ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

روسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللاش مەيدانىنى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
پەلەستىندە زىيارەتتە بولىۋاتقان روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى، موسكىۋانىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى 1988-يىلى پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىش مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 18-يانۋار، مېد
  


پەلەستىندە زىيارەتتە بولىۋاتقان روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى، موسكىۋانىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى 1988-يىلى پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىش مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
18-يانۋار، مېدىۋىدېۋ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېرىكو شەھىرىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا:« روسىيەنىڭ مەيدانى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ. روسىيە بۇرۇنلا مەيدانىنى قارار قىلىپ بولغان » دېگەن.
مېدىۋىدېۋ:« بىز پەلەستىن خەلقىنىڭ شەرقىي ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتەك تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ھوقوقىنى قوللايمىز » دېگەن.
مېدىۋىدېۋ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى روسىيە پىرىزدېنتى.
ئەمما ئۇمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەل-جەزىرە تورىنىڭ مۇخبىرى راماللاھتىن بەرگەن خەۋىرىدە، مېدىۋىدېۋ زىيارەت مەزگىلىدە پەلەستىن پىرىزدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە يىغىندا روسىيە بىلەن پەلەستىننىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
مەنبە:ئەل-جەزىرە تورى(نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!