالدى.كىيىن بىزنى بۇنداق قىمماسلىققا ئۈندەپ يىغلاشتى.لىكىن بىز گىپىمىزدىن يانماي ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ  تەستە قايىل قىلدۇق.ئاندىن ناھىيەلىك سوتقا بېرىپ ئاجرىشىش ئىلتىماسى سۇندۇق.ھەقىقى ئاجرىشىپ ئاجرىشىش قەغىزىنى قولىمىزغا ئېلىپ بولغىچە نەچچە كۈن ۋاقىت كەتتى.نۇرغۇن قېتىم بېرىپ كەلدۇق.بۇ جەرياندا يەنە ئۆتكەنكىدەك بىر بىرىمىزگە ئۈندىمەي بىر ئۆيدە تۇرۇپ تۇردۇق.مەنمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ قارشىلىق قىلىشىدىن قورقۇپ رەسمى ئاجرىشىپ بولغىچە ئۆيدىكىلەرگە ھىچنىمىنى ئۇقتۇرمىدىم. 

ئىز تورى بەك ياخشى


ئاجرىشىپ بولۇپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر ئاجراشقىىمىزنى ئۇقۇپ ماڭا قاتتىق تاپا تەنە قىلدى. مىنى ئەيىپلىدى.2-3 كۈنگىچە تاپا مالامەت ئۈزۈلمىدى.غەيۋەت قىلمىسا تۇرالمايدىغان،غەيۋەت ئارقىلىق ترمۇشى مەزمۇن،كۆڭلى ئىمىن تاپىدىغان خوتۇنلار مەشەدىمۇ كۆپ  بولغاچقا مەن كىلە كەلمەيلا بۇ يەرمۇ مەن توغرىلىق غەيۋەت ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى.بۇ ماڭا ئەلەم ئۈستىگە ئەلەم قىلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ يەردە تۇرغۇم يوق بولغاچقا بىر كۈنى ئۆيدە ئادەم يوق ۋاقىتتا پۇل چىكىمنى ۋە بوخچىلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۆيۈمدىن قېچىپ چىقىپ ئۈرۈمچىگىمۇ كەتمەيۋىلايىتىمىزگەخوشنا خ شەھىرىگە كەتتىم.ئۇ يەرگە بېرىپ چەت بىر كوچىدىن خېلى يامان ئەمەس بىر ئۆينى يىللىق ئىجارىگە ئالدىم .ئاندىن بازارنىڭ ئاۋات بىر يىرىدىن بىر كىچىك دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ ئۇ دۇكاندا قىزلار ئاياللارنىڭ مودا كىيىملىرىنى توپ ئېلىپ پارچە ساتىدىغان تىجارەتكە كىرىشىپ كەتتىم.مەن كىچىكىمدىن كىيىم خۇمار بولغىنىم،كىيىمنى چۈشىنىدىغان،ۋە سودىغا ئىپىم بار،گەپكە ئۇستا بولغىنىم  ئۈچۈن سودام ئوبدان يۈرۈشۈپ خېلى پۇل تېپىپ قالدىم.پۇلۇم يىتىشمىسە ئالتۇن جابدۇقلىرىمنىمۇ   
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنىمۇ تىجارەتكە قاتتىم.
ئارىدىن بىرەر ئايچە ۋاقىت ئۆتۈپ ھەممە ئىشلىرىمنى يۈرۈشتۈرۈپ جايىغا سېلىۋالغاندىن كېيىن قاۋۇلجانغا مەخپى تېلىفۇن قىلىپ ئۇنى يېنىمغا چاقىرتىۋالدىم.مەن قاۋۇلجاننى ياخشى چۈشىنەتتىم.ئۇ گەرچە دىھقان بالىسى بولسىمۇ لىكىن دىھقانچىلىق ئىشى  بىلەن خوشى يوق بالا ئىدى.ئۇ ياخشى يىيىشنى، ياخشى كىىيىشنى ئارزۇ قىلاتتى.ئويۇن تاماششىغا ئامراق ئىدى.
قاۋۇلجان يېنىمغا كەلگەندىن كېيىن بىر ئىمامنى مەخپى چاقىرتىپ نىكاھ ئوقۇتىۋېلىپ پەتتىمۇ ئالماي بىرگە تۇرۇۋەردۇق.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


