ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

2010-يىللىق قورال-ياراغ ئىمپورت-ئېكىسپورت ۋەزىيىتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
روسىيە دۇنيا قورال-ياراغ سودىسى ئانالىز مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، دۇنيا قورال-ياراغ ئېكىسپورتى 2010-يىلدا 71 مىليارد 700 مىليونغا يېتىپ تارىخىي رېكورت ياراتقان. بۇ مەركەزدىكى مۇتەخەسىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ سان دەسلەپكى سانلىق مە
  


روسىيە دۇنيا قورال-ياراغ سودىسى ئانالىز مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، دۇنيا قورال-ياراغ ئېكىسپورتى 2010-يىلدا 71 مىليارد 700 مىليونغا يېتىپ تارىخىي رېكورت ياراتقان. بۇ مەركەزدىكى مۇتەخەسىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ سان دەسلەپكى سانلىق مەلۇمات بولۇپ، كۆپلىگەن ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سىتاتىستىكا سانى ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
روسىيە دۇنيا قورال-ياراغ سودىسى ئانالىز مەركىزى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلدىكى قورال-ياراغ ئېكىسپورتى سوممىسىنىڭ تارىخىي رېكورت يارىتىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل بولسا، 2008-2009 دۇنيا ئىقتىسادىي كىرزىسى سەۋەبلىك، زور تۈركۈم قورال ئېكىسپورت توختامى 2010-يىلدا ئىجرا قىلىنىشقا كېچىكتۈرۈلگەن.
روسىيە دۇنيا قورال-ياراغ سودىسى ئانالىز مەركىزىنىڭ دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2010-يىلدىكى قورال ئېكىسپورت سوممىسى 28 مىليارد 340 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغىنى روسىيە بولۇپ، 8 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بىراق، روسىيەنىڭ قورال ئېكىسپورتى سانلىق مەلۇماتى ئاسراش مۇلازىمىتى، زاپچاس تەمىنلەش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى توختاملارنىڭ قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قوشسا، روسىيەنىڭ 2010-يىلدىكى قورال ئېكىسپورت سوممىسى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرغىنى گېرمانىيە بولۇپ، قورال ئېكىسپورتى سوممىسى 6 مىليارد 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، 4-ئورۇندىن 10-ئورۇنغىچە بولغىنى ئايرىم -ئايرىم ھالدا فرانسىيە(4 مىليارد 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، ئەنگىلىيە( 3 مىليارد 980 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، ئىتالىيە(3 مىليارد 320 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، ئىسرائىلىيە(3 مىليارد 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، شېۋىتسىيە( 2 مىليارد 370 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، جۇڭگو 1 مىليارد 870 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، ۋە ئىسپانىيە(1 مىليارد 560 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولغان.
قورال-ياراغ ئىمپورتى جەھەتتە، 2010-يىلدىكى ئەڭ چوڭ قورال ئىمپورت دۆلىتى ئاۋسترالىيە بولغان، ئىمپورت سوممىسى 6 مىليارد 130 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغىنى ئامېرىكا ( 4 مىليارد 880 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ۋە ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرغىنى ھىندىستان ( 4 مىليارد 560 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) بولغان. 4-ئورۇندىن 10-ئورۇنغىچە بولغانلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاكىستان(3 مىليارد 790 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، ئىراق(3 مىليارد 390 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى(3 مىليارد 270 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، سەئۇدى ئەرەبىستانى(3 مىليارد 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، سېنگاپور(2 مىليارد 330 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)، تۈركىيە( 2 مىليارد 190 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ۋە ئالجىرىيە (2 مىليارد 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ئىكەن.
گەرچە يەر شارى قورال-ياراغ سودىسى 2010-يىلدا تارىختىكى يېڭى رېكورت ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىلدىن باشلاپ چۈشۈشكە باشلايدىكەن. ئاساسلىق سەۋەبى 2011-2013 يىل ئىچىدە ئىمزالىنىدىغان يېڭى توختام سانى كۆرۈنەرلىك ئازلايدىكەن.
روسىيە دۇنيا قورال-ياراغ سودىسى ئانالىز مەركىزى تور بېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2007-يىلى ئىمزالانغان قورال ئېكىسپورت توختامىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 7 مىليارد 947 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئەمما كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 2008-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان قورال ئېكىسپورت توختامىنىڭ ئومومىي قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا7 7 مىليارد840 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 63 مىليارد 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 47 مىليارد 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، 2011-يىلى بىر قاتار چوڭ تىپتىكى ھەربىي سودا توختاملىرى ئىمزالىنىدىغان بولۇپ، ئالدىدا تۇرۇدىغىنى ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرىسىدىكى قورال ئېكىسپورت توختامى ۋە ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 126 دانە كۆپ خىل قوللىنىشچان ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش توختامى ئىكەن. ئەمما، بۇ ئىككى توختامنىڭ ئاساسىي قىسىمى 2014-يىلى يېكى تېخىمۇ كېيىن ئىمزالىنىدىغان بولغاچقا، 2011-يىلدىكى يەر شارى قورال سودىسى ئومومىي سوممىسى بەك يۇقىرى بولمايدىكەن.
بۇ مەركەزنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەر شارى قورال-ياراغ سودىسىنىڭ تۈپكى جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى 2014-يىلدىن بۇرۇن بولمايدىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!