M1A2 تىپلىق « Abrams » ئۇرۇش تانكىسى
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى 21-كۈنى بۇ يىل 12-ئايدىن كېلەر يىل 5-ئايغىچە 2-دېۋىزىيەگە M1A2 تىپلىق « Abrams » ئۇرۇش تانكىسى ۋە M2A2 تىپلىق « Bradley » بروۋنىك ماشىنىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەنۇبىي كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، يېڭى تىپتىكى تانكا ۋە بروۋنىك كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا 2-دېۋىزىيىسىنىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرى سېستىمىسى تېخىمۇ ئىلغارلىشىدىغانلىقى دېيىلگەن. ئامېرىكا 2-دېۋىزىيىسى تېخىمۇ ئىلغار ئىز قوغلاش سېستىمىسى ۋە ئوت كونترول سېستىمىسىغا ئىگە بولىدىكەن ھەمدە تانكىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، بۇ 21-ئەسىردىكى ئۇرۇشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن.
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى 8-گۇرۇپپىيىۋى ئارمىيە قوماندانى جونسوننىڭ بىلدۈرىشىچە، يېڭى تىپتىكى تانكا ۋە بروۋنىكنى 2-دېۋىزىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى نوقۇل ھالدا جەڭ ماشىنىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدا ئەمەس، بەلكى جەنۇبىي كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشتە ئىكەن. جەنۇبىي كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تانكا ۋە بىروۋنىكنى ئىشلىتىدىكەن.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرىشى جەڭگىۋار كۈچلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن. كونا ئۇرۇش ماشىنىلىرى ئامېرىكىغا قايتۇرۇلىدىكەن.
مەنبە:كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى(نەپرەت)
تىپلىق « Bradley » بروۋنىك ماشىنىسى .