باشقىلار سورىسا ‹‹ئىنىم بولىدۇ›› دەپ قوياتتىم.قاۋۇلجانمۇ ئۆيىدىن مەخپى قېچىپ چىققان بولغاچ تۇققانلىرىمىز بىزنى خېلى ۋاقىتقىچە ئىزدەپ بېقىپ تاپالماي بولدى قىپتۇ.لىكىن يۇرت ئىچىدە:‹‹ قاۋۇلجان بىلەن ھەلىمىگۈل بىللە قېچىپ كىتىپتۇ،ھازىر ئۈرۈمچىدىمىش،ئەر خوتۇن بولۇپ يۈرەرمىش›› دىگەن كوچا غەيۋەتلىرى ئاۋۇپ قاپتۇ.قاۋۇلجاننىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇ غەيۋەتلەردىن ئىزا تارتىپ قاۋۇلجاننى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن  ئۈرۈمچى،غۇلجا تەرەپلەرگە نەچچە قېتىم بېرىپ بىزنى ئىزدەپ تاپالماي قايىتپ كېتىپتۇمىش.بىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىھتىيات قىلىپ نەدىلىكىمىزنى قەتئى چاندۇرمىدۇق.تۇققانلار بىلەنمۇ ئالاقە قىلمىدۇق.يۇرتتىن بۇ تەرەپلەرگە كەلگەنلەرنى كۆرۈپ قالساق دەرھال يۇشۇرۇنۇۋالدۇق.شۇنداق قىلىپ بىز بۇ شەھەردە توپتوغرا ئۈچ يىل ئەر خوتۇندەك بىللە ياشىدۇق.بۇ قەرياندا مەن بىر قىز پەرزەنىت تۇغدۇم.لىكىن بىزنىڭ توي خېتىمىز بولمىغاچقا ھەم بۇ شەھەرنىڭ رەسمى پۇخراسى بولۇپ تىزىملىنالمىغان بولغاچقا قىزىم تۇغۇلۇپلا قارا نوپۇس بولۇپ قالدى.ئۈچ يىلدىن كېيىن قاۋۇلجاننىڭ ئۆيىدىكىلەر بىزنىڭ خەۋىرىمىزنى ئۇقۇپ قېلىپ قاۋۇلجاننىڭ دادىسى،ئانىسى ۋە ئىككى ئاچىسى بىز تۇرغان شەھەرگىچە كىلىپ ئۆيىمىزنى ئىزدەپ سوراپ تېپىپ كىرىپ، ھەر ئىككىلىمىزنى قار يامغۇر تىللاپكەتتى. ئاخىر قاۋۇلجاننى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئېلىپ يۇرتقا قايتۇرۇپ كەتتى.بىزنىڭ نىكاھ قەغىزى ئالماي بىرگە تۇرغىنىمىزنىڭ بۇ ئىشتىمۇ زىيىنى بولدى.مەن ‹‹نىمە دەيسىلەر بۇ دىگەن مىنىڭ ئېرىم›› دەپ قاۋۇلجاننى قانۇنى جەھەتتىن ئۇلارغا بەرمەي ئېلىپ قالالمىدىم.مەن ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە ئانىسى بىلەن ئاچىسى ئاغزىنى بۇزۇپ ئەڭ ئەپسانە تىللار بىلەن مىنى تىللاپ يىغلىتىپ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى...   ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قاۋۇلجان ئۇلار بىلەن شۇ كەتكەنچە ئىككىنچى قايتىپ كەلمىدى.ئۇلار ئۇنى شۇ ئاپارغانچە ئاپىرىپ يېقىن تۇققانلىرىدىن بىرىنىڭ 18ياشلاردىكى چىرايلىق قىزىنى نىكاھلاپ ئېلىپ بىرىپ ئۇنى بىر ئۆيگە ۋە ياش چىرايلىق خوتۇنغا باغلاپ قويۇپتۇ.مەن بار يەرگە كىلىشىمنى قاتتىق چەكلەپتۇ.ئەگەر كىلىپ قالغۇدەك بولسا بالىلىقتىن كىچىدىغان.يامان دۇئالار بىلەن قاغايدىغاننى دەپ قورقۇتۇپ بەنىت قىلىۋاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن مەن قاۋۇلجاندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىپ بۇ شەھەردە بىچارە قىزىم تۇرسۇنگۇل بىلەن قالدىم.  
شۇ ئىشتىن كىيىن مېىنىڭمۇ دىرىكىم بىلىنگەچ ئاتا-ئانام، ئۇرۇق- تۇققانلىرىم مىنى بىر بىرلەپ ئىزدەپ كىلىپ يۇرتقا قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولۇپ يالۋۇرۇشتى.بۇيرۇقمۇ قىلىپ بېقىشتى.لىكىن مەن خەقنىڭ سۆز چۆچىكىدىن قورقۇپ قەتئى قايتىپ كەتكىلى ئۇنۇمىدىم.ئۇلار نائىلاج قايتىپ كەتتى.ئارقىدىن ئوغلۇم ئابلىكىم ئىككى قىزىمنى ۋە ئايالىنى ئېلىپ مىنى يوقلاپ كەلدى.ئۇ بۇلتۇر خوشنىمىزنىڭ ئۆزى بىلەن كىچىكىدىن بىرگە ئوقۇغان قىزى سانىيە بىلەن توي قىلىۋالغان ئىكەن.ئۇلارمۇ مىنى يۇرتقا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كۆپ يالۋۇرۇپ يىغلاپ كېتىشتى.لىكىن ئۇنىمىدىم.ئۇلار نائىلاج قايتىپ كەتتى.   

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


يېرىم يىلدىن كىيىن ئابلىكىم ئىككى قىزىمنى ئېلىپ يەنە كەلدى.ئۇلار مىنى قايتۇرۇپ كېتىپ، ئۆزلىرىگە قايتا ئانا قىلىپ رۇزى بىلەن يېنىشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ،بۇنداق قىلىشقا رۇزىنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىمىغىنىمغا قويماي مىنى يۇرتقا قايتۇرۇپ كەتتى.بۇ ئىشقا تازا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا ئۆينى قايتۇرىۋەتمەي دۇكاننىمۇ يىغىۋەتمەي پەقەت تاقاپ قويۇپلا يۇرتقا قايتتىم.  
يولدا كىتىۋېتىپ ئويلايتتىم:‹‹ئۇ ئۆيگە يەنە قايتىپ كىرەلىشىمگە ھىچ ئىشەنگىم كەلمەيتتى.چۈنكى قىلغۇلۇقنى قىلدىم.ئاجرىشىشنىمۇ ئاجراشتىم.ئالىدىغان ھەقنىمۇ ئالدىم يەنە قايسى يۈزۈم بىلەن نىمە دەپ كىرىمەن؟  لىكىن مەن رۇزىنى كېرەك قىلمىغان بىلەن بالىلىرىمغا مەن بولمىسام بولمايدىكەن.دۇنيادا مال چارۋا نەرسە كېرەكلەرنى تىگىشكىلى ئالماشتۇرغىلى بولغان بىلەن ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرغىلى  بولمايدىكەن. بالىلار بۇ نوقتىنى تونۇپ يتەتكەن ئۇلارغا ئەقىل كىرىپ قالغان ئىدى.›› .كۆڭلۈمدە ئۆيگە قايتىپ كىرەلىشىمگە ئىشەنمىگىنىم بەزىبىر توسالغۇلارنى كۆڭلۈم تۇيغانلىقتىن بولغان بولسا كېرەك.مەن قايتىپ كېلىپ ھويلىغا كىرىپ تېخى ئۆيگىمۇ كىرمەي تۇرۇپ، تالادىن بىر توپ كىشى كالتەك توخماق كۆتۈرۈشۈپ قاتتىق چۇقان سۈرەن سېلىشقىنىچە كىرىپ كېلىشتى.بۇلار روزىنىڭ ئاتا -ئانىسى، ئاكا-ئۇكا،ئاچا- سىڭىل ئۇرۇق تۇققانلىرىۋە ئۇلارنىڭ چوڭىغان بالا چاقىلىرى بولۇپ بۇلارنى قېيناتا-قېينانام باشلاپ كەلگەن ئىدى.ئۇلار ھە دەپ چۇقان سالاتتى:
-بۇزۇق خوتۇننىڭ پاك ئۆينى يەنە بۇلغىشىغا يول قويمايمىز!نەدىن كەلگەن بولسا يەنە شۇ يەرگە قايىتپ كەتسۇن !
قېينانام ئالدىمغا دىۋەيلەپ كىلىپ قوللىرىنى كۆزۈمگە شىلتىپ تۇرۇپ چالۋاقايتتى.    ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
  -ھەي بۇزۇق، يەنە نىمە دەپ كەلدىڭ؟ رۇزىنى يۇمشاقباش كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ ئۇ مەينەت يۇمشاقباش بولسا بىز ئەمەس.يۈزۈڭنى قېلىن قىلىپ يەنە ئۆيگە ئاياق بېسىپ كەپسىنا؟سەندە يۈز دىگەن نەرسە يوقمۇ؟!...
مەن جاۋاپ بىرىپ بولغۇچە ئوغلۇم ئابلىكىم مىنىاڭ ئالدىمغا ئۆتۈپ مىنى ھىمايە قىلغاندەك توسۇپ تۇرۇپ مومىسىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: 
-مۇما،ئانامدا گۇنا يوق،ئۇ ئۆزى كەلگىنى يوق،مەن ئۆزۈم بېرىپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ قايتۇرۇپ كەلدىم.بىزگە ئۆز ئانىمىز كېرەك...    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ھەي ئەقىلسىز،يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا،بالىلىرى ئىڭەككە تاقىشىپ قۇدا كۆرگۈدەك بولۇپ قالغاندا،يۈزىنى داپتەك قىلىپ  ئېرىنىڭ شاگىرتى بىلەن  ئاشنا ئوينىغان،يەنە ئۇنى ئازدۇرۇپ ئۇنۇڭ بىلەن ياقا يۇرتقا قېچىپ ئۇنۇڭ بىلەن نىكاھسىز نەچچە يىللاپ ئاشنا ئويناپ،ھارامدىن بالا تېپىپ كەلگەن خوتۇن يەنە قانداقمۇ سېنىڭ ئاناڭ بولالىسۇن؟!يەنە قانداقمۇ ئوغلۇمغا خوتۇن بولالىسۇن؟ تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنىمىچۇ يەنە قايتا ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ!  
 -موما،سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن ،بىز ئاللىقاچان بىر قارارغا كىلىپ بولدۇق،ئاتام بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ ئانامنى قايتۇرۇپ كېلىش،بۇندىن كېيىىن بىللە ياشاشنى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىكىتىپ بولدۇق...    ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-پوق يەپسەن،سەنلەرنىڭ ئەقلىڭ گەژگەڭگە ئۆتۈپ قالدىمۇ ھە؟نەدە شۇنداق ئاسان ئىش باكەن؟ كىچىك بالا ئۆي تۇتۇشۇپ ئويناپ ئۆيىنى چۇۋۇۋېتىپ ،ئاندىن يەنە قايتىدىن ئۆي تۇتۇشۇپ ئوينايدۇ،ئەمما رۇزى بىلەن بۇ ھەلىمەك
كىچىك بالا ئەمەس،رەسۋالىشىپ بىر قېتىم چۇۋۇۋەتكەن ئۆينى ئەمدى ئۇنداق ئاسان ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ.كەلتۈرىمەن دىسىمۇ مەن ئەمدى يول قويمايمەن.يارىشىمەن دىيىشسەڭ ئاۋال مىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ ئاندىن يارىشىش!بولمىسا مەن ھەرقايسىڭنى ئەمدى ياراشقىلى قويمايمەن! ھەي روزەك قېنى سەن؟! بۇياققا چىق! ماۋۇ رەسۋا پاسكىنىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقار! بولمىسا ھەرقايسىڭنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ بىرىمەن!  

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


قېينانامنىڭ ۋە كىرگەنلەرنىڭ بەكمۇ پەيلى يامان ئىدى.ئەگەر ئوغلۇم ۋە قىزلىرىم يىغلىشىپ يۈرۈپ توسىۋالمىغان،جېنىنىڭ بارىچە مىنى قوغدىمىغان بولسا بەلكىم قاتتىق تاياق يەپ كەتكەن بولار ئىدىم.بۇ ۋاقىتتا رۇزى ئۆيدە يوقمۇ ياكى بولسىمۇ بۇلارنىڭ پەيلىدىن قورقۇپ چىقىشقا پېتىنالمىدىمۇ ئىشقىلىپ ئۇ كۆرۈنمىدى.ئابلىكىم مىنى تېنى بىلەن ھىمايە قىلغىنىچە ھويلىدىن مىڭ تەستە قايتۇرۇپ چىقىپ، مەھەللىنىڭ چېتىگە ئۆزى ئۈچۈن يېڭىدىن سالغان ئۆيىگە قايتۇرۇپ چىقتى. شۇنۇڭ بىلەن توپلاشقان ئۆكتەملەرمۇ بىردەم غەلۋە قىلىشىپ تارقاپ كېتىشتى.مەن ئەتىسىلا قايتىپ كەتمەكچى بولغان ئىدىم بالىلىرىم ئۇنىمىدى.ئابلىكىمنىڭ ئۆيىدە يۇشۇرۇنچە ئۈچ كۈن تۇرۇپ،ئۇ يەردىن ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇ يەردىمۇ ئۈچ كۈن تۇردۇم.ئۇلار تاپا-تەنە قىلىشماي چىرايلىق ئالدىمغا چىقىپ كۈتىۋالدى ۋە ئوبدان مىھمان قىلىشتى.ھەمدە داۋاملىق مۇشۇ ئۆيدە بىرگە تۇرۇشنى ئۆتۈنۈشتى.لىكىن خ شەھىرىدىكى ئۆيۈم ۋە دۇكانلىرىمنى مۇنداقلا تاشلاپ قويالمايتتىم.شۇڭا ئۇلارنىڭ قانچە چىڭ تۇتۇشلىرىغا قارىماي ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ئۆزرە قويۇپ ئاخىرى خ شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم...   ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
  مانا شۇ ئىشلار بولۇپ ئارىدىن يەنە 4-5 يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى.مەن خ شەھىرىدە تۇرۇپ قالدىم.تىرىشىپ ھالاللىق بىلەن  سودا قىلىپ،4-5يۈزمىڭ يۈئەن پۇل تاپتىم. قەۋەتلىك بىنادىن يۇز سەككىز كىۋادىرات مېتىرلىق مۇستەقىل ئۆي سېتىۋېلىپ، شۇ ئۆيدە تۇردۇم. دۇكاننىمۇ سېتىۋېلىپ خىلمۇ خىىل ماللار بىلەن تولدۇرىۋەتتىم.بانكىدىمۇ يۈز مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق پۇلۇم بار بولدى.قىزىممۇ  خېلى چوڭ بولۇپ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى.مەن بۇرۇنقى قىلغان ئەتكەنلىرىمگە تۆۋە قىلىپ بەش ۋاق نامازنى باشلىۋالغىلى بەش يىل بولدى.رامىزاننىمۇ ھەر يىلى ساق چىقىرىمەن.دۇكاندىن ئالغان پايدامدىنمۇ زاكات ئايرىپ،ھەر يىلى قىيىنچىلىقى بارلارغا، يىتىم يىسىرلارغا ياردەم قىلىپ تۇردۇم.نەچچە يەردىن ئايالى ئۆلۈپ كېتىپ يالغۇز قالغان ،تۇرمۇشتا قىينالغان ماڭا ئوخشاش ھاللىق سودىگەرلەردىن ئەلچىلەر كىرىۋىدى.چىرايلىق رەت قىلىۋەتتىم.ئەر خوتۇنچۇلۇق تۇرمۇشتىن كۆڭلۈم بەكلا سوۋۇپ كەتكەن ئىدى.مىنىڭ ئەمدىكى ئارزۇيۇم پەقەت قىزىم تۇرسۇنگۈلنى ياخشى ئوقۇتۇش،قاتارغا قوشۇش ئۇنىڭ بەختىنى كۆرۈش ئىدى.مەن بۇ ئارزۇيۇمغا يېتەلىسەم يەنىلا ئۆز بەىتىمنى تاپقان بولىمەن.ھە راست ،يۇرتتىكى بالىلىرىممۇ ھەر يىلى ھېيتتا كىلىپ مىنى ۋە سىڭلىسىنى يوقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەن ئۇلاردىنمۇ رازى بولدۇم.   

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


تۈگىدى.
مەنبەسى ئۆز ئىجادىيىتىم
2011-يىلى1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ تاماملاندى.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(20)
87%
ناچار
(3)
13%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • جاۋابسىزقالغان مۇھەببەت(ھېكايە)

    شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇلدى ، سەن شۇ ۋاقىتتاھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدىڭ ! كۆڭلۈڭدە بىر نىمىلەر نى ئۇيلاۋاتاتتىڭ تۇساتتىن بىرسىنىڭ بۇ يەردە ن...

  • ئىسپىرتلانغان ئادەم

    ئىسپىرتلانغان ئادەم (ھىكايە) كەچتە ئولتۇرۇش باركەن،دىگەن دەبدەبىلىك ئۈقتۇرۇشنى ئاڭلاپلا خوشھال بولماي ئەكسىچە،بېشىمغا ئالەمچە چوڭ غەم چۇشتى.يەنە شۇ ئىچىدىغان گەپقۇ، دىدىم ئاچچىق بىلەن ئۆزەمگە. ئىشتىن چۇشتۇم.پۇتۇن ئەس-خىيالىم شۇ بولغۇسى ئولتۇرۇشتا.ياپسام پ...

  • قورقۇنۇشلۇق كىچە (فاتىمە)

    قورقۇنۇشلۇق كىچە بۈگۈنمۇ يەنە شۇ يامان چۈشنى كۆرۈپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرگەن چېغىمدا 15 يىل ئاۋۋالقى ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق ۋەقە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بىز دادام ،ئانام ،ئاچام، ئىنىم ،مەن بەشىمىز ب...

  • ‹‹ئاپا ، يۈرەك سۆزۈمنى ئاڭلاپ باقامسىز ؟ ››

    بۇ قېتىمقى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەي، سىنىپتا ئالدىنقى ئون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىگە كىرەلمىدىم. ئاپام بۇنىڭدىن بەكمۇ ئاچچىقلاندى. شەنبە كۈنى نەۋرە سىڭلىم مېنى ئۆيىگە چاقىرغانىدى، ئاپام ئۇ يەرگە بېرىشىمغا قوشۇلدى. توردىمۇ ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدىغۇ دەپ ئ...

  • مەستانىلەر

    مەستانىلەر (ھېكايە) سەمەت دۇگايلى ياقۇپ مەستانە دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان تورخانىدىن خىزمەت تاپتى. بۇ تورخانا شەھەرنىڭ چېتىدىرەك بولسىمۇ، يېقىن ئەتراپتا باشقا تورخانا بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ تورخانىنىڭ تاپاۋىتىنى ئاز دېگىلى...

  • ئۆزگىچە مۇھەببەت

    (ھېكايە) مۇ جىن يېقىن يورۇق تۆت بەشەيلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ پاراڭلىشاتتۇق، بۇنداق سورۇندا مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ بولسىلا گېپىمىز تۈگىمەيتتى. مۇھەببەت ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىز ساپلا ئۇزاققىچە ئىناق ئۆتۈش، شېرىن ئايدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتنىڭ سۇسلىشىپ كېت...

  • قىزچاقىنىڭ كۆزى

    (ھېكايە) سۇ جىڭيى جۇڭ چىنىڭ قولىغا 100 يۈەنلىك ساختا خەلق پۇلى چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان، تىت - تىت بولۇپ، ئۇنى تېزرەك خەجلىۋېتىشنىڭ غېمىدە قالدى. ئۇ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىغا باردى، ئەمما بۇ يەردىكى مال ساتقۇچىلار ياش ھەم زېرەك بولۇپ، ھەر قېتىم خېرىدارلارد...

  • سەن سۇنغان ئاق گۈل

    سەن سۇنغان ئاق گۈل ( ھىكايە) بۈگۈن جۈمە. سەن چوقۇم ئالدىراش، بەلكىم كىچىكىپ كىلىشىە مۇمكىن . ئەمما بەك كىچىكىپ كەلمىگىن ،چۈنكى بۈگەن مىنىڭ تۇغۇللغا كۈنۈم ئەمەسمۇ.مەيلى سەن قانچىلىك كىچىكىپ كىلىشىڭدىن قەتئى نەزەر مەن سىنى ساقلايمەن. مەن سىنىڭ بىز بىر يىل ئ...

  • قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەڭ

    ئۆركەش ئۆتكۈر تەرجىمىسى بىر بۈركۈت دائىم باشقا بۈركۈتلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۇ بىر ئوۋچىغا: مەن سېنىڭ ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن باشقا بۈركۈتلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن! دەپتۇ. ئوۋچى: ئەگەر...

  • گۈلىنىڭ سىرى

    ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ مەمۇرۇق ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۆز يۇرتىدىن 600 كىلومىتىر يىراقلتىكى بىر شەھەرگە بۆلۈنگەن تۇرسۇن بۈگۈن ئاپىسى بىلەن تاكاللىشىپ قالدى. بالام تىزراق بول كىچىكىپ كالسىەن، مىنىڭ بارغۇم يوق ئاپا، مىنى بولدى زورلىمماڭ. مىنىڭ ئۇ يەرگە بارغۇم يوق، ئۇ...

  • پادىشاھىنىڭ ئۇستاز تۇتۇشى

    ناھايىتى زېرەك بىر پادىشاھ بار ئىدى. دائىم كىچىللىرى پۇخراچە ياسىنىپ سىرتلارنى ئايلىنىپ، ئىشلارنىڭ ئۆز يولىدا كېتىۋاتقان - كېتىۋاتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرەتتى. ئۇنى ھەر قېتىم ئەجەپلەندۈردىغىنى ، ھەر قېتىم چىققاندا بىر يىگىتىنى كۆرەتتى ، يىگىت قېيالڭاچ ھالاتت...

  • توخۇ قۇرۇمىسىنىڭ شىكايىتى

    (فېليەتون) تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم مۇشۇ كۈنلەردە توخۇ قۇرۇمىسىنىڭ دەردى ئىچىگە پاتمايلا قالدى. كىشىلەر ئۇنى شۇنچە ئەتىۋارلاۋاتسا، يەنە نېمە دەردكەن ئۇ؟ ھەممەيلەننىڭ دەردى بولىدۇ. مېنىڭ دەردىم شۇكى، دەپ سۆز باشلىدى توخۇ قورۇمىسى، مېنى ئۇستاملار دەسلەپتە يەرلى...

  • دېرىزە

    نامەلۇم دوختۇرخانىدىكى كىچىك بىر بالنېتسىدا ئىككى ئېغىر كېسەل كىشى ياتاتتى.كارىدورغا تۇتاشقان ئىشىكنىڭ قارشى تەرىپىدىكى دەرىزىدىن سىرتنى كۆرگىلى بولاتتى. دەرىزىگە يېقىن يەردە ياتقان بىمار چۈشتە بىر سائەتلا ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىناتتى،يەنە بىر بىمارنىڭ پۈت...

  • چىن سۆيگۇ

    -جانىم ~! نىمە بولىدۇ ؟ مىنى بىر قۇچاقلاپ قويغىنە ؟ قەلبىمدىكى لاۋىلداپ كۆيىۋاتقان ئىشقى ئوتى بىر ئاز بولسىمۇ پەسلىسۇن . ئۆزۇڭنى قاچۇرما ، قۇچاقلاپ قويغىنىڭغا سەندىن نىمە كىتىدۇ ؟ قىز خىجىللىقتا بىشىنى يەردىن كۆتۇرەلمەيلا قالدى . ئۇ قىزارغان يۇزىنى يىگىتك...

  • كۆز تەگكەن كۈلكە

    مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن (نەسىر) ساداقەت تۇرسۇن ئىلاۋە: مەن بۇ ئەسىرىمنى مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن. دادام 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى خىزمەت ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قېلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى يۈرەك مۇسكۇل تېقىلما كېس